ئەسسالامغا تويۇنغان ھۆرمەت ،
ئېشىپ بارار ھەركۇنى قىممەت.
مېھرىبانلىق تۇققانلار ئارا،
بىيىماقتا ئەجىر ۋە ھېممەت.
يېتىملارغا قىلماقتا ياردەم،
يىغىلماقتا ئەھلى جامائەت.
ئاسايىشلىق ئىناق كەيپىيات،
تارالماقتا ئۇدۇم موھەببەت .
خوشال چېھىر قايناپ ئۆيلەردە،
جۇشقۇن يۈرۈش بولسۇن بىر ئادەت.
يۇقاپ كەتسۇن قاپاق تۈرۈشلەر،
بەخىت دەرىخى كۆكلىگەي ئەبەد.
ئاپتورى:قەدىردان