كۇندە يېڭى گەپ تۇرار تاشلىنىپ ،
يىلدا يېڭى كۇي بولغاندا مۇدا ،
ئۆزگەردى دۇنيا كۆپ دىدۇق ۋەلىكىن ،
كەم ئەمەس تۇرمۇشتا ئاچال ۋە دوقا .
كۆپ ئىشلار ھاجەت ئەمەس باش قاتۇرۇشقا ،
ئەنسىرەپ يۇرگەن ئىش يۇز بىرەر بەك ئاز ،
ھەسرىتىم ،دەتلىرىم بۇزمىسۇن ئەسلا ،
بۇ گۇزەل كىچىنىڭ كەيىپى نەك ساز.
+++++++++++++++++++++++
ئاي نۇرى قۇينىدا كۆلەر ياسىمەن ،
زېمىندا تەۋرىنىپ ئۆزەر ئاي كىمە ،
دىلىمىزدىن چىقىرىپ تىلەيلى ؛ تۇرمۇش -
بولسۇنچۇ ياخشىراق ئاسايىش يەنە .
++++++++++++++++++++++++
كۇلكە ياغار كۆزلەردىن _كۇلكە ياغار ،
كۇلكە ياغقان كۆزلەردە مۇھەببەت بار،
كۇلۇپ باقساڭ ئالەمگە ھەر دەقىقە ،
بار مەۋجۇدات ساڭىمۇ كۆلۇپ باقار .
+++++++++++++++++++++++++++++++
ئەسلىنىسەن نۇر سۆيسەڭ نۇر قەلبىدە ،
ئۆركەشلەيدۇ دەريامۇ سىنىڭ ئۈچۈن ،
چىراغ بولۇپ يېقىلساڭ دىل قەسىرگە ،
يېشىلىدۇ يېشىلمىگەن سانسىز تۇگۇن .
++++++++++++++++++++++++++++
باقىي ئەمەس ھېچكىمگە ھايات دېگەن ،
كەتتى تالاي ئەركەكلەر ئەستىن چىقىپ ،
كىملەر باھار ،كىملەر گۇل،كىملەر تىكەن ،
كەلدى تارىخى بىر _بىرلەپ باھا بىرىىپ .
+++++++++++++++++++++++++++
شۇڭا دەيمەن كۆزلىرىڭ كۆلۇپ تۇرسۇن ،
كۈلكە بەرگىن ئۆزگە ھەم ئۆزگىلەرگە ،
شەيتىنىڭنى ئادىمىيلىك سۆرۇپ تۇرسۇن ،
يەتكىن ھامان ھاياتىڭنىڭ قەدىرىگە .
مەنبە:ھەسرەت