شېئىر «قىزىمنى سېغىنىش»
مەزكۇر شېئىرنىڭ ئاپتۇرى ئانارگۈل ئۇيغۇر ، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پبتتۈرگەن ، ماگىستىر ، 1981 - يىلى 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئۈرۈمچى داۋانچىڭ رايونى تۇزكۆل ئەتراپىدا تۇغۇلغان ، ئۇ ھازىر مەملىكەتلىك ئورمانچىلىق باش ئىدارىسىدىن چىقىدىغان خەنزۇچە <ئېكولوگىيە مەدەنىيىتى >ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى ، خەنزۇچە <جوڭگولۇقلار > ژۇرنىلىنىڭ ئىجرائىيە باش مۇھەررىرى ، مەملىكەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى . ئۇ ئادەتتە ئەسەرلىرىنى خەنزۇچە يازىدىغان بولغاچقا ، ئۇنىڭ مەزكۇر شېئىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ، ئابونتلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق .
قىزىمنى سېغىنىش قار ياغماقتا تىۋىشسىز ،
ئاستا ، پاك سېغىنىشقا تولدى كۆك ساما .
قارلىق يەر ئۆزرە يوللارغۇ تۈپتۈز ،
ئاھ ، كۈتۈش چارچاتتى جىسمىمنى مانا .
كۆرمىدىم سېنى ، ئاچمىدىڭ ئىشىك ،
دېرىزە چېكىپ ئۆتكەندە سابا .
ھىلال ئاينى تۇتتۇم قۇلاققا ،
كەلمىدى سەندىن يەنە ھېچ سادا .
قاردىكى خىرە ئۇپۇق سىزىقى ،
ئايلانماقتا سېغىنىشلىرىمغا .
قىلىپ زىكىر ئىسمىڭنى بۇدەم ،
تاپارمەن تەسەللى خەستە دىلىمغا .