تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   بىلىۋېلىڭ ›› قىزىق نۇقتىلار ›› 2009-يىللىق قىزىق نۇقتا ›› سىپراتىل دېڭىزدا ھەربى توقۇنۇش بولامدۇ؟
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
سىپراتىل دېڭىزدا ھەربى توقۇنۇش بولامدۇ؟
Biliwal
يىڭى ئەزا
دەرىجىسى : 7
جۇغلانما نۇمۇر : 7
biliwal@qq.com

يازما سانى : 152
باھا يازما سانى : -1
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق
       سىپراتىل(نەنخەي) دېڭىزدا ھەربى توقۇنۇش بولامدۇ؟ 2 - ئاينىڭ 17 - كۈنى فېلىپپىن پارلامېنتى ئاتالمىش «دېڭىز تەۋەلىكى ئاساسىي سىزىقى قانۇن لايىھىسى» نى ماقۇللاپ، ئېلىمىزنىڭ خۇاڭيەن ئارىلى ۋە سىپراتىل تاقىم ئاراللىرىدىكى (نەنشا تاقىم ئاراللىرىدىكى) قىسمەن ئاراللارنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالماقچى بولدى. ئېلىمىز ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرۈپ: خۇاڭيەن ئارىلى بىلەن سىپراتىل تاقىم ئاراللىرى ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ مۇقەددەس زېمىنى، فېلىپپىن ھۆكۈمىتى ماقۇللىغان ئاتالمىش قانۇن لايىھىسى «قانۇنسىز» دېدى. فېلىپپىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئىقتىسادىي كرېزىسكە تاقابىل تۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتقان پەيتتە، فېلىپپىننىڭ نېمە ئۈچۈن خۇاڭيەن ئارىلى ۋە سىپراتىل تاقىم تاقىم ئاراللىرىدىكى قىسمەن ئاراللار بىلەن ھەپىلىشىشكە «ۋاقتى چىقىپ قالغاندۇ»؟ بىرىنچى، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى بۇرۇۋېتىش. يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ناچار تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، فېلىپپىن ئىقتىسادى ئېكسپورت سودىسى ۋە تاشقى مەبلەغ ئازىيىپ كېتىشتەك قوش زەربىگە ئۇچرىدى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، پەقەت بۇ يىل 1- ئايدىلا فېلىپپىننىڭ سودا ئېكسپورت سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41 تۆۋەنلەپ كەتكەن. فېلىپپىن مەركىزىي بانكىسى يېقىندا فېلىپپىن بۇلتۇر جەلپ قىلغان تاشقى مەبلەغنىڭ 1مىليارد 520 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈپ قېلىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %48 ئازىيىپ كەتكەنلىكىنى جاكارلىدى. مۇشۇ ئايدا فېلىپپىن ستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سان - سىپىرلاردا كۆرسىتىلىشىچە، فېلىپپىن ئىقتىسادى ئىزچىل چېكىنىپ كەتكەنلىكتىن كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئىشسىز قالغان بولۇپ، 1- ئايدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى %7.7 كە يېتىپ، ئاسىيا بويىچە ئىشسىزلىق نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەتكە ئايلانغان. ئىككىنچىدىن، بەزى سىياسىي ئەربابلارنىڭ نىيىتى ئالا. 2010 - يىلى6-ئايدا زۇڭتۇڭ ئاررويونىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشۇپ، فېلىپپىن چوڭ سايلام ئۆتكۈزىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قايسى سىياسىي پارتىيىلەر زۇڭتۇڭلۇق تەختىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىش ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ چوڭ سايلامغا پۇختا تەييارلىق قىلماقتا. ھازىرغا قەدەر، فېلىپپىندا 10 نامزات زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، كېلەر يىلىدىكى چوڭ سايلام فېلىپپىن تارىخىدىكى رىقابەت ئەڭ كەسكىن بولىدىغان زۇڭتۇڭ سايلىمى بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، بەزى سىياسىي ئەربابلار سىياسىي نەتىجە توپلاش ئۈچۈن فېلىپپىن پارلامېنتىنى كونترول قىلىۋېلىپ، ئاتالمىش «دېڭىز تەۋەلىكى ئاساسىي سىزىقى قانۇن لايىھىسى» نى ماقۇللاتقۇزغان. بۇنىڭدىكى مەقسەت كىشىلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھىسىياتىنى قوزغاپ كېلەر يىلىدىكى چوڭ سايلامدا كۆپرەك سايلام بېلىتىگە ئېرىشىش. ئۈچىنچى، مول دېڭىز بايلىقى مەنپەئىتى نەزەردە تۇتۇلغان. خۇاڭيەن ئارىلى ۋە سىپراتىل دېڭىزى(نەنخەي)دىكى ئاراللارنىڭ دېڭىز ئاستىدا مول نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقى بار بولۇپ، قىممىتى 20 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ. فېلىپپىن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا قانۇن تەتقىقات ئورنى ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: ب د ت فېلىپپىننىڭ تېررىتورىيە تەلىپىگە قوشۇلسىلا، فېلىپپىن ئالاقىدار ئاراللارنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدىكى بايلىقلارنى ئۆز ئالدىغا قېدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە ئېچىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. جۇڭگو تەيۋەنلىك ئالىم شياۋشىچىڭ مۇنداق قارىدى: مول نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقىدىن باشقا، فېلىپپىن يەنە خۇاڭيەن ۋە نەنشا تاقىم ئاراللىرى دېڭىز تەۋەلىكىدىكى مول بېلىقچىلىق بايلىقىنىمۇ چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. تۆتىنچى، ئاتالمىش دۆلەت بىخەتەرلىكى. فېلىپپىن ھەربىي تەرەپ مۇنداق دېدى: خۇاڭيەن ئارىلى ۋە نەنشا تاقىم ئاراللىرىدىكى قىسمەن ئاراللارنىڭ فېلىپپىننىڭ پالاۋان ئارىلى بىلەن بولغان ئارىلىقى پەقەت 200 نەچچە دېڭىز مىلى كېلىدىغان بولۇپ، «130 - » C تىپلىق ھەربىي ترانسپورت ئايروپىلانىغا ئولتۇرسا 25 مىنۇتتىلا بارغىلى بولىدۇ. شۇڭا، بۇ ئارال باشقا دۆلەتلەر تەرىپىدىن «ئىشغال قىلىۋېلىنسا»، فېلىپپىننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرايدۇ. تارىخىي ھۆججەتلەردە خۇاڭيەن بىلەن نەنشا تاقىم ئاراللىرىنىڭ قەدىمدىن تارتىپلا جۇڭگونىڭ زېمىنى ئىكەنلىكى ئېنىق خاتىرىلەنگەن. جۇڭگونىڭ خۇاڭيەن ۋە نەنشا تاقىم ئاراللىرىغا قارىتا ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى ۋە ئۇنى باشقۇرىدىغانلىقىدەك رېئاللىقنى خەلقئارا جەمئىيەت بىردەك ئېتىراپ قىلىدىغان بولۇپ، خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، فېلىپپىندىكى بەزى ئالىملار «دېڭىز تەۋەلىكى ئاساسىي سىزىقى قانۇن لايىھىسى» نى توغرا تاپمىدى. فېلىپپىن يادىيەنياۋ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى لىن جىسۇڭ مۇنداق قارىدى: گەرچە فېلىپپىن «ب د ت دېڭىز - ئوكيان قانۇن خىتابنامىسى» نى باھانە قىلىپ «دېڭىز تەۋەلىكى ئاساسىي سىزىقى قانۇن لايىھىسى» نى تۈزگەن ھەمدە ب د ت غا ئۆزىنىڭ ئىقتىساد مەخسۇس رايونى ۋە ماتېرىك سۇپىسىنى ئۇزارتىش ئىلتىماسى سۇنغان بولسىمۇ، بۇ، ب د ت نىڭ فېلىپپىننىڭ تەلىپىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. چۈنكى «ماتېرىك سۇپىسىنىڭ پاسىلىنى بەلگىلەش كومىتېتى» نىڭ بۇ ئىلتىماسنى تەستىقلىشى ئۈچۈن مۇنداق بىر شەرت ھازىرلىنىشى، يەنى ئىلتىماس قىلىنغان ماتېرىك سۇپىسى توغرىسىدا تالاش - تارتىش ساقلانمىغان بولۇشى كېرەك. فىلىپپىندىن باشقا يەنە مالايسىيا، بىرۇنىي سۇلتانلىقى، ۋېتنام قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ماترىك سۇپىسىغا يېقىن بولغان دېڭىز رايونى ۋە ئادەمسىز ئارال، خادا تاشلارغا ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپىنى قويۇۋاتقىنىغا ئۇزۇن بولدى، تەيۋەن ئارىلىمۇ ئۆزلىرىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىنى كۈچەيتىش مەقسىدىدە شەرقى دېڭىزغا ھەربى پاراخوتلىرىنى ئەۋەتتى. ئەمما جۇڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ يىراق دېڭىزدا ، بىرلا ۋاقىتتا بىر قانچە دۆلەت بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغان قاتتىق، يۇمشاق ئەسلىھەلىرىنىڭ تەييار ئىكەنلىكىگە، شۇنداقلا بۈگۈنكىدەك ئىقتىسادى كىرزىس مەزگىلىدە ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق زىمىن تەلىپىنى قويىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلماق تەس.

مۇھىم خەتكۈچلەر : يوق
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2009-3-22 17:07:00 باھا : 0 كۆزىتىش : 66
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证