تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   بىلىۋېلىڭ ›› قىزىق نۇقتىلار ›› 2009-يىللىق قىزىق نۇقتا ›› گومېينىڭ باش مۇدىرى خۇاڭ گۇاڭيۈ تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
گومېينىڭ باش مۇدىرى خۇاڭ گۇاڭيۈ تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ
Biliwal
يىڭى ئەزا
دەرىجىسى : 7
جۇغلانما نۇمۇر : 7
biliwal@qq.com

يازما سانى : 152
باھا يازما سانى : -1
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق

   گومېينىڭ باش مۇدىرى خۇاڭ گۇاڭيۈ تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ

   «گومېي»نىڭ باش مۇدىرى خۇاڭ گۇاڭيۈ تەكشۈرۈلدى 2009-يىلى 2-ئاينىڭ3-كۈنىدىكى شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ خەۋىرى. جۇڭگو ئاكسىيە كەسپىنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى يېقىندا جوڭگۇدىكى ئەڭ چوڭ زەنجىرسىمان ئاىلە ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى تاللا بازىرى-«گومېي» ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى پاي كونترول چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى خۇاڭ گۇاڭيۈ دېلوسى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: خۇاڭ گۇاڭيۈ «سەنليەن» سودا جەمئىيتى، جۇڭگۈەنسۈن پەن- تېخنىكا تەرەققىيات (پاي كونترول) چەكلىك شىركىتىنىڭ بىنۇرمال پاي چېكى سودا دېلوسىغا چېتىشلىق، دەپ قارىلىپ، تەكشۈرۈلدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاكسىيە كەسپىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش كومىتېتى 2008-يىلى 28 - مارت ۋە 28 - ئاپرېل «سەنليەن» سودا جەمئىيىتى، جۇڭگۈەنسۈن بىنۇرمال پاي چېكى سودىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈشتە، يۇقىرىقى شىركەتنى قايتا تەشكىللەش، مال- مۈلۈكىنى يۆتكەش قاتارلىق مۇھىم ئىشلارغا چېتىشلىق جەرياندا، بېيجىڭ «پېڭرۈن» مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىنتىزامغا، قائىدىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى، چېتىلىدىغان پۇل سوممىسىنىڭ كۆپلۈكىنى بايقىغان. ئاكسىيە كەسپىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى قانۇنغا ئاساسەن، مۇناسىۋەتلىك ئىسپات، ماتېرىياللارنى ج خ ئورگىنىغا يوللىغان ھەم بېيجىڭ «پېڭرۈن» مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى خۇاڭ گۇاڭيۈ، دەپ بېكىتكەن. خۇاڭ گۇاڭيۈنىڭ بازاردىكى مىش- مىش گەپلەردە دېيىلگەندەك S T جىنتەي پاي باھاسىنى كونترول قىلغان - قىلمىغانلىقى توغرىسىدىكى گۇمان ھەققىدە، بۇ مەسئۇل كىشى ئېنىق جاۋاب بەرمىدى. ئاكسىيە كەسپىنى نازارەت قىلىش -باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى «گومېي» ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى پاي كونترول چەكلىك شىركىتىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «گومېي» ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى پاي كونترول چەكلىك شىركىتى بېرمۇدا تاقىم ئارىلىدا رويخەتكە ئالدۇرۇلغان، شياڭگاڭدا پېيى بازارغا سېلىنغان، پاي چېكى بازارغا سېلىنغان باشقا شىركەتلەردىن پايدىلانغان چېگرا سىرتىدىكى شىركەت بولۇپ، پېيىنى بازارغا سېلىشتا جۇڭگو ئاكسىيە كەسپىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىدىن ئۆتكۈزمىگەن، بۇ شىركەت رويخەتكە ئالدۇرغان جاينىڭ قانۇنى ۋە پېيى بازارغا سېلىنغان جاينىڭ قانۇنى بويىچە نازارەت قىلىنىدۇ، باشقۇرۇلىدۇ. ئەگەر شياڭگاڭ جۇڭگو ئاكسىيە كەسپىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ماسلىشىشىنى تەلەپ قىلسا، جۇڭگو ئېھتىياج ۋە ئەھۋالغا ئاساسەن، يېقىندىن ھەمكارلىشىدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ خەۋىرى. «گومېي» ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى پاي كونترول چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى خۇاڭ گۇاڭيۈ ساقچىلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، 28 - نويابىر ئەتىگەندىكى خەۋەردە خۇاڭ گۇاڭيۈنىڭ ئاكىسى، بېيجىڭ «شىنخېڭجى» گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى خۇاڭ جۈنچىن ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلىپ تەكشۈرۈلگەن، دېيىلگەنىدى. بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى 28 - نويابىر كەچتە شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا خۇاڭ جۈنچىننى ساقچىلار ئىقتىسادىي جىنايەت ئۆتكۈزدى، دېگەن گۇمان بىلەن تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسىدىن دەلىللىشىچە: 2008 - يىل 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى كەچتە خۇاڭ جۈنچىن ئىقتىسادىي جىنايەت ئۆتكۈزدى، دېگەن گۇمان بىلەن ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلىپ تەكشۈرۈلگەن. خۇاڭ گۇاڭيۈ دېلوسىغا ئاساسلىق مەسئۇل ساقچى ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھازىر ئىگىلىگەن ئەھۋالدىن قارىغاندا، خۇاڭ گۇاڭيۈنىڭ ئىقتىسادىي جىنايىتى بىلەن چېتىشلىق بولۇشى شەخسەن ئۆزى بىلەن چەكلەنگەن. مۇناسىۋەتلىك شىركەتلەرنىڭ نۇرمال، مۇقىم تىجارىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ساقچى تەرەپ تەكشۈرۈش داۋامىدا، كارخانىنىڭ نۇرمال تىجارەت قىلىشىغا پائال ماسلاشتى. بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسىدىكىلەر يەنە مۇنداق دېدى: بېيجىڭ جۇڭگوەنسۈن پەن- تېخنىكا تەرەققىيات (پاي كونترول) چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى شۈ جۇڭمىن ئەتكەس مال كىرگۈزۈش، باج يۇشۇرۇش قاتارلىق ئىقتىسادىي جىنايەت بىلەن چېتىشلىق بولغاچقا، تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.


مۇھىم خەتكۈچلەر : يوق
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2009-2-7 2:57:00 باھا : 0 كۆزىتىش : 74
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证