تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› تەرجىمە-تەرمىلەر ›› تەرجىمە-تەرمىلەر ›› بۆرىنىڭ تىجارەت دەستۇرى
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
بۆرىنىڭ تىجارەت دەستۇرى
Biliwal
يىڭى ئەزا
دەرىجىسى : 7
جۇغلانما نۇمۇر : 13
biliwal@qq.com

يازما سانى : 161
باھا يازما سانى : -1
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق
     بۆرىنىڭ ئاغزىدىن قان تېمىپ تۇرسىمۇ ، لېكىن ھەر قاچان ئۆز ھەمراھلىرىغا چېقىلمايدۇ. گۆشخور ھايۋانلار ئىچىدە ئەڭ كۆپ ھەركەت قىلىدىغىنى بۆرە ، بىراق بۆرە  قانداق چاغدا ھەرىكەت قىلىشنى ئوبدان بىلىدۇ ، ئۇلارنىڭ كۆز نۇرىدىن قەبىھلىك تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ، ئىنسانلار ۋە ئۇلاردىنمۇ كۈچلۈك گۆشخور ھايۋانلار ھەرقاچان ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشنىڭ كويىدا يۈرىدۇ، بىراق ئۇلار شىر يولۋاسقا ئوخشاش نەسلى قۇرۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغىنى، سۈننى كۆپەيتىلىپ قەپەزلەردىلا كۆرگەزمىگە ساقلىنىپ قالغىنى يوق، ياۋايى ھايۋانلار تەبىئى ئوزۇقلار  كەم بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇلار يەنىلا ئۆزلىرى ياشاۋاتقان يايلاقنىڭ تەڭداشسىز شاھى.
    سودا مەيدانى خۇددى ئىس-تۈتەكسىز جەڭ مەيدانى . سودا دېڭىزىدا پەلەككە تاقاشقان دولقۇن بىلەن ئېلىشىۋاتقان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، بۆرىنىڭ تىجارەت دەستۇرىنى ئۆگىنىپ قۇيۇش زىيانلىق ئەمەس.
1.كەپىدە يېتىپ داچىنى ئويلاش : بۆرىنىڭ شىر گۆشىگە ئامراق ئەمەسلىكىگە كىم ھۆددە قىلالايدۇ ؟ئەمما ئۇ ھەر قانداق ھايۋانغا كۈچى يەتكۈدەك زورايغاندىمۇ  بۇرنىنىڭ ئۈچىدىكى غەلبىسىگە مەپتۇن بولۇپ ،ئۆزىدىن كۈچلۈك رەقىبىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئاقىلانىلىك ئەمەسلىكىنى تازا بىلىدۇ .
   2. ئۆملۈكنىڭ كۈچىنى تونۇش : ئەگەر بۆرە ئۆزىدىن كۈچلۈك رەقىبىگە ھۇجۇم قىلىشقا مەجبۇر بولسا ، ئۇنداقتا نەچچە ئونى ، ھەتتا نەچچە يۈزى بىرلىشىپ ھۇجۇم قىلىدۇ .
   3. ئۆزىنى ئوبدان چۈشىنىش : بۆرىمۇ ھايۋانلارنىڭ پادىشاھى بولۇشنى كېچە-كۈندۈز ئويلايدۇ ، بىراق ئۇ ئۆزىنىڭ يولۋاس ئەمەسلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ .
   4 .ئاز يەمچۈك بىلەن زور ئوۋغا ئېرىشىش : بۆرە قانداق قىلغاندا ئەڭ ئاز بەدەل بىلەن ئەڭ كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ ، بۆرە ئوۋغا قورشاپ ھۇجۇم قىلغاندا ، ھامان ئوۋ نىشانى چېكىنگەندە چوقۇم ئۆتىدىغان يولغا پىستۇرما قويىدۇ ، ئوۋ يېقىنلاشقان چاغدا ئازراق كۈچەپلا تۇتۇۋالىدۇ . كۆپىنچە بىرلىشىپ ھەركەت قىلىدۇ. شۇڭا بۆرە ئوۋ جەريانىدا ئاساسەن چىقىم تارتمايدۇ.
   5.بىر نىيەت ، بىر مەقسەت : بۆرە ئاشقازىنىنىڭ پەقەت گۆشنى ھەزىم قىلىشقىلا مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ ، شۇڭا ئەزەلدىن كالا ، بۇغا ۋە ماراللار بىلەن چۆپ تالىشىپ يۈرمەيدۇ. ئۇ ئۆزى قىلالايدىغان ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىدۇ، ئوۋ ئولجىسىنى پاك-پاكىز سوقۇۋېتىشتە ھىچقانداق ھايۋان بۆرىگە يەتمەيدۇ، ئەمما بۆرە ئەزەلدىن باشقا گۆشخورلاردەك زىيادە يەۋېلىپ سەمىرىپ كەتمەيدۇ.
   6. باشتىن ئاخىر بوشاشماسلىق : ئەگەر بۆرە بىرەر ھايۋاننى ئوۋ نىشانى قىلىپ تاللىسا ، ئۇنى ئاخىرغىچە ، يەنى رەقىبى يۈگۈرۈپ ھالىدىن كەتكۈچە بوشاشماي قوغلايدۇ، ھەتتا ھەپتىلەپ ئىز بېسىپ پۇرسەت كۈتىدۇ.
   7.رەقىبىنى ئوبدان چۈشىنىش : بۆرە ھەر قېتىملىق ھۇجۇم باشلىنىشتىن بۇرۇن رەقىبىنى ئايلىنىپ يۇرۇپ ئۇنى ئوبدان چۈشىنىدۇ ، رەقىبىنى سەل چاغلايدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلمايدۇ ، شۇڭا بۆرىنىڭ ھۇجۇمى كۆپ ھاللاردا مەغلۇپ بولمايدۇ .
   8.كېيىنكىلەرگە ماھارەت ئۆگىتىش : بۆرە كۈچۈكلىرى مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغاندىن تارتىپ ، ئۇلارغا ماھارەت ئۆگىتىشنى باشلايدۇ. بۆرە ھەتتا قەپەزدە بولسىمۇ بالىلىرىغا ئوۋلاشنى ئۆگىتىپ تۇرىدۇ، شۇڭا ھايۋاناتلار باغچىسىدا پەقەت بۆرە بالىلىرىلا ئوۋلاش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قويماي قويۇۋېتىلگەن ھامان ئەركىن ياشىيالايدۇ. بىراق باغچىدا تۇغۇلغان شىر-يولۋاسنىڭ بالىلىرى تەبىئەتكە قويۇۋېتىلسە پارچىلانمىغان گۆشنى يىيىشنىمۇ ئۇقماي ئاچ قېلىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.
[qarluq تەستىقلىدى . 2010-3-29 17:32:15]

مۇھىم خەتكۈچلەر : بۆرە , تىجارەت , سودا
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2008-9-29 14:09:00 باھا : 0 كۆزىتىش : 366
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证