ھىچ كىشىگە كۆيمىگەن چاغدا
پەقەت ساڭا كۆيگەن ئىدىمغۇ
سۈيۈش نىمە بىلمىگەن چاغدا
تۇنجى سىنى سۆيگن ئىدىمغۇ
سەن ئىدىڭغۇ تۇنجى سۆيگىنىم
يۈرىكىمنى لەرزىگە سالغان
شادلىقىمنى تۇنجى كۈلكەمنى
مىھرى بىلەن قوينىغا ئالغان
تۇساتتىنىلا تەقدىر شامىلى
قاياقلارغا ئۇچۇردى سىنى
تۇنجى سۆيگۈم قالغاچقا سەندە
كۆيمەس قىلدىڭ ھىچكىمگە مىنى
تۇنجى سۆيگۈ شۇنداق بۇلارمۇ
ئاشىق يەتمەي مەشۇق ۋەسلىگە
سەبىي چاغدا يارلانغان يۈرەك
قاچان كىلەر ئەمدى ئەسلىگە
ئاپتۇرى: مەربىيە مەۋلان (ۋاپادار قىز )