تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-ئوبزور ›› ئاتا-ئاننىڭ قولىدىن كېلىدىغىنى ۋە كەلمەيدىغىنى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Kurshat
    يېڭى ماتروس
    دەرىجىسى : 6
    جۇغلانما نۇمۇر : 86
    kurshat@qarluq.com

    يازما سانى : 2
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئاتا-ئاننىڭ قولىدىن كېلىدىغىنى ۋە كەلمەيدىغىنى

         ئاتا-ئاننىڭ قولىدىن كېلىدىغىنى ۋە كەلمەيدىغىنى

       مەن ساڭا ھاياتلىق ئاتا قىلالايمەن ، لېكىن سېنىڭ ئورنىڭدا ياشىيالمايمەن. مەن ساڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىتەلەيمەن ، لېكىن سېنى ئۆگىنىشكە زورلىيالمايمەن مەن قانداق ئادەم بولۇشۇڭنى يول كۆرسىتەلەيمەن،لېكىن بارلىق يۈرۈش تۈرۈشىڭگە مەسئۇل بولالمايمەن. مەن ساڭا ئاق - قارىنى قانداق پەرىق ئېيتىشنى ئۆگىتەلەيمەن،لېكىن سېنىڭ ئورنۇڭدا ئېنىق تاللاپ بېرەلمەيمەن. مەن ساڭا مېھىر- مۇھەببەتنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرەلەيمەن ، لېكىن ھەممىسىنى قوبۇل قىلىشقا زورلىيالمايمەن، مەن ساڭا باشقىلارنى قانداق ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىتەلەيمەن، لېكىن سېنىڭ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇشۇڭغا كاپالەت قىلالمايمەن. مەن ساڭا ھەقىقىي دوستلۇقنىڭ قانداق بولۇشىنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن،لېكىن ساڭا دوست تاللاپ بېرەلمەيمەن. مەن ساڭا جىنسىيەت توغۇرلۇق تەربىيە بېرەلەيمەن ، ، لېكىن پاكلىقنى ساقلاپ قېلىشىڭغا كاپالەت قىلالمايمەن . مەن ساڭا كىشىلىك ھاياتنىڭ ھەقىقىتىنىڭ سۆزلەپ بېرەلەيمەن،لېكىن ساڭا شان - شەرەپ ئېلىپ كېلەلمەيمەن. مەن ساڭا ھاراقنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتەلەيمەن، لېكىن سېنىڭ ئورنۇڭدا ئۇنى رەت قىلالمايمەن. مەن ساڭا زەھەرلىك چېكىمنىڭ زىيانلىقىنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن، لېكىن ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشۇڭغا كاپالەت بېرەلمەيمەن. مەن ساڭا ئادەم ھاياتىدا يۈكسەك نىشان بەلگىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن،لېكىن سەن ئۈچۈن بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرەلمەيمەن. مەن ساڭا ئادەم بولۇشنىڭ ھەقىقىي پەزىلىتىنى ئۆگىتەلەيمەن،لېكىن سېنىڭ ئاق كۆڭۈل بولالاشىڭغا كاپالەت قىلالمايمەن. مەن سېنىڭ سەۋەنلىكىڭنى كۆرسىتىپ بېرەلەيمەن،لېكىن سېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپ ئەخلاقلىق ئادەم بولۇشۇڭغا كاپالەت بېرەلەيمەن. مەن ساڭا قانداق ياشىغاندا تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولىدىغاندىلا ئېيتىپ بېرەلەيمەن،لېكىن ساڭا مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلالمايمەن. مەن ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ،ساڭا گۈزەل نەرسىلەرنى ئاتا قىلالايمەن،لېكىن ساڭا ئىستىقبال ۋە كەسىپ ئاتا قىلالمايمەن.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2009-1-29 22:12:00
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 2868
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证