تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› بالىلىققا تەلپۇنگەن يۈرەك (چوغلۇق)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    koklam
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 18
    291337624@qq.com

    يازما سانى : 4
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2009-3-23 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    بالىلىققا تەلپۇنگەن يۈرەك (چوغلۇق)

    بالىلىققا تەلپۇنگەن يۈرەك

     1

    بالىلىق چاغلىرىم زىمستاندىمۇ،
    ياسايتىم قار بوۋاي ھەۋىسىم بىلەن.
    ئۇچۇرۇپ كېتەتتى ئۆتكۈنچى شامال،
    قاقشايتىم، يىغلايتىم، ياسايتىم يەنە،
    قوللۇرۇم توڭغىچە قىلىپ بىر ئامال.....
     چېكىنىش ئۇ چاغلار مۇقەددەش ئازاپ،
    غەم-قايغۇ روھىمنى قىلالماس قامال.

    2

    چوڭ بولدۇم سۆيگۈنىڭ ھىدىنى سەزدىم،
    ياشلىقىم سىرىدىن ئېچىلىپ بىر بەت.
    تېگى يوق خىياللار رام قىلدى مېنى،
    گۈدەكلىك چاغلىرىم كېتىپتۇ ئەبەت.

     مۇھەببەت بېشىمدا كۆتۇردى غەلىيان،
    چۈشۈمگە قۇشۇلدى يېڭىچە چۈشلەر.
    خاتىرەم لىق تولدى ئوتلۇق مىسىراغا،
    كۆڭۈللۈك،مەنىلىك ئۆتتى ھەم كۈنلەر.

     ئالدىمغا تىلسىمدەك يوللارنى تاشلاپ،
    تەقدىرنىڭ ئەلچىسى سىناپتۇ ئۇزاق.
    پەرۋاسىز ياشىدىم،قىسمىتىم ئاخىر،
    توزۇتتى گۈلۈمنى، قالدۇرماي پۇراق.

    چېچىمدا تال-تال ئاق،يۇزۇمدە قۇرۇق،
    <ئاھ>دىدىم ھەسرەتتە ئەندىكىپ چۆچۇپ.
    تۇرىدۇ ئەينەكتە بىر چۈپ مىسكىن كۆز،
    پىلدىرلاپ بەك نۇرسىز قالغاندەك چۆچۇپ.

     شۇ دەقىقە، ئىشەنمەي ئۆزەمگە-ئۆزەم،
    ئىزتىراپ ئىچىدە قارىدىم ئۇزاق.
    ئىزدىدىم ئەينەكتىن بالىلىقىمنى،
    بولسىمۇ سايىسى مېنىڭدىن يىراق.........

     مەنىسىز ھاياتقا سىڭگەن پۇشايمان،
    قەلبىمگە زەررىچە بەرمىدى يورۇق.
    ئېچىندىم ئۆمۇرۇمنىڭ مەنزىلىرىگە،
    نام-ئاتاق دۇنيارىم قالغاندا قورۇق.

     قايتقۇم بار، قايتقۇم بار سەبىيلىكىمگە،
    قېنى سەن بالىلىق ئاچساڭچۇ قۇچاق.
    سىردىشىپ ياسىغان قار بوۋاي بىلەن،
    ئۆمۈرۇمگە چىن مەنا بېغىشلاي ھەرۋاق

    .......... مەنبە: چوغلۇق يازمىسى



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2009-3-23 18:59:00
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 137
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证