كۆرگىنىمدە ھەر قېتىم سېنى
كۆرگىنىمدە ھەر قېتىم سېنى
شوق رېتىمدا تىپىرلار يۈرەك
تەسەددۇقتۇر ساڭا بارلىغىم
يوق ئىدى يايرىم سېنىڭدىن بۆلەك
كۆرگىنىمدە ھەر قېتىم سېنى
ھېس تۇيغۇممۇ سالاتتى چوقان
يوقالدى ئۇ شىرىن ھېس تۇيغۇ
سەن يۈز ئۆرۈپ كەتكەندىن بۇيان
كۆرگىنىمدە ھازىر مەن سېنى
ئازاپ ئىچرە يىغلار يۈرەگىم
ئەقىدەمگە پۇشايمەن قىلىپ
ھەسرەت يۇتۇپ ئۆتەر كۈنلەرىم
رايىم قايتتى سېنىڭدىن
چىقىرۋېتەي كۆڭلۈمدىن سېنى
لەنەت ئېيتار جۈپ كۆزۈم ئەگەر
كۆرۈپ قالسا ناۋادا سېنى