فرانسىيە تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا: بەل ئايلانمىسى چوڭ، قورساق سېمىز بولسا، ئۆپكە ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، دېدى ۋە قورساق يوغان بولۇشقا ئالاقىدار نۇرغۇن ساغلاملىق مەسىلىسى توغرىسىدا يېڭى ئۇقۇملارنى ئوتتۇرغا قويدى. كىشلەر قورساقنىڭ يوغان بولۇشىنىڭ قەنت سىيىش، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە يۈرەك كېسىلى قاتارلىق بىر مۇنچە كېسەللەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بالدۇرلا بىلگەن. ئەمما بەل ئايلانمىسىنىڭ ئۆپكىگە بىۋاستە بېسىم ئېلاپ كېلىپ ئەگەشمە كېسەللىك پەيدا قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى قاراش تۇنجى قېتىم ئىسپاتلاندى.
ھازىر تەتقىقاتچىلار: مەيلى سېمىزلىك ياكى تاماكا چېكىش قاتارلىق ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرستىدىغان باشقا مۇرەككەپ ئامىللار بولسۇن ياكى بولمىسۇن، قورساقنىڭ يوغانلىقى ئۆپكە ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىششىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى، قوساق قىسمىدىكى ئەزالارنىڭ ھەجمى يوغىناپ كېتىشىنىڭ ئۆپكە ۋە قىلدام قان تومۇرلار ھەركىتىنى توسۇپ قويىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئوتتۇرا ياشتىن ھالقىغاندىن كېيىنكى ئۆپكە ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى دەللىلىگەن.
“شىنخۇا تورى" دىن