تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› تەبىئەت ›› جۇغراپىيە ›› بالىلارنى ئوزۇقلاندۇرۇشتىكى بەزى خاتا قار
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    aixa
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 0
    ayshemgul848@hotmail.com

    يازما سانى : 0
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : بار
    بالىلارنى ئوزۇقلاندۇرۇشتىكى بەزى خاتا قار

    سۈت ۋە تۇخۇمنى ناشتىلىق ئورنىدا  ئىستىمال قىلىش كېرەك دەپ قاراش

    ئەگەر ناشتىدا دانلىق زىرائەت تۈرىدىكى يىمەكلىككەر،مەسلەن ،نان ،سۇيۇقئاش ،شوۋىگۈرۈچ ،قاتارلىقلار كەم بولسا بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

     بالىلارغا كۆپرەك كالتسىي بېرىش  ئارقىلىق كالتسىي تولۇقلاش كېرەك دەپ قاراش.

    دوختۇرلارنىڭ كۆرسىتىشىچە ،بوۋاقلارنىڭ تېنىدە كالتسىي كەم بولماستىن ،بەلكى كالتسىينىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋېتامىن   كەم بولىدىكەن .شۇڭا خاس كالتسىي تولۇقلاشقىلا

    ئېسلىۋالماي،يىمەكلىك ئارقىلىق تولۇقلاش ياكى بېلىق مېيى ئارقىلىق تولۇقلاش كېرەك .

    بالىلارنى قېلىنراق كىيىندۈرۈش كېرەك دەپ قاراش.

    ئەمەلىيەتتە بالىلار ھەركەت قىلغاندا چىقارغان ئىسقلىق ئېنىرگىيسى چوڭلارنىڭكىدىن كۆپ بولىدۇ .شۇڭا بالىلارنى قېلىن كىيىندۈرمەسلىك كېرەك.

    پۇرچاق تۈردىكىلەرنى كۆكتات دەپ قاراش

    ئەمەلىيەتتە  پۇرچاق تۈردىكىلەر گۆشلۈك سەي دەپ قارىلىدۇ.ئەگەر بالىلارغا خاس دۇفۇ قورۇمىسىنىلا     بەرسە ،يېمەكلىكى تەركىبىدە كۆكتات كەمچىل بولىدۇ. شۇڭا تۇخۇم، كۆكتات ۋە گۆشنى مۇۋاپىق

    تەڭشەپ بېرىش كېرەك.

     بالىلارنىڭ تەرىتى قۇرغاق بولسا بانان،كۈنجۈت يېغى بېرىش كېرەك دەپ قاراش

    پەقەت بۇلارنى يېيىش كار قىلمايدۇ .ئەڭ مۇھىمى بالىلاردا ياخشى تەرەت قىلىش ئادىتى ۋە مۇقىم تەرەت قىلىش ۋاقتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

       بالىلارنى ئاپتاپقا قاقلاندۇرۇشقا بولمايدۇ دەپ قاراش.

    بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئاپتاپقا قاقلاندۇرغاندا يۈزىگە ياغلىق يېپىپ ياكى بېشىغا دوپپا

     كىيگۈزۈپ قويىدۇ.دوختۇرلارنىڭ كۆرسىتىلىشىچە ،بۇنداق ئاپتاپقا قاقلاندۇرۇشنىڭ ھېچقانداق

    ئۈنۈمى بولمايدىكەن .توغرا ئۇسۇل بولسا بالىلارنىڭ ئارقا مېڭىسى،قول-پۇتلىرىنى ئاپتاپقا قاقلاش

     بولۇپ،بۇئارقىلىق نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.

    ھايۋان جىگىرىنى ئاساسلىق ئوزۇقلۇق تولۇقلىغۇچى دەپ قاراش.

    ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ بالىلارنىڭ يېتىلىشىگە نىسبەتەن ناھايتتى زور پايدىسى بار.شۇڭا نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا كۆپرەك ھايۋان جىگىرىدە بەزى زىيانلىق تەركىبلەر ساقلانغان

    بولۇپ ،كۆپ ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ.شۇڭا خاس ھايۋان جىگىرىنىلا ئەمەس،بەلكى باشقا

    ئەزالىرىنىمۇ قوشۇپ بېرىش كېرەك.

    پارچە-پۇرات يېمەكلىكلەر سالامەتلىككە زىيانلىق دەپ قاراش.

    ئەمەلىيەتتە بالىلارغا كۆپرەك پارچە-پۇرات يېمەكلىكلەرنى بېرىش ئارقىلىق بەدىنىدە

    كەمچىل بولغان ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.بولۇپمۇ ئورۇق بالىلارغا ئەڭ ياخشىسى كەچلىك تاماقتىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا پارچە –پۇرات يېمەكلىكلەرنى بېرىش كېرەك.

    باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالىلارغىمۇ بۇخىل ئۇسۇلنى قوللانسا يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

    كۆكتاتلارنىڭ پوستىنى،يوپۇرمىقىنى ئېلىۋىتىپ پىشۇرۇپ يېسە ئوزۇقلۇق قىممىتى يوقىرى بولىدۇ

     دەپ قاراش.

    ئەمەلىيەتتە كۆكتاتلارنى ئاقلىۋەتمەي ئىستىمال قىلسا تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.مەسىلەن ،تۇرۇپ،

    كاۋا،كەرەپشە قاتارلىقلارنىڭ پۇستىنى ياكى يوپۇرمىقىنى ئېلىۋەتمەي شورپا قىلسا ئوزۇقلۇق قىممىتى يوقىرى بولىدۇ.ئادەتتە كۆكتات يوپۇرمىقىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى غولىغا قارىغاندا تېخىمۇ يوقىرى

     بولىدۇ.

      - گۈزەلنۇر ئابدۇكېرم تەرجىمىسى


     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2008-12-22 12:39:00
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 294
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证