تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   ئىنىسكىلوپېدىيە ›› جاھاننامە ›› دۆلەت ۋە رايونلار ›› نورۋېگىيە سامىلار ئىشلىرىغا دائىر قانۇن ۋ
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
نورۋېگىيە سامىلار ئىشلىرىغا دائىر قانۇن ۋ
TarimDadxah
يولۇچى
دەرىجىسى : 6
جۇغلانما نۇمۇر : 54
erkal@126.com

يازما سانى : 38
باھا يازما سانى : 0
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق

نورۋېگىيە سامىلار ئىشلىرىغا دائىر قانۇن ۋە ئەمەلىيەت
ئاپتور : ياركەنت (ئۇيغۇربىز مۇنبىرىدىن )
تەرجىمان: تارىم دادخاھ

   2009-يىل 1-ئاينىڭ 14-~15-كۈنلىرى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مىللەتلەر تەتقىقات مەركىزى بىلەن نورۋېگىيە ئوسلۇ ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىكتە مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا نورۋېگىيىدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى بويىچە چاتما لېكسىيە ئۇيۇشتۇردى.
    بىرىنچى لېكسىيە:نورۋېگىيە مىللەتلەر ئىشلىرى قانۇنى ۋە ئەمەلىيىتى، لېكسىيە سۆزلىگۈچى: نورۋېگىيە ئەمگەك-ئىجتىمائىي بىرلىك مىنىستىرلىكى سامىلار ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پېتتېر درېفۋېلىن؛ ئىككىنچى لېكسىيە: نورۋېگىيە مىللەتلەر ئىگىلىكى ۋە مەدەنىيىتى ئىشلىرى قانۇنى ۋە ئەمەلىيىتى، لېكسىيە سۆزلىگۈچى: نورۋېگىيە يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە رايون تەرەققىياتى مىنىستىرلىكىنىڭ پەۋقۇلئاددە مەسلىھەتچىسى ئارنې گۇدبراند ئارنېسېن؛ ئۈچىنچى لېكسىيە: نورۋېگىيە مىللەتلەر ئىشلىرىنىڭ دۆلەت ئىچى قانۇن ئەمەلىيىتى ۋە خەلقئارا قانۇن، لېكسىيە سۆزلىگۈچى: ئوسلۇ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنچىلىق ئىنستىتۇتى نورۋېگىيە ئىنسان ھوقۇقلىرى تەتقىقات مەركىزىنىڭ دوتسېنتى، مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مېھمان پروفېسسورى در. مارىئا لۇندبېرگ.

    لېكسىيىدە نورۋېگىيىلىك ئۈچ نەپەر مۇتەخەسسىس ھەرقايسىسى ئۆز قارىشى نۇقتىسىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا نورۋېگىيىدىكى ئاساسلىق ئاز سانلىق مىللەت سامىلار مەۋجۇتلۇقىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەم ئالاقىدار قانۇن ئەمەلىيىتى ئۈستىدە يىغىنغا قاتناشقان ئالىم-مۇتەخەسىسلەر بىلەن قىزغىن مۇھاكىمە يۈرگۈزدى، مەزمۇندىن ئۈزۈندىلەر تۆۋەندىكىچە:

  1. نورۋېگىيىدىكى سامىلارنىڭ ئاساسلىق ئەھۋالى

    نورۋېگىيە پادىشاھلىقى شىمالىي ياۋروپادىكى 4 مىليون 800 مىڭ نوپۇسى بار دۆلەت. سامىلارنىڭ ئېنىق نوپۇس مەلۇماتى يوق، تەخمىنىي مۆلچەردە 100 مىڭ ئۆپچۆرىسىدە، دەپ قارىلىدۇ، نورۋېگىيە، شۋېتسىيە، فىنلاندىيە، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئولتۇراقلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە نورۋېگىيىدىلا 70مىڭچە سامىلار ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، سامىلار بۇ دۆلەتتە يەرلىك ئاھالە، ئاساسلىق ئاز سانلىق مىللەت، دەپ قارىلىدىغان بولۇپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان، ئاساسلىقى فىننمارك ۋىلايىتىگە مەركەزلىشىۋىرەك ئولتۇراقلاشقان، ۋىلايەت نوپۇسىنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيدۇ. سامىلارنىڭ بىرنەچچە خىل تىلى بولۇپ، ئۆزئارا ئالاقە قىلالمايدۇ، نورۋېگىيىدىكى سامىلار ئالاقىدە شىمالىي سامى تىلىنى قوللىنىدۇ.

2. سامىلارنىڭ قانۇنىي ئورنى

   سامىلار ھەم ئاز سانلىق مىللەت ھەم يەرلىك ئاھالە، دەپ قارىلىدۇ، ئۇلار نورۋېگىيە پادشاھلىقىنى قۇرغۇچى ئىككى ئاساسلىق مىللەتتۇر. بۇ ئىككىسىنىڭ پەرقى شۇكى، يەرلىك ئاھالە دۆلەت چېگرىسى شەكىللىنىشتىن بۇرۇن، يەنى دۆلەت ئۇقۇمى شەكىللىنىشتىن بۇرۇن بۇ زېمىندا ئولتۇراقلاشقان ئادەملەر توپى بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەت ، دېگەن بۇ ئۇقۇم ئاددىي قىلىپ كۆپ سانلىق كۆچمەن نورۋېگىيەلىكلەرگە نىسبەتەن ئېيتىلغان ئاز سانلىق مىللەت ئەۋلادلىرىدۇر، بۇ ئىككىسى يەرلىك ئاھالە ۋە غەيرىي يەرلىك ئاھالەدىن ئىبارەت.

   سامىلارنىڭ قانۇنىي ئورنى دۆلەت قانۇنلىرى ۋە خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن بېكىتىلگەن. دۆلەت قانۇنلىرى سامى قانۇن لايىھىسى قاتارلىقلاردۇر، ھالبۇكى خەلقئارا قانۇن ئاساسەن ب د ت نىڭ << گراژدانلار ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇق ئەھدنامىسى>> نىڭ 27-ماددىسى، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ << يەرلىك ئاھالە ۋە قەبىلە ئەھدنامىسى>> قاتارلىقلاردۇر.

   ھالبۇكى، تەكىتلەشكە تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم بىر پرىنسىپ شۇكى: گراژدانلار باب-باراۋەر، مەسەلەن داۋالاشتا ئوخشاشمىغان ئىرققا قاراپ مۇئامىلە قىلىنمايدۇ، بەلكى ئىرققا قاراپ مۇئامىلە قىلىش باشقىلارنى ھاقارەتلەش بولۇپ، جىنايى ئىشلار قانۇنىغا خىلاب قىلمىشتۇر. ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل، مەدەنىيەت، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا دۆلەتتىكى ئاساسىي گەۋدە مىللەت بىلەن باراۋەر پۇرسەتتە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. بۇ پرىنسىپلار قەدىمىي مىللەتكىلا تەھقىقلىنىپ قالماستىن بەلكى يېڭى كۆچمەنلەرگىمۇ تەھقىقلىنىدۇ. رېئاللىقتا ئاز سانلىق مىللەتكە يۈرگۈزۈلگەن بەزى قوغداش سىياسىتى دەل رېئاللىقتىكى باراۋەرسىزلىككە قارىتا يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ، باراۋەرلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلغان تەدبىردۇر.

3. سامىلار پارلامېنتى
   سامىلار پارلامېنتى سامىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە سامىلار مەدەنىيىتىنى قوغدايدىغان يادرولۇق ئاپپارات بولۇپ، نورۋېگىيە دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك سايلىمى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلىدۇ. پارلامېنت سايلىمى 1985-يىلى مەملىكەتتىكى 7 سايلام رايونىدا تۇنجى قېتىم سايلام ئۆتكۈزگەن. نامدا پارلامېنت بولغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە مۇستەقىل قانۇن تۇرغۇزۇش ھوقۇقى يوق، پەقەت تەكلىپ بېرىش ھوقۇقىلا بار. دۆلەت مەجلىسى سامىلارغا دائىر قانۇن ماقۇللىغاندا ئالدى بىلەن سامىلار پارلامېنتىنىڭ پىكرىنى ئالىدۇ، ئوخشاشلا ھۆكۈمەت ئەگەر سامىلارغا دائىر سىياسەت چىقارماقچى بولسا يەنىلا مەزكۇر پارلامېنت بىلەن كېڭىشىدۇ، ناۋادا ئوخشاشمىغان پىكىر بولسا ھۆكۈمەت بۇ پىكىرنى ھۆكۈمەت ھۆججىتىنىڭ قوشۇمچىسى سۈپىتىدە دۆلەت مەجلىسىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنىدۇ. سامىلار پارلامېنتى يەنە ھۆكۈمەت بەرگەن ھوقۇققا ئاساسەن ئازراق مەمۇرىيەت ھوقۇقىمۇ يۈرگۈزىدۇ. ئەمما سامىلار پارلامېنتى مۇستەقىل ئاپپارات بولغاچقا ھوقۇق ئىجراسى دۆلەت مەجلىسى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ دەخلىسىگە ئۇچرىمايدۇ.

   نورۋېگىيە گراژدانلىرى مىللىي سالاھىيەتتە تىزىملانمايدۇ، ناۋادا سامى پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلار بولسا ئالدى بىلەن تىزىملاش مەھكىمىسىگە بېرىپ سالاھىيەت ئېتىراپى ئالىدۇ، ئېتىراپ ئۆلچىمى چىن كۆڭلىدىن سامىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش، قوش بوۋا-مومىلىرىنىڭ بىر تەرىپى چوقۇم سامى تىلىدا سۆزلىيەلەيدىغان بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ.
(داۋامى بار)


مۇھىم خەتكۈچلەر :
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2009-1-20 0:01:00 باھا : 0 كۆزىتىش : 60
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证