تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئىجادىيەت ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› يالغۇزۇم(چىمەنگۈل ئاۋۇت)
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
يالغۇزۇم(چىمەنگۈل ئاۋۇت)
aixa
يىڭى ئەزا
دەرىجىسى : 7
جۇغلانما نۇمۇر : 231
ksepar@126.com
505612914
يازما سانى : 76
باھا يازما سانى : 0
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق

      يالغۇزۇم

(چىمەنگۈل ئاۋۇت)

 

مەن پەرۋىش ئەيلىگەن چىملار خارۇزار،

 سەن دەسسەپ چەيلىگەن گۈللەردە ھىد بار.

مەن سۆيگەن سەھەرنىڭ قۇياشى يوقتۇر

سەن تامغان – كۆكلىگەن ئۈنلەردە قۇت بار.

 مەن تۆككەن تەر بىلەن ياشنايدۇ ئازاپ،

سەن تۆككەن كۆز ياشتا ئۈمىد چايقىلار.

 قىسمىتىم ئاي بولۇپ پارلىسا مۇڭلۇق،

 خىيالىڭ يۇلتۇزدەك تۈنگە تارقىلار.

 ۋىسالىڭ جەھلىدە بولساممۇ چۇلچۇل

 ھەر سەھەر باغرىمغا ئاقىسەن تىم-تىم.

 دۇنيادا ھېچكىمسىز ياشىيالمايمەن،

سەن تۇرغان مېھرىمگە چىلىشىپ، جېنىم.

ئازابىم خىلۋىتى ساڭا ناتونۇش ئاينىيدۇ،

 ئاھ، ئۇندا مېنىڭ بارلىقىم.

قومۇشلۇق لەيلەيدۇ غالىبلىقىمدا،

 ئانامنىڭ قولىغا چىقسا تارغىقىم.

 زەردابتەك ئىسىسىقمەن، يارىدەك گۈزەل،

 دادامنىڭ مۇڭلىرىنى يالمايدۇ ئورمان.

جان بالام، چۇرۇلداپ كەتسەڭ بىتاقەت،

 تۇيۇلار قۇشلارغا كىرگەندەك زۇۋان.

كۆزۈڭدىن يامرىغان مەڭگۈلۈك ئوتنى

 پارچىلاپ ئالەمگە چاچسام مەن تولۇق.

تەختىڭگە ئەل بولۇپ كۆكلەر تەبىئەت،

 بار بولغاچ قىسسىدىن ياسالغان قوۋۇق.

سۆيىسەن تۇپراقنى چاپچىشلىرىڭدا

 كۆككىمۇ سوزىسەن قولۇڭنى ھازىر...

ئاۋازىڭ چوڭقۇرىدا قۇملارنىڭ تەپتى،

 تاغلارنىڭ سۈلكىتىدىن پارلايسەن ئاخىر!


مۇھىم خەتكۈچلەر :
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2009-3-19 12:06:00 باھا : 0 كۆزىتىش : 59
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证