شىپالىق رولى كۆپ بولغان سامساقنىڭ شىپالىق رولى ئۇنىڭ يېنىك زەھەر تۈرىگە تەۋە بولغانلىقىدىن بولۇپ، مۇۋاپىق ئىستىمال قىلغاندا مىكروپ ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارى جارى بولىدۇ، زىيادە كۆپ ئىستىمال قىلغاندا باش ئاغرىقى، قان ئازلىق ، كۆرۇش قوۋۋىتى توۋەنلەش، قۇلاق غوڭۇلداش، باش ئېغىرلىشىپ پۇت قول ماغدۇرسىزلىنىش، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى توۋەنلەش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. ياز ۋە كۈز كۈنلىرى سامساقنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا كۆزگە زىيىنى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ. سامساق ۋە پىيازمېغىز تۈرىنىڭ كۈشەندىسى بولۇپ سامساقنى كۆپ ئىستىمال قىلىش تۈپەيلى پەيدا بولغان ھەر قانداق ئەكىس تەسىرنى ياڭاق، بادام قاتارلىق مېغىز تۈرىدىكىلەر قايتۇرىدۇ.
دىمەك : شىپالىق رولى كۆپ بولغان ھەر قانداق يىمەكلىكنىڭ ئىشلىتىلىشى مۇۋاپىق بولمىغاندا كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ .