تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-ئوبزور ›› دىپلوماتلارنىڭ « مەخپىي قورالى »
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى
    دىپلوماتلارنىڭ « مەخپىي قورالى »

    قىزىقچىلىق قىلىش

        كوللونتاي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ داڭلىق دىپلوماتى، شۇنداقلا دۇنيادىكى تۇنجى ئايال باش ئەلچى. ئۇ پەۋقۇلئاددە تىل ئۇستىسى بولۇپ، 11 دۆلەتنىڭ تىلىنى بىلىدۇ، بولۇپمۇ سۆھبەتلىشىشكە ماھىر. دىپلوماتىيە سورۇنلىرىدا ئۇ مەيلى قانداقلىكى مۇرەككەپ مەسىلىگە يولۇقسۇن، ئۆزىنىڭ قالتىس دىپلوماتىيە ئىقتىدارى، ئەپچىل گەپ - سۆزلىرى، خۇشخۇي سالاپىتى بىلەن ئىشنى يۈرۈشتۈرۈپ، مەسىلىنى ئوڭايلا ھەل قىلىدۇ.
        بىر يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇنى نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق سودا ۋەكىللىكىگە تەيىنلەپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن نورۋېگىيە سودىگەرلىرى ئوتتۇرىسىدا سودا سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە تولۇق ھوقۇقلۇق قىلغان. بىر قېتىم ئۇ نورۋېگىيە سودىگەرلىرى بىلەن سېلېدا بېلىقى سېتىۋېلىش توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەندە، سودىگەرلەرنىڭ قويغان باھاسى يۇقىرى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قويغان باھاسى تۆۋەن بولغانلىقتىن، سۆھبەتتە كېلىشەلمەي قالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قاتماللىقنى بۇزۇپ تاشلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا پايدىلىق ئىش قىلىش ئۈچۈن بىردىنلا كاللىسىنى ئىشلىتىپ، ئۆزكارامىتى ئارقىلىق غالىب كەلمەكچى بولغان. يەنى ئۇ ناھايىتى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ نورۋېگىيە سودىگەرلىرىگە:« مەن سىلەر ئوتتۇرىغا قويغان باھاغا قوشۇلىمەن» دېگەن. بو كۈتۈلمىگەن جاۋابنى ئاڭلىغاندىن كېيىن سودىگەرلەر شادلىنىپ كەتكەن. ئەمما، ئۇ ئارقىدىنلا يەنە:« ئەگەر ئېلىمىز ھۆكۈمىتى بۇ باھاغا قوشۇلماي قالسا، كەم قىسمىنى ئۆزۈم مائاشىم ئارقىلىق تۆلەشنى خالايمەن. بىراق، سىلەرگە شۇنى بىلدۈرۈپ قويايكى، مېنىڭ مائاشىممۇ چەكلىك، شۇڭا تەبىئىيلا مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلىشىمگە توغرا كېلىدۇ. بەلكىم بىر ئۆمۈر تۆلىشىم مۇمكىن» دېگەن. بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن نورۋىگىيەلىك سودىگەرلەر نېمە دېيىشىنى بىلمەي قالغان. جۈملىدىن ئۇلار ھەر يىلى نۇرغۇن ئادەم بىلەن سۆھبەتلىشىدىغان بولسىمۇ، ئەزەلدىن بۇنداق سۆھبەت رەقىبىنى ئۇچرىتىپ باقمىغان بولغاچقا، بىر - بىرىگە قارىشىپ تۇرۇپلا قالغان. ئاقىۋەتتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆلچىمىگە ئاساسەن ئامالسىز ئۆزلىرىنىڭ باھاسىنى تۆۋەنلەتكەن. بۇنىڭ بىلەن سودا پۈتكەن.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2008-9-22 22:07:00
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 4129
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证