تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› مۇلاھىزە ›› چەتئەل تەسىراتلىرى ›› پارىژدىكى ئۇيغۇر قىزىنىڭ بايانى(مۇقەددەس مىجىت )
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Enqa
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 25
    Enqa@qq.com

    يازما سانى : 76
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-4-4 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    پارىژدىكى ئۇيغۇر قىزىنىڭ بايانى(مۇقەددەس مىجىت )


    پارىژدىكى ئۇيغۇر قىزىنىڭ بايانى
    مۇقەددەس مىجىت
    (ئەدەبىي خاتىرە)

    تەھرىردىن: مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئاپتورى مۇقەددەس مىجىت 1982-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 20-باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ تۇنجى قارارلىق بالىت كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. تۆت يىللىق ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىر تۇتاش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، پىئانىنو كەسپى بويىچە تولۇق كۇرسقا قوبۇل قىلىنغان. ئوقۇش ھاياتىدا ئۇ قوشۇمچە ياپون، ئىنگلىز تىللىرىنى ئۆگەنگەن. ئۇدا بەش يىل مەكتەپ بويىچە «ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى»، ئاپتونوم رايون بويىچە 2002-يىلى «مۇنەۋۋەر سىتودېنت» بولغان. ئۇ 2001-يىلى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن «توياما لوڭقىسىنى تالىشىش» پىئانىنو مۇسابىقىسىنىڭ ياشلار گۇرۇپپىسىدا 2-لىككە ئېرىشكەن. 2002-يىلى 6-ئايدا مەكتەپنىڭ تەشكىللىشى بىلەن يالغۇز كىشىلىك پىئانىنو كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن.
    2003-يىلى 2-ئايدا پارىژ «1901-يىل» سەنئەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇشقا چاقىرىش قەغىزى بىلەن فرانسىيىگە چىققان. بىر يىللىق فرانسوز تىلى، پىئانىنو كەسپى ئۆگىىش تەييارلىقىدىن كېيىن، ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ، فرانسىيە دۆلەتلىك «پارىژ 10-ئۇنىۋېرسىتېتى» ئىنسانشۇناسلىق كەسپى تولۇق كۇرسىنىڭ 3-يىللىقىدىن باشلاپ ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغان.
    ئۇ بىر تەرەپتىن پىئانىنو كەسپى بويىچە ئورۇنداش ماھارىتىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈش، يەنە بىر تەرەپتىن ئىنسانشۇناسلىق كەسپى بويىچە ماگىستېر ئاسپرانت، دوكتور ئىلمى ئۇنۋانىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.
    ئۇ فرانسىيىدىكى ئوقۇش ھاياتىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا، ئۆزى ئۇچراشقان نەق رېئاللىق ۋە ئۇنىڭدىن يارالغان يېڭىچە ھېس-تۇيغۇلىرى ئاساسىدا مەزكۇر ئەسەرنى يېزىپ چىققان.


    2003-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى قەدىمىم فىرانسىيە تۇپرىقىغا بېسىلدى. شۇندىن باشلاپ، بىر مەزگىل كۈنلىرىم ھاياجان ۋە تېڭىرقاش ئىچىدە ئۆتتى، ئەمما يېڭى ئەلدىكى باشقىچە رېئاللىق مېنى تېزلا باشقىچە ياشاش ۋە تەپەككۇر قىلىشقا قىستىدى. ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن بىردىنلا ئەينى چاغدا يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ «يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام!» يوللىغانلىقىنى قايتىدىن ھەقىقىي چۈشەنگەندەك بولدۇم ۋە ئىختىيارسىز قولۇمغا قەلەم ئالدىم.

    بۈۋىمەريەم چېركاۋى

    پارىژ−دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكلىرىدىن بىرى. ئۇ قەدىمىيلىكى، گۈزەللىكى، ئاۋاتلىقى، تۇرمۇش مەزمۇنىنىڭ موللىقى بىلەن دۇنياغا داڭلىق. بۇ يەردە بۇنىڭدىن 300 يىل ئاۋۋال بەرپا قىلىنغان تار تاش كوچىلار، گىرەلىشىپ كەتكەن يېڭى مودا بىنالار، رىم ئۇسلۇبىدىكى قەدىمكى چىركاۋلار، خان-كىنەزلەردىن قالغان ئوردا-سارايلار، ئوپىرا-تىياتىرخانىلار، مەشھۇر رەسسام-ھەيكەلتاراشلارنىڭ ئېسىل ئەسەرلىرى بىلەن لىق تولغان چوڭ-كىچىك مۇزىيلار، گۈل-چېچەكلىك كوچىلار، پارىژنى ئوتتۇرىدىن ئىككىگە بۆلۈپ ئېقىۋاتقان سەلتەنەتلىك سەن (سەنيا) دەرياسى، پارىژنىڭ سىموۋولى ئەيفېڭ مۇنارى، زەپەر دەرۋازىسى، نۇرغۇن قېتىملىق جەڭلەردىن ئامان-ئېسەن ئۆتكەن مەشھۇر بۈۋىمەريەم چىركاۋى بار. بۇ چىركاۋنى ھەر بىر كۆرگىنىمدە ئاپامنىڭ چىركاۋ ھەققىدە ئېيتىپ بەرگەنلىرى قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ، بىر قەدىمىي چىركاۋ بىلەن قوشۇلۇپ فىرانسۇزلارنىڭ مۇقەددەس روھى كۆز ئالدىمدا نامايان بولىدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە فىرانسىيە چىگرىسىغا گېتلىرنىڭ تۇنجى توپ ئوقلىرى چۈشكەندە ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقىنىڭ پارىژغا كېلىۋاتقانلىقىنى سەزگەن شەھەر ئاھالىسى خۇددى بىرەر قوماندان بۇيرۇق چۈشۈرگەندەكلا ئۆيلىرىدىن چىقىشىپ، ئۇدۇل بۈۋىمەريەم چىركاۋىغا قاراپ ماڭغان. ئۇ يەردىكى قىممەتلىك مەدەنىي مىراس ۋە بويۇملارنى ئاۋايلاپ ئەدىياللارغا ئوراپ، ماشىنا، ھارۋىلىرىغا سېلىپ، ئاتلىرىغا ئارتىشقان، ھېچنەرسە قالمىغاندا كېلىپ قالغانلىرى بولسا ئەڭ ئاخىرقى بىر تال مىقنى بولسىمۇ قومۇرۇۋېلىپ يانچۇقلىرىغا تىقىشقان... ئۇلار بۇ بويۇملارنى ئەڭ ئاۋۋال ئەڭ بىخەتەر جايغا يوشۇرۇپ خاتىرجەم بولۇشقاندىن كېيىنلا بوۋا-مومىسى، ئاتا-ئانىسى، بالىلىرىنى ۋە مال مۈلكىنى بىخەتەر جايلارغا يۆتكىگەن... ئۇرۇش ئاياقلاشقاندىن كېيىن ھېچكىم ھېچنەرسىگە خىيانەت قىلماي، ھەممە نەرسىنى ئۆز پېتى ئەسلىدىكى ئورنىغا جايلاشتۇرغان. ھەتتا ھېلىقى ئاخىرقى بىر تال مىقنىمۇ ئۆز جايىغا قېقىپ قويۇشقان. بۈۋىمەريەم چىركاۋى ئەسلى تۈسكە كىرگەندىن كېيىنلا ئاندىن كىشىلەر خاتىرجەم بولۇشۇپ، شەخسىي ئىگىلىكلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كىرىشكەن...
    شۇنىڭدىن بۇيانقى 60 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا ئۇ بىر نەچچە قېتىم رېمونت قىلىنىپ، تېخىمۇ جەلىپكار تۈس ئالغان. (ھازىر سىرتقى قىسمى رېمونت قىلىنىۋېتىپتۇ). پارىژلىقلارنىڭ ئەنئەنە ۋە مەدەنىي مىراسلىرىغا بولغان مۇنداق مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئويلىغىنىمدا قەلبىم چەكسىز لەرزىگە كېلىدۇ. پارىژدىكى ھەربىر ئاسارە-ئەتىقىنىڭ مۇكەممەل ساقلىنىشىدىكى نەچچە ئەۋلاد پارىژ پۇقراسىنىڭ ئۇلۇغ ئەجرىدىن سۆيۈنمەي تۇرالمايمەن.

    فرانسىيىلىكلەر نەزەرىدىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە

    «بىر كىلوسى بىر ياۋرۇ!» دەپ ۋارقىرىشىپ كۆكتاتلىرىغا خېرىدار چاقىرىشىۋاتقان ئەرەبلەر بازىرى، چاتاقچى قارا تەنلىكلەر رايونى، تېنىدىن بەدبۇي پۇراق ئۇرۇلۇپ تۇرىدىغان ھاراقكەشلەر، جاھانكەشتىلەر... بۇ كوچىلاردا يەنە ھەرخىل ئېرق ۋە دىندىكىلەرنى، مېھرىبان-دوستانە كىشىلەرنى، ھاكاۋۇر مۇزشىپانىلەرنى، قۇلىقىنى ئارقىسىدىن كېلىۋاتقان كىشىنى كۆرگىلى بولغىدەك چوڭ قىلىپ تېشىۋالغان غەلىتە ياسانچۇقلارنى ئۇچرىتىمەن. بۇنداق چاغلاردا ماڭا نىسبەتەن ھەم سىرلىق، ھەم ئاجايىپلىققا تولغان بۇ شەھەردە كاللام سوئال ۋە سېلىشتۇرمىلار شۇنداقلا پەخىرلىنىش ۋە ھاياجانلار بىلەن تولىدۇ. خىياللىرىم چوڭقۇرلاشقانچە بۇ يەردە ئۇچراتقان، ئېرىشكەن بۈيۈكلۈكلەر كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ-دە، بىردىنلا يەڭگىللەپ قالىمەن. ئاشۇ يېڭىلىقلار ئىچىدە فرانسۇزلارنىڭ «كۇتۇپخانا مەدەنىيىتى» شۇنداقلا «كىتاب مەدەنىيىتى» مېنىڭ روھىمغا ئاجايىپ يېڭىلىنىشلارنى ئېلىپ كەلدى.
    پارىژدىكى جورج.پومپىدو بىناسىدا ئەڭ داڭلىق مۇھىي ھەم ئۈچ قەۋەتلىك كۇتۇپخانا بار. ئۇ كۆلىمنىڭ چوڭلىقى، ئەسلىھەلىرىنىڭ تولۇقلىقى بىلەنلا ئەمەس، ھەقسىزلىقى بىلەنمۇ داڭلىق. بۇ كۇتۇپخانىدا 350 مىڭ پارچە كىتاب، 2500 خىلدىن ئارتۇق ژۇرناللار توپلىمى، 6000 خىل خەرىتە، 10 مىڭ 700 دانە ماتېرىيال دېسكىسى، 1200 خىل تىل ئۆگىنىش ماتېرىيالى ۋە خەلقئاراغا تورلاشتۇرۇلغان 700 كومپيۇتېر بار.
    پارىژدا ئوتتۇرا-كىچىك كۆلەمدىكى كۇتۇپخانىلاردىن قانچىسى بارلىقىغا ئېنىق بىر نېمە دېيەلمىسەممۇ، ئەمما ھەربىر رايونغا ئالتىدىن كۇتۇپخانا توغرا كېلىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرەلەيمەن. ئۇنداقتا «مۇشۇنچىۋالا كۆپ كۇتۇپخانىغا كىرىدىغان ئادەم بارمىدۇ؟»
    پارىژنىڭ كۇتۇپخانىلىرى ئادەتتىكى كۈنلەردە چۈش سائەت 12دە ئېچىلىدۇ. ئېچىلىشتىن بۇرۇن ئۆچرەتتە تۇرغانلار بەزىدە 100چە كىشىگە يېتىدۇ. سەپ ئىچىدە كىچىكلەر، ياشلار، ئوتتۇرا ياشلىقلارنى، چوڭلار، ھەتتا ئاران ماڭىدىغان بوۋاي-مومايلارنىمۇ ئۇچرىتالايسىز. ئۇلار ئۆزىگە نۆۋەت تەگكۈچە بۇ يەردە بىرەر-ئىككى سائەت ساقلاشقا رازى. كۇتۇپخانىغا كىرگەن دەسلەپكى كۈنلىرىمنىڭ بىرى ئىدى. تەستە بىر ئورۇن تېپىپ ئولتۇرۇپ، ماتېرىياللىرىمنى ئالدىمغا يايدىم. ئەمما ھايال ئۆتمەي ماتېرىياللىرىمنىڭ كەملىكىنى بايقىدىم. ئورنۇمدىن تۇرۇپ تىزىملىك بويىچە كىتاب-ماتېرىياللارنى داۋاملىق ئىزدەشكە مەجبۇر بولدۇم. ئىزدىشىم تەكرارلىق ئىچىدە داۋاملىشىۋاتاتتى. بىر چاغدا ئورۇق بىر بوۋاي ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىگىنىچە ئالدىمغا كەلدى-دە:
      − ساڭا قەغەز كېرەكمۇ؟ لوغەتچۇ؟ قانداق لوغەت كېرەك؟ بەلكىم خاتىرە قالدۇرۇشقا قەغەز كېرەكتۇ، مانا بۇلارنى ئالغىن، مەن ساڭا لوغەت تېپىپ كىلەي دېگىنىچە يېنىمدىن ئايرىلدى. مەن ھەقىقەتەن خاتىرە دەپتىرىمنى تاپالماي تىت-تىپ بولۇۋاتقان ئىدىم. بۇ مېھرىبان بوۋاينىڭ خېلىدىن بېرى مېنى كۈزىتىپ تۇرغىنىنى ھېس قىلغىنىمدا خۇددى ئۆز بوۋامنى قۇچاقلىغاندەك ئۇنى بوينىدىن قۇچاقلىغۇم كەلدى.
    كۇتۇپخانىلار شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى كۈندۈزى 11دىن كەچ 10 غىچە ئېچىلىدۇ ھەمدە تېخىمۇ قاينام-تاشقىنلىققا چۆمىدۇ.
    دەم ئېلىش كۈنلىرى كۇتۇپخانىغا چۈشتىن كېيىن كېلىپ قالغىنىڭىزدا ئۇزاقراق سەۋرى-تاقەت قىلمىسىڭىز كىرەلمەيسىز. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن ئۇزاق ئۆچرەتتە تۇرۇپ، كۇتۇپخانىغا ئاخىرى كىردىم. سومكامدا قەغەز-قەلەم، لوغەت بىلەن بىر تال بولكا بار ئىدى. پىلانىمچە بولكىنى قۇرۇق يەپ قوساقنى ئالداپ تۇرسام، بۈگۈن كۆرۈپ تۈگەتمەكچى بولغان ماتېرىياللارنى تۈگەتسەم، تاپشۇرۇقۇمنى ئىشلىۋالسام... بولاتتى.
    كۇتۇپخانىغا كىرىپ ئورۇن تېپىشنىمۇ خېلى كۈتتۈم. بىر چاغدا جايلىشىپ ئولتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، كومپيۇتېرنى ئېچىپ، لوغەتنى قولۇمغا ئالدىم... شۇ ئولتۇرغانچە بىر چاغدا قوسىقىم پىژىلداپ ئاچقاندىلا بىر قولۇمنى سومكامغا ئۇزاتتىم، قۇرۇق بولكىنى تەستە ئاز-ئازدىن يوتۇشقا باشلىدىم.
      − سىزگە ياردىمىم كېرەكمۇ؟
    بۈدرە چاچلىق، كۆزلىرى چوڭ-چوڭ، پەمىمچە 20 ياشلارغا بارمىغان بىر بالا ماڭا قاراپ تۇراتتى.
      − رەھمەت سىزگە، ئۆزۈم تىرىشىپ كۆرەي.
    مەن رەھمىتىمنى بىلدۈرۈپلا، يەنە ئۆز ئىشىمغا كىرىشتىم.
      − قۇرۇق بولكا يېيىش تەس،-دېدى ئۇ يەنە.
    ھەقىقەتەن سىرتقا چىقىپ قەھۋە ياكى ئۇسسۇزلۇق ئېلىپ كىرەي دېسەم ۋاقتىمنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ چىڭ ئولتۇرۇۋالغان ئىدىم.
      − سىز فرانسىيىلىكمۇ؟−سورىدىم مەن.
      − ياق، مەن ئالجىرىيىلىك.
      − پارىژدا ئوقۇمسىز؟
    − ياق، ئىشلەيمەن، ئادەتتە دەم ئالغان چاغلىرىمدا بۇ يەرگە كېلىپ تىرىشىپ ئۆگىنىۋاتقان ياشلارغا خالس خىزمەت قىلىشنى ئۆزۈم تاللىغان.
    مەن ئۇنىڭ ياردىمىگە نائىل بولدۇم. ئۇ خۇددى پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلاردەك ماڭا بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ فرانسۇزچە يېزىلىشى، ئوقۇلۇشى ۋە تەلەپپۇز قىلىنىشىنى تولىمۇ ئەستەيىدىل، ئەتراپلىق ئۈگەتتى.
    بۇ يەردىكى كۇتۇپخانىلاردا ئەنە شۇنداق قەلبى مېھرى-مۇھەببەتكە تولغان خالس مۇلازىملارنى ھەر كۈنى ئۇچرىتالايسىز.
    كىتاب−فرانسىيىلىكلەر تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ «يىلىغا 100 كىتاب ئوقىمىغان كىشى فرانسىيىلىك ئەمەس» دەيدىغان شۇئارى، ئۆلچىمى بار. شۇڭا ئۇلاردا ئۇلۇغ يازغۇچىلىرىغا لايىق ئۇلۇغ ئوقۇرمەنلەر بارلىققا كەلگەن. ھەر قېتىم كۇتۇپخانىلاردا ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆگىنىۋاتقان بوۋاي-مومايلارنى ئۇچراتقىمىندا سۆيۈنۈش ئىلكىدە ئۇلار بىلەن ئۈنسىز مۇڭدىشىمەن.
    مەن فرانسىيىلىكلەرنىڭ شۇ دەرىجىدە كىتابخۇمارلىقىنى، فرانسۇز مىللىتىنىڭ ساپاسىنىڭ يۇقىرىلىقىدا بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدىم.
    ھەقىقەتەن كىتاب ئوقۇش، كىتاب يېزىش ۋە ئىجاد قىلىش ئارقىلىق فرانسىيىنىڭ بۈگۈنى بارلىققا كەلگەن، دەپ جەزملەشتۈرۈشكە بولىدۇ. بىزدە كىتاب-ژۇرناللارنى يەنىلا ئىلىم ساھەسىدىكىلەر كۆپرەك ئوقۇيدۇ. پارىژدىچۇ؟ كىتاب ئوقۇش−خۇددى ھەر كۈنى ھەممە ئادەم نان يىگەنگە ئوخشاشلا ئومۇملاشقان. ئاپتۇبۇستا، مىترودا، پويىزدا، بانكىدا، ھەتتاكى تېز تاماقخانا، كوفىخانىلاردىمۇ كىتاب، گېزىت-ژۇرنال كۆرۈش ئومۇمىيەتكە ئايلانغان. فرانسىيىدە كىتابخانىلارغا قۇلاي بولسۇن ئۈچۈن توملۇق كىتابلار باب ياكى قىسىملار بويىچە كىچىك، يېنىك، ئەپلىك ئىشلىنىپ، نەشر قىلىنغان. شۇڭا مۇنداق ئەپلىك كىتابلار پارىژلىقلارنىڭ ئەڭگۈشتەرىگە ئايلىنالىغان.
    بالىلار بويۇملىرى ماگىزىنلىرىنى ئارىلاش داۋامىدا، فرانسىيىلىكلەرنىڭ كىتابقا بولغان ھېرىسمەنلىكنىڭ دەل مۇشۇ يەردىن باشلىنىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردۈم. ھەرخىل جانلىقلار، گۈل-گىياھلار، ئاسمان جىسىملىرى تونۇشتۇرۇلىدىغان ھەرخىل كىتابلار، بىر ياشلىق بالىلارنىڭمۇ ھەمراھلىرى ئىكەن. بۇلارنى كۆرۈپ «يىلىغا 100 كىتاب ئوقۇش» بوۋاقلارنىڭمۇ شۇئارى قىلىنغانمۇ-نېمە، دەپ ئويلاپ قالدىم. ئەسلىدە بوۋاق چېغىدىن باشلاپلا سىڭدۈرۈلگەن كىتاب ھەۋىسى فرانسىيىلىكلەرنى كىتابخۇمارلارغا ئايلاندۇرۇۋەتكەن ئىكەن.
    فرانسىيىلىكلەر بىرەر-ئىككى كۈن كىتاب ئوقىيالماي قالسا ئۆزلىرىنى دۆتلىشىپ قالغاندەك سېزىپ بىئاراملىق ھېس قىلىشىدىكەن. نەشرىياتچىلىقتىمۇ قېلىپلار بۇزلۇپ، ئوقۇرمەننىڭ ئېھتىياجىنى ئاساس قىلىش قاتارلىق نۇرغۇن ئىمكانلار ھەرقانداق فرانسىيىلىكنى بىر مىنۇت بوش ۋاقتى چىقسىلا يانچۇقىدىن، سومكىسىدىن بىر تال كىتابنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ ئوقۇشقا ئالدىرايدىغان ھالەتكە كەلتۈرگەن.
    ئەينى يىللاردا «كىتاب ئويۇنچۇق»لارغا ھەمراھ بولۇپ، چوڭ بولغان بۇدرۇق قىز بوۋاقلار بۈگۈنكى كۈندە مودا كىيىملەرنى كىيىشىپ، ئېسىل سومكىلارنى كۆتۈرۈشكەن گۈزەل خېنىملار قاتارىغا قوشۇلۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار خالىغان چاغ ۋە جايدا سومكىلىرىدىن گىرىم بويۇملىرى قۇتىسى بىلەن يانمۇ-يان تۇرىدىغان كىتابىنى چىقىرىپ ھوزۇرلىنىپ ئوقۇشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن. ئۇلار شۇ تۇرقى بىلەن تېخىمۇ مۇكەممەل، تېخىمۇ چىرايلىق قىز-ئەلۋەتتە!
    يېڭى بىر كىتاب فرانسىيىلىكلەر نەزەرىدە بىر قىزىق نۇقتا. ھەرقانداق سورۇندا يېڭى كىتاب ھەققىدە بەس-مۇنازىرە بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئېغىز ئاچالمىغان كىشى خۇددى گۇناھكاردەك بويۇن قىسىپ قالىدۇ.
    2003-يىللىق روژىستوۋ بايرىمى يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى كىتابخانىلارنىڭ سودىسى بەكلا قىزىپ كەتتى. چۈنكى روژىستوۋ بايرىمىدا ئەڭ قىممەتلىك سوۋغىلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە يېقىنلىرىغا كىتاب سوۋغا قىلىش فرانسىيىلىكلەرنىڭ ئادىتىگە ئايلانغان. بۇ ھالەت ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر تۇغۇلغنا كۈن سورۇنىدا «تۇغۇلغان كۈن» ئۆتكۈزۈۋاتقان دوستۇمغا ئىككى دانە كىتاب تەقدىم قىلغانلىقىم ئۈچۈن سورۇندىكىلەرنىڭ: ئاسان ئىشنى تېپىپسەن، ئىككى كىتاب بىلەنلا قۇتۇلدۇڭ! دەپ ماڭا تاپا-تەنە قىلىشقانلىقىنى يادىمغا سالدى. ئەمدى ئويلىدىمكى، كىتاب راستىنلا ئەڭ ئېسىل سوۋغات ئىكەن. ئۈرۈمچىگە بارسام ئاشۇ دوستلىرىمغا يەنە كىتاب سوۋغا قىلىمەن، تاكى ئۇلار كىتابنىڭ ھەممىدىن ئېسىل سوۋغا ئىكەنلىكىنى چۈشەنگىچە!
    بۇنداق قەتئىي قارارغا كېلىشىمگە تۈرتكە بولغىنى يەنىلا فرانسىيىلىك ساۋاقداشلىرىم بولدى. فرانسوز تىلى ساۋاتىم چىققاندىن باشلاپ مەن ئۇلارنىڭ:
      − نەچچە كۈندىن بۇيان دەرس ئوقۇپ بەك چارچىدىم، نېرۋىلىرىممۇ جىددىيلىشىپ كەتتى. بۇ ھەپتە دەم ئېلىش كۈنىدە ياخشى كىتابتىن بىرنى ئوقۇپ، كاللامنى ئارام ئالدۇراي دەيمەن، دېيىشىۋاتقانلىقىنى پات-پات ئاڭلايدىغان بولدۇم. ئويۇنغا قارىغاندا كىتاب كۆرۈشكە كۆپرەك ۋاقىت ئاجرىتىش، كىتابتىن ئازادىلىككە، ئارامغا ئېرىشىش   −  ھەقىقەتەن فرانسىيىلىكلەرنىڭ ئۆزگىچە، كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان دانا يولى ئىدى.
    فرانسىيىگە كېلىپ يېرىم يىلدىن كېيىن ئىش ئىزدەشكە باشلىدىم. ئۆزۈمنىڭ ئىنگلىز، فرانسۇز، خەنزۇ تىللىرىنى بىلىدىغان ئالاھىدىلىكىم، ئۈرۈمچىدە ئائىلە ئىسپان ئوقۇتقۇچىسى بولغان، ئېلاندا، كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىىدا رولغان خىزمەت تەجرىبەمنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، خېلى كۆپ شىركەتلەرنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئانكىتلىرىنى توشقۇزۇپ ئەۋەتتىم. ئۇزاق ئۆتمەي شەنبە-يەكشەنبىلىك گەزمال كۆرگەزمىسىدە تونۇشتۇرغۇچىغا ئېھتىياجلىق بىر شىركەتتىن «يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىڭ!» دېگەن ئۇقتۇرۇش كەلدى. خۇشال بولدۇم، چىرايلىق كىيىنىپ، چاچلىرىمنى قويۇۋېتىپ، ئۆزمۈگە ئىشەنچ قىلغان ھالدا ئىمتىھان مەيدانىغا كىردىم.
    ئالدىمغا 10 بەتلىك ئىمتىھان سوئالىنى قويۇشتى. ئاخىرقى بىر نەچچە بېتى داڭلىق كىتابلارنىڭ يازغۇچىسى، مەزمۇنى دېگەندەك سوئاللار بىلەن تولغان ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئوقىغان كىتابىڭىز قايسى؟ ئاپتورى كىم؟ دېگەن سوئالمۇ بار ئىكەن. مەن «كىچىك نىكولا»، «غەلىتە ئادەم» ئاپتورى ئالبېرت.كەمۇ دەپ يازدىم. (ئالدىنقىسى بالىلار ھېكايىلىرى توپلىمى بولۇپ، فرانسۇز تىلى ئۆگىنىشىمنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە چۈشىنىشىمگە ئاسانراق دەپ ئۆزۈم تاللاپ ئوقىغان ئىدىم). ئۇلار 20 ياشلىق بىر قىزنىڭ بۇ جاۋابىدىن قىلچە ھەيرانلىق ھېس قىلىشمىدى. مەن بولسام ئۇلارنىڭ مېنى چۈشەنگەنلىكىدىن بەك رازى بولدۇم. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلار مەندىن:
    − سىز كىتاب ئوقىغاندا ۋەقەلىككە بەكرەك قىزىقامسىز ياكى كىتابنىڭ يېزىلىش ئۇسلۇبىغىمۇ؟ دەپ سورىدى.
    مەن قوبۇل قىلىندىم، ئەمما گەزمال كۆرگەزمىسىدە ھەپتىسىگگە ئاران ئالتە سائەت تونۇشتۇرغۇچى بولىدىغان قىزدىن سورالغان خىلمۇ-خىل سوئاللار ئىچىدە كىتاب ھەققىدە سورالغانلىرىدىن تولىمۇ ھەيران بولدۇم. قېنى، ۋەتەنداش تەڭتۈشلىرىم، بۇنىڭ نېمە ئۈچۈنلۈكىنى مۇلاھىزە قىلىپ كۆرۈڭلار.

    ئۇنتۇلماس بىر سائەتلىك دەرس

    پارىژلىقلارنىڭ بىر كۈنلۈك تۇرمۇشى بىر ئىستاكان كوفى، بىر بولكا (ياكى بىر كېسىم تورت) ۋە بىر پارچە گېزىتتىن باشلىنىدۇ.
    دۇنياغا داڭلىق تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋەكلىرىدىكى يېشىل بوستانلىقلارنىڭ بىرى بولغان ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇر قىزى مۇقەددەس مىجىتنىڭچۇ؟
    ئۇنىڭ سەھىرىمۇ بىر بولكا، بىر ئىستاكان سۈت، «Metro» ناملىق گېزىتتىن باشلىنىدىغان بولدى. (ناننى شۇنچىلىك سېغىندىمكى، بەزىدە بولكىنى پىقىرىتىپ سەينا دەرياسىغا ئېتىۋەتكۈم كېلىدۇ. شۇنداق چاغلاردا ئاغزىمنى زورلاپ ئېچىپ، بولكىنى تۇزلۇق كۆز ياشلىرىم بىلەن قوشۇپ يۈتىمەن).
    فرانسىيە ھۆكۈمىتى ھاۋادىكى بۇلغىنىشنى پەسەيتىش، مۇھىتنى ئاسراش ئۈچۈن كىشىلەرنى ئامال بار ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىغا ئولتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. كىشىلەرمۇ ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن باشقا چاغلاردا شەخسىي ئاپتوموبىللىرىنى ھەيدىمەسلىككە تىرىشىدۇ.
    بۇ يەردە ئەتىگەنلىكى ھەممىدىن بەك ئالدىراش بولىدىغىنى بىزنىڭ ۋەتەندىكىگە ئوخشاشلا ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئوقۇغۇچىلار. ئۇلار توپ-توپ بولۇشۇپ، مىترو (يەر ئاستى پويىزى)غا يۈگرىشىدۇ. ئەمما پارىژدا ئۇلاردىنمۇ بۇرۇن مىتروغا «يۈگرەيدىغان» ئىككى خىل گېزىت بار. گېزىتلەر ئادەملەر يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن شەھەرنىڭ ھەرقايسى مىترو بىكەتلىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا ھەقسىز تەقلەپ قويۇلىدۇ. ئادەملەر يېتىپ كېلىشى بىلەنلا تارقىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئادەتتە ھەربىر كوچىغا بىردىن، مۇساپىسى ئۇزۇنراق كوچىلارغا ئۈچ-تۆتتىن گېزىت بوتكىلىرى قويۇلغان بولۇپ، ئۇلارمۇ سەھەردىلا ئاھالىلەرنى ياۋرۇپا دۆلەتلىرى، ئامېرىكا، ئافرىقا، ئاسىيا دۆلەتلىرىدە چىقىدىغان 100 خىلچە گېزىت-ژۇرنال بىلەن تەمىنلەيدۇ. كىشىلەر ئۆزلىرى قىزىقىدىغان دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي، ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇچۇرلىرىنى، سودا ئېلانلىرىنى ھەر كۈنى ۋاقتى-ۋاقتىدا كۆرەلەيدۇ. شۇڭا فىرانسىيىلىكلەرنىڭ ئەتىگەنلىك سۆھبەت تېمىسىمۇ شۇ كۈنلۈك ھاۋارايىدىن باشلىنىپ دۇنياغا تۇتىشىپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاخبارات حەۋەرلىرىگە بولغان مۇنداق قىزىقىشىدىن ئۆزىڭىزنىڭ مەخپىيەتلىكىڭىزنىمۇ بىلىۋالغاندەك، ئەتراپىڭىزدىكى سىز بايقىمىغان يېڭىلىق ۋە ئىشلارنى سىزدىن بۇرۇن ئۇلار ئاڭلىغان ھەم بايقىۋالغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىسىز. فرانسىيىدە ھەركىمنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرىدىعان گېزىتى ۋە سەھىپىسى بار. داڭلىق شەخسلەرنىڭ قايسى ژۇرنال ۋە گېزىتىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى توغرىلىق خەۋەرلەرمۇ قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان.
    شۇنداق قىلىپ مەنمۇ ھەر كۈنى گېزىتتىن بىرنى ئېلىپ مىتروغا يۈگۈرۈمەن، مەكتەپكە بارغۇچە ئوقۇپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالىمەن.
    گېزىت ئېلىپ مىتروغا يۈگۈرۈش ماڭا شۇنداق ئاسان نىسىپ بولدىمۇ؟
    پارىژغا كەلگەن دەسلەپكى بىر نەچچە ئاينى ئۆتكۈزۈشنىڭ قانچىلىك قىيىنغا چۈشكەنلىكىنى يېزىپ ئىپادىلەپ بولالمايمەن، يازمايمۇ ئۆتەلمەيمەن...
    ۋەتەندىكى چېغىمدا: خەنزۇچىغا پىششىقمەن. ئىنگلىز تىلى سەۋىيەممۇ يامان ئەمەس، دەپ ئويلاپ، ياپۇن تىلىغا ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ ئۆگىنىپ يۈرگەنىدىم. شۇڭا بىر ئېغىز فرانسۇز تىلىنى ئۆگەنمەي تۇرۇپمۇ، «دۇنياۋى تىل سانالغان ئىنگلىز تىلىنى بىلىدىغان تۇرسام» دېگەن نوچىلىق بىلەن پارىژغا كېلىۋەرگەنىدىم. ئايرۇپىلان فىرانسىيە تەۋەسىگە كىرگەندىن باشلاپلا ئۆزۈم بارماقچى بولغان جاي توغرىسىدا سۈرۈشتە قىلىشقا باشلىدىم ھەمدە سوئالىمنى ئىنگلىز تىلىدا بىر نەچچەيلەندىن سورىدىم. بەزىلىرى باشقا رايونغا بارىدىغانلىقىنى، بەزىلىرى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئەپۇ سوراشتى. يەنە بەزىلىرى گىپىمنى بىلمىگەندەك مۈرىلىرىنى قىسىشتى. بىردىنلا جىددىيلىشىشكە باشلىدىم. يەنە ئاللىكىملەردىن سورىماقچى بولدۇميۇ قايتا جۈرئەت قىلالمىدىم. شۇ ئەسنادا 80 ياشتىن ھالقىغان بىر بوۋاي يېنىمغا كەلدى ھەمدە ئىنگلىز تىلىدا:
      − قىزىم، يەنە بىر ئېيتىڭا، قايسى رايونغا بارىسىز؟-دەپ سورىدى.
    شۇئان كۆز ئالدىمدا ئۇ بوۋاينىڭ يېرىم يېشىغا دېگۈدەك توغرا كېلىدىغان ئاتامنىڭ سىماسى پەيدا بولدى. ئەدەب بىلەن سوئالىمنى تەكرارلىدىم.
      − قىزىم، خاتىرجەم بولۇڭ، ئايرىپورتنىڭ ئاپتوبۇسى شەھەرگە ئېلىپ ماڭىدۇ. ئۇنىڭدا چوقۇم سىز بارىدىغان رايونغا بارىدىغانلار، ھەمكارلىشىدىغانلار چىقىدۇ،-دېدى ئۇ. مەن شۇ چاغدا: «ئاۋۇ بىر نەچچەيلەننىڭ ئىنگلىز تىلىنى بىلمەسلىكى مۇمكىنمۇ؟ ئەجەب چۈشىنىپ تۇرۇپ جاۋاب بەرمىدا؟!» دەپ ئويلاپ قالدىم.
    ئايرۇپىلان قونغاندىن كېيىن، ھېلىقى بوۋاي يەنە ئالاھىتەن يېنىمغا كېلىپ، مېنىڭ ئايرۇپورت ئاپتوبۇسىغا چىقىشىمنى، شوپۇرغا بارىدىغان جايىمنى ئېيتىشىمنى تاپىلىدى. ئۇ قايتا-قايتا ماڭا «ئېزىپ ئىچۈرۈپ» قويۇپ ئاندىن كېيىن ئۆز يولىغا راۋان بولدى. مەنمۇ ئىشلارنى ئۇ دېگەندەك ئورۇنلاپ، ئاخىرى مەنزىلىمگە يېتىۋالدىم.
    كېيىن مەن ماڭا قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى ئەۋەتكەن «1901-يىل» سەنئەت ئۇنىۋېرسىتېتىنى تاپقۇچە، مىتروغا ئايلىق بىلەت ئالغۇچە، ئىجارە ئۆي تاپقۇچە ماڭا قىزغىنلىق بىلەن ھېلىقى بوۋايدەك ياردەم قىلغۇچىلارنىمۇ، ئىنگلىزچىنى چۈشىنىپ تۇرسىمۇ جاۋاب بېرىشنى ئانچە خالىمايدىغان فرانسىيىلىكلەرنىمۇ كۆپ ئۇچراتتىم. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ دۆلەت تىلى فرانسوز تىلى بولسىمۇ، ئىككىنچى مۇھىم تىلى سۈپىتىدە ئىنگلىز تىلىنى كىچىكىدىن باشلاپ ئۆگىنىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. ئۇلار نېمىشقا ئىنگلىز تىلىنى بىلمەس بولىۋالىدىغاندۇ؟!
    كېيىنچە بىلدىمكى، فرانسوزلار ئانا تىلىنى قەدىرلەش ئېڭىنىڭ يۇقىرىلىقى تۈپەيلى «فرانسوز تىلى خۇدانىڭ تىلى» دەپ پەخىرلىنىدىكەن. شۇڭا ئۇلار: سەن فرانسىيە زىمىنىغا قەدەم باستىڭمۇ، ئۇنداقتا فرانسوز تىلىدا سۆزلىشىڭ كېرەك، قانچە تېز ئۆگىنەلىسەڭ ۋە قانچە كۆپ بىلسەڭ شۇنچە قارشى ئېلىنىسەن! دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشنى ئىنگلىز تىلىنى بىلىپ بۇرۇپمۇ ئاسانلىقچە ئىشلەتمەي ئىپادىلەيدىكەن.
    ئاخىرى ماڭىمۇ جۇڭگو ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تىل مەكتىپىمدىكى ساۋاقداشلىرىمغا بولسىمۇ تونۇشتۇرۇش پۇرسىتى يېتىپ كەلدى. ئۇ دەل فرانسوزچىنى خېلى چوڭقۇرلاپ ئوقۇيالايدىغان-ئۇقتۇرالايدىغان چاغلىرىمغا توغرا كەلدى.
      − ھەر بىرىڭلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن. ئەتىدىن باشلاپ ۋەتەن، مىللەت بىلىملىرى بويىچە ئۆزئارا تونۇشۇش دەرىسىمىزنىڭ مەزمۇنى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىر ئوقۇغۇچىغا 15 مىنۇت ۋاقىت بېرىلىدۇ. تەييارلىق قىلىڭلار!-دېدى مۇئەللىم.
    گەرچە نۆۋىتىم ئىككىنچى كۈندىكى دەرستە بولسىمۇ، خۇشاللىقىمدىن شۇ كۈنى كېچىچە پىلان تۈزۈپ چىقتىم.
    ئەتىسى ئاددى كىيىنىپ، بوينۇمغا توزدەك رەڭدار ئەتلەس شارپامنى سالدىم. ئەينەككە قايتا-قايتا قاراپ، ياسىنىشىمدىن رازىلىق ھېس قىلغاندىن كېيىن، دەرھال تەييارلىغان ماتېرىياللىرىمنى ئېلىپ مىتروغا يۈگۈردىم.
    سىنىپقا كىرىپ بېغىررەڭ ئەتلەستىن كېچىچە ئۆزۈم ياسىغان چوڭ پۇرەكنى دوسكىنىڭ ئوڭ بۇرجىكىگە تاقىدىم، ئەتلەسنىڭ قالغان قىسمىنى دوسكىنىڭ ئۈستىدىن ئايلاندۇرۇپ سول تەرەپكە ساڭگىلىتىپ ئاستىم. (تۇرسۇنجانغا كۆپ رەھمەت! بېغىررەڭ، ئاق يىپەك ئارىلاشتۇرۇلۇپ توقۇلغان بۇ تۆت مېتىرچە خوتەن ئەتلىسىنى −ئائىلىمىزنىڭ دوستى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى تۇرسۇنجان پارىژغا ماڭغىنىمدا يوللۇق تۇتقان ئىدى). ساۋاقداشلىرىم ئەتلەسنى تۇتۇپ كۆرۈشكىمۇ پېتىنالماي ھەيرانلىقتا قاراپلا قېلىشتى.
    مەن بۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلمىدىم. «چەبىيات» مۇقامىنىڭ DC پلاستىنكىسىنى ياڭرىتىپ قويۇۋېتىپ، مۇقام ساداسى ئىچىدە سۆزۈمنى باشلىدىم:
      − سالام ساۋاقداشلار! مەن ئۇيغۇر قىزى بولىمەن. جۇڭگونىڭ غەربىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كەلدىم... مانا بۇنى «ئەتلەس» دەيمىز. ئاتا-بوۋىلىرىمىز نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرىلا پىلە بېقىپ، يىپەك چىقىرىپ، دەستىگاھتا رەخت قىلىپ توقۇشنى، ئېسىل كىيىملەرنى تىكىپ كېيىشنى بىلگەن. ئاڭلاۋاتقىنىڭلار «چەبىيات» مۇقامى، دۇنياغا داڭلىق «12 مۇقام»مىمىزنىڭ بىرى...
    مەن ئاۋۋال ئانا تىلىمدا سۆزلىدىم. ئاندىن فرانسوزچىغا تەرجىمە قىلدىم. ساۋاقداشلىرىم «ئۇيغۇر» نامى، تىلى توغرىسىدا، شىنجاڭ، مۇقام، ئەتلەس شۇنداقلا مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىنىۋاتقان خىلمۇ-خىل چالغۇلار ھەققىدە مېنى سوئاللارغا كۆمۈۋەتتى. قارىسام مۇئەللىممۇ سائىتىگە قاراشنى ئۇنتۇغاندەك قىلاتتى. ئۇ پەقەت بىرلا ماڭا قارارىنى بۇزۇپ 45 مىنۇت ۋاقىت بەردى.
    شۇ چاغدا بۇ ئەلۋەتتە تۇنجى قېتىملىقى، لېكىن ئاخىرقى قېتىملىقى ئەمەس! دېگەنلەر كۆڭلۈمدىن كەچتى.

    داۋېدنىڭ سوئالى

    پارىژغا كەلگەندىن كېيىن، مېنى ئەڭ بىئارام قىلغان ئىشلارنىڭ بىرى  − ئۆگەنگەنلىرىمنىڭ شۇنچە ئازلىقى، بۇ يەردىكى دېمەتلىكلىرىمدىن ئارقىدا قالغانلىقىم بولدى. بۇلاردا ئانا تىلىدىن باشقا ئۈچ-تۆت تىلنى بىلىش ئادەتتىكى ئىش ئىكەن. ئەگەر بىز ئانا تىلىمىزدىن باشقا بىرەر تىلنى، ھەتتا دۇنيا تىلىغا ئايلىنىپ كېتىۋاتقان ئىنگلىز تىلىنىمۇ ئۆگەنمىسەك، يەنە ئىمتىھاندا مانچە نومۇر ئالدىم، مەكتەپتە «ئىلغار سىنىپ كادىرى» بولدۇم، ئارخىپىم چىرايلىق سۆزلەرگە تولغان، دەپ كېرىلگىنىمىز بىلەنمۇ بىكار (مەنمۇ باشلانغۇچتا مەملىكەت بويىچە «تىرىشچانلىق» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇزىكا فاكۇلتېتىدا ئۇدا «ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى»، ئاپتونوم رايون بويىچە «مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى» بولۇپ باھالانغان). ئەگەر بۇ يەردىكى 20 ياشلىقلارنىڭ بىر نەچچە تىلنىڭ ئۆتكەلىدىن ئاللىقاچان بۆسۈپ بولغانلىقىنى، يەنە نېمىلەرنى ئۆگىنىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ كەسپىي بىلىمىنىڭ چوڭقۇرلاپ كەتكەنلىكىنى بىلسىڭىز، شۇنداقلا ئىمكانىيىتىڭىز، شارائىتىڭىزدا ئوخشاشلىقلار كۆپ بولمىسىمۇ، ئوتتەك ياشلىق باھارىڭىزنىڭ، ئەقىل-ھوشىڭىزنىڭ ئوپمۇ-ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالىغىنىڭىزدىلا 20 يىلىڭىزنى ئۇلارنىڭ 20 يىلى بىلەن سېلىشتۇرۇپ چوقۇم ئەپسۇسلىنىسىز.
    تىل مەكتىپىگە كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، بۇ يەرگە فرانسوز تىلى ئۆگەنگىلى كەلگەن داۋېد ئىسىملىك گېرمانىيىلىك بىلەن سۆزلىشىپ قالدىم. پاراڭ كۆپرەك مېنىڭ ۋەتىنىم، ئۇ يەردىكى ياشلارنىڭ ئۆگىنىشى، تۇرمۇشى توغرىسىدا بولدى، ئەمما ئۇنىڭ بەزى سوئاللىرىنى جاۋابسىز قالدۇردۇم. ئەلۋەتتە ياخشى سوئاللار ئىدى. مەنمۇ جاۋاب بېرىشتە تىلدىن قىينالمايتتىم (بىز ئىنگلىزچە سۆزلەشتۇق). ئۇنداقتا نېمىشقا جاۋابسىز قالدى؟ داۋېد بۇ يىل 25 ياشتا ئىكەن. فىزىكا پەنلىرى بويىچە ئاسپىرانتلىقنى تۈگىتىپتۇ. ئافرىقىدا ئىككى يىل ئىشلىگەن خىزمەت تەجرىبىسى، ئىككى خىل كەسىپتىن دىپلومى بار بولۇپ، ھازىر ئۇ گېرمانىيىدىكى مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپتە ياردەمچى ئوقۇتقۇچى ئىكەن. تۆت خىل تىلدا راۋان سۆزلىيەلەيدىكەن. ئۇنىڭ پارىژدىكى كۈندىلىك پىلانى: چۈشتىن ئاۋۋال تۆت سائەت فرانسوزچە ئۆگىنىش، چۈشتىن كېيىن بەزى كۈنى ئالتە، بەزىدە يەتتە سائەت ئىشلەش، كەچلىك تاماقتىن كېيىن بىر سائەت ئۇزۇنغا يۈگۈرۈپ چېنىقىش، ئاندىن كېيىن دەرس تەييارلاش، بەزىدە دوستلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئىكەن.
    ئۇنىڭ شەنبە، يەكشەنبىلىك ۋاقتىمۇ زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، فرانسىيىدىكى ئالتە ئايلىق ئۆگىنىش، ئىشلەش مەزگىلىدە ئۆزى ئىشلەۋاتقان خىزمەتتىن مەلۇم نەتىجە يارىتىش ئىشەنچىسىمۇ بار ئىدى. ئۇنىڭ پىلانلىرى شۇنچە ئەتراپلىق، ھەر قانداق مۇھىم شەخس ياكى تاسادىبىي ئىش ئۇنىڭ پىلانىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئۇ فرانسوزچىدىن ئۈچ ئاي ئىچىدە بىر دەرىجە ئاتلاپ ئىمتىھان بېرىش پىلانىنى تۈزدى ھەم ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ دېگىنىنى قىلدى.
    ئۇ ماڭا: «فرانسوز تىلىدىن كېيىن ئىسپانچىنى ئۆگىنىمەن. دۇنيادا ئىسپان تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر خېلى كۆپ» دېدى.
    سىنىپىمىزدا دائىم يېڭى ئوقۇغۇچىلار پەيدا بولۇپ قالىدۇ، بەزىلىرى 10 كۈندىلا يوقايدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ ئەسلىدە ئالدىراش ئىشلەپ، ئالدىراش ئوقۇپ، ئېرىشكەن قىسقا مۇددەتلىك دەم ئېلىش پۇرسىتىنى ساياھەتكە ئاجرىتىدۇ. ئۇلار ئەمەلىيەتتە ئاشۇ 10-15 كۈنلۈك ساياھەت مەزگىلىدە يەنە بىر تىلدىن ئاز بولسىمۇ ساۋات چىقىرىۋېلىش ئۈچۈن ساياھەتنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشقا كۆنۈپ كەتكەن.

    مەن ۋە باشقىلار

    مەن ئۆيدە ئەتىۋارلىق «مەلىكە» مەكتەپتە ئەتىۋارلىق ئوقۇغۇچى ئىدىم. ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن بولغىنىم بىلەن باشقا بارلىق ئىشىمنى قىلىشتا ئاپام، دادام، شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىمغا تايىناتتىم. ئۆزۈمگە دائىر چوڭ-كىچىك ئىشلارغا قارار چىقىرىش توغرا كەلگەندىمۇ كەمدىن-كەم ئارىلاشتىم. قىيىنچىلىق، بىرەر ئىشنى بىجىرەلمەسلىك، پىلاندا مەغلۇب بولۇش... دېگەندەكلەر يوق ئىشلار ئىدى. قاچان ئۆيدىن ئايرىلدىم، ھەممە ئىش ئۆزۈمگە قالدى. نېمە يېيىش، قەيەرگە بېرىش، مەكتەپلەرگە كىرىش ئۈچۈن كۈرەش قلىش، بانكىدىكى پۇلنى كېيىنكى ئايغىچە يەتكۈزۈش، قانداق كىشىلەر بىلەن دوست بولۇش، قانداقلاردىن نېرى تۇرۇش، ئىجارە ھەققى مۇۋاپىق ئۆي تېپىش...
    مۇستەقىل قارار چىقىرىشقا كۆندۈرۈلمىگەن ئۇيغۇر بالىسىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قوينىدىن، يۇرتىدىن ئايرىلغاندا دۇچ كېلىدىغان تېڭىرقىشى ئادەتتىكىچە تېڭىرقاشمۇ ئەمەس. ماڭا ئوخشاش ئەتىۋارلىق چوڭ بولغان بىر قىز ساۋاقدىشىم بار ئىدى. ئۇ ماڭا: «تەيۋەندىكى چېغىمدا توسالغۇ، يامان ئادەم دېگەنلەرنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم» دەپ قاقشىدى. ئويلاپ باقسام مەنمۇ ئوخشاش ئىكەنمەن. ئەيفېل مۇنارىنىڭ يېنىدىن كىچىك بىر ئېغىز ئۆي تاپقىنىمدا (ئايلىق ئىجارىسى 450 ياۋرۇ): ماكانىم بار بولدى، ئۇھ! دېدىم. بىراق مۈشكۈلاتلار تېخى ئالدىمدا ئىكەن.
      − بۇ تىل مەكتىپى ئەرزان، بىراق ئوقۇتۇش سەۋىيىسى تۆۋەنرەك!
      − بۇ قىممەت، لېكىن ياخشى.
      − چەك بېرەلمەيمىز (چەك فرانسىيىدە كۆپ ئىشلىتىلىدۇ، ھەم نۇرغۇن قائىدە-پرىنسىپلارغا چېتىلىدۇ).
    چەك ئالالمىسام قانداق قىلارمەن؟ مەكتەپكىغۇ كىردىم، ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇش ئىجازەتنامىسىنى نەدىن ئالىدىغاندۇ؟ ئۇنى قانداق قىلارمەن، مانى قانداق قىلارمەن، ئۇھ، مۇنۇ ئىشىممۇ پۈتمىدى، كىمنى ئىزدەرمەن، كىم ياردەم قىلار.
      − ئاپا، قانداق قىلىمەن؟...
    ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپ تالاي قېتىم ئاپامغا مۇراجىئەت قىلدىم. ئويلاپ باقسام بىزدە مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈش، قارار چىقىرىش، يىغىپ ئېيتقاندا مۇستەقىل ياشاش خاراكتېرى ناھايىتى ئاجىز ئىكەن.
    «ياۋرۇپالىقلار 18 ياشقا كىرگەندە بالىلىرىنى ئۆيدىن چىقىرىۋېتىدىكەن ياكى بالىلىرى ئۆزلىرى چىقىپ كېتىدىكەن» دەپ ئاڭلىغانىدىم. بىلدىمكى، ئۇ دېگەنلىك ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئاخىرلىشىشى دېگەنلىك ئەمەس ئىكەن. ئەمما بالىلار 18 دىن ئېشىپمۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ پەرۋىشىگە، قولىغا قاراپ ئولتۇرۇشنى توغرا كۆرمىگەنلىكتىن، ئۆگىنىشتىن كېيىنكى ۋاقىتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئويۇنغا بېرىۋەتمەي، ئەمگەك قىلىپ چېنىقىش، پۇل تېپىپ ئۆزىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىنى ئۆزى تېپىش ئۈچۈن، ئۆيدىن ئايرىلىدىكەن. يەنە مۇھىم بىر تەرىپى شۇكى، ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە بەزىدە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلىك دىپلومىغا قارىغاندا «خىزمەت تەجرىبىسى» ئىش تېپىشنىڭ بىرىنچى شەرتى بولالايدىكەن. بۇ خىزمەت دىپلومى ئەلۋەتتە ياشلار ئۈچۈن باغچىدا، تېز تاماقخانىدا، ماگىزىندا، قۇرۇلۇشتا... ئومۇمەن قانداقلا ئىشنى ئىشلىگەن بولسا ئىسپات بولالايدىكەن. ئۇلار «خىزمەت تەجرىبىسى» دېگەن كاتەكچىنى توشقۇزغاندا بىر مۇنچە ئىش تۈرىنى تىزىپ چىقالايدىكەن-دە، ئاسانلا ئىشقا كىرەلەيدىكەن.
    ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىش ئالدىدىكى بىر ئىش ئېسىمدىن چىقمايدۇ. ئىپانودا ئاساسى بار، ئىنگلىز تىلىغىمۇ ياخشى بىر دوستۇمغا ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتقان بىر ئامېرىكىلىقنىڭ ئۈچ بالىسىنى ئوقۇغۇچىلىققا تونۇشتۇردۇم. بۇ بالىلار ئەسلىدە مېنىڭدىن ئۇزۇندىن بۇيان پىئانىنو دەرسى ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىم ئىدى. دوستۇم ھەربىرىدىن ئېيىغا 100 يۈەن كىرىم قىلالايتتى. ئەمما دوستۇمنىڭ دادىسى، ۋاقتىڭ كېتىدۇ، پۇلنى مەن بېرىۋاتىمەنغۇ! دەپ ئۇنى بۇ ئىشتىن توستى. فرانسىيىدىكى ياشلار دادىلىرىنىڭ پۇلى يوقلىقىدىن ئەمەس، 18-20 ياشقا كىرگىچە خاس خاراكتېر، مۇستەقىل ياشاشقا بولغان ئىشەنچىسى ۋە ئۆزگىچە ياشاش ئارمان يولىنى شەكىللەندۈرۈپ بولغانلىقى ئۈچۈن باشقىلارغا، ھەتتا ئۆز ئاتا-ئانىسىغا تايىنىشتىن قۇتۇلالماسلىقنى نومۇس بىلىدىكەن. بىزنىڭ خاراكتېرىمىزدىن بولسا باشقىلارنىڭ مەسلىھەتىگە، يېتەكچىلىكىگە تايىنىش خاھىشى بىردە ئەمەس، بىردە ئىپادىلىنىپ تۇرىدىكەن. رېئاللىقنىڭ بۇ سېلىشتۇرمىسى مېنىڭمۇ شۇنداقلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىمنى كۆرسىتىپ تۇراتتى.
    2003-يىلى 10-ئاي مەزگىلى، بۇ فرانسىيىنى خېلى چۈشىنىپ، تىلىم كارغا كېلىپ بولغان چاغلىرىم ئىدى. مەن ئاۋىسترالىيىگە ساياھەتكە بارماقچى بولۇۋاتاتتىم. ئالدى بىلەن بىلەت باھاسىنى سۈرۈشتۈرۈپ كۆرمەكچى بولۇپ، فرانسوز قىز ساۋاقدىشىمدىن بۇ ئىشىمغا ياردەم قىلىشنى ئۆتۈندۈم. مەن ئۇنىڭ بىلەن ناھايىتى ياخشى ئۆتەتتىم. ئۆزئارا ياردەملىشىپ ئۆگىنەتتۇق. شۇڭا خۇددى ئۈرۈمچىدىكى يېقىنلىرىمغا تايانغاندەك ئۇنىڭغا تايانماقچى بولغانلىقىمنى سەزمەيلا قاپتىمەن. ئۇ:
      − بولىدۇ، لېكىن ئالدى بىلەن ئۆزۈڭ سۈرۈشتۈرۈپ كۆرگىن، ھازىرقى فرانسوزچە سەۋىيەڭ بىلەن ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىگە بارساڭمۇ، تورغا چىقىپ ئىزدىسەڭمۇ بولىدۇ. بۇنى چوقۇم ئۆزۈڭ قىلالايسەن، سىناپ باققىن، بولامدۇ؟-دەپ ئىنكاس قايتۇردى.
    مانا باشقىلارغا تايىنىپ ئىشنى ئاسانلاشتۇرۇش خاراكتېرىم مېنى تازىمۇ قىيىن ئەھۋالدا قويدى. ھەقىقەتەن بۇنى ئۆزۈم پۈتۈنلەي قىلالايتتىم، خىجىللىقتا ئۆزۈمنى قويغىلى يەر تاپالماي قالدىم. ئۇ مېنىڭدىن كۈچلۈكمۇ؟ ياق! ئۇ مېنىڭدىن ئەقىللىقمۇ؟ ياق! شۇ چاغدىلا ئىككىنچى مۇنداق ئىشنى قىلمايمەن، ھەر قانچە قىيىن بولسىمۇ، ئۆز ئىشىمنى ئۆزۈم قىلىمەن، دەپ قەسەم قىلدىم.
    بارلىق ھايۋانلارنىلا ئەمەس، ئاتنىمۇ پەقەت ھايۋاناتلار باغچىسىدىلا كۆرگەن ياپونلۇق بىر ساۋاقدىشىم بار ئىدى. 2003-يىل يازلىق تەتىلدە (فرانسىيىدە يازلىق تەتىل ئۈچ ئاي) ئۇ بىر فرانسوز يىگىتى بىلەن مۇڭغۇلىيە يايلاقلىرىنى ئاتلىق ئايلىنىپ خۇددى ئۈچ يىل ساياھەت قىلغاندەك مول كەچۈرمىشلەر بىلەن قايتىپ كەلدى.
      − مۇڭغۇلىيىگە بېرىپلا بىردىن ئات سېتىۋالدۇق،-دېدى ئۇ ماڭا،   −  ئاتلارغا مەسئۇل بولۇش بەك تەس ئىكەن، دەسلەپتە ئاتلارنىڭ سېسىق تەر پۇراقلىرىدىن سەسكىنىپ ئاتنى كۆرسەملا كۆڭلۈم ئېلىشىدىغان بولۇپ قالدىم. بارا-بارا ئۇنىڭغىمۇ كۆندۈم. مىڭ تەستە مىنىشنى ئۆگىنىشتىكى خۇشلۇقۇم نەچچە ۋاق ئۆتۈپ، كاسسىلىرىمنىڭ يارا بولۇشى بىلەن كۈنلىرىمنى يەنە تەسلەشتۈردى. ئاستا-ئاستا بۇنىمۇ يەڭدىم. ماڭا ھەممىدىن تەس كەلگىنى ئاتنى ھەم ئوت-چۆپى ياخشى، سۈيى ئەلۋەك جايدا بېقىش، ھەم ساياھەتنى داۋاملاشتۇرۇش بولدى. ئاتلار ئاغرىپ قالغاندا دوختۇر ئىزدەپ كۆپ ئاۋارىچىلىق تارتتۇق. كەچتە ئاتنى سىرتقا باغلاپ قويۇپ، بىرىمىز ئۇخلىغاندا، بىرىمىز كۈزەتتە تۇردۇق. ئۇنداق قىلمىساڭ ئاتنى خەقلەر ئوغرىلاپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن. خۇددى كىنولاردىكىدەك دېگىنە، يېرىم كېچىدە نۆۋەت ئالمىشىمىز، تازا تاتلىق ئۇخلاۋاتقىنىڭدا بىراۋنىڭ «تۇر!» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلاش ئەڭ يېقىمسىز ئىش ئىكەن. لېكىن مۇڭغۇللار بەك قىزغىن، دوستانە كىشىلەر ئىكەن. لوغەت ئارقىلىق سۆزلىشىپ يۈرۈپ، دوستلارنىمۇ تېپىۋالدۇق. ئاخىرىدا ئەڭ قىيىن بولغىنى ئاتلارنى سېتىۋېتىش بولدى،-دېدى ئۇ.
      − نېمىشقا، مېنىۋېرىپ ھالىنى قويماپسەندە؟
      − ئۇنچىلىكمۇ ئەمەس، ئاتلىرىمىز ياخشى ئاتلار ئىدى. بىز چەت ئەللىك بولغاندىن كېيىن ئات بازىرىدا دەللاللار ئۆزئارا كېلىشىۋېلىپ، بىزنى ئالداپ ئەرزان سېتىۋېلىشقا تىرىشتى. بىز بۇنى سېزىپ قالدۇق. ئىككى كۈن بازاردىن كەتمەي ئۇلار بىلەن تىركىشىپ يۈرۈپ، ئاخىرى يامان ئەمەس باھادا سېتىۋېلىپ قايتتۇق...
    ياپونلۇق دوستۇمنىڭ خۇددى تەجرىبىلىك سەيياھلارنىڭكىدەك كەچۈرمىشى ماڭا بىر دەرس بولدى.
    26 ياشلىق ئەنگلىيىلىك سۇسىي بىلەن فرانسوز تىل مەكتىپىدە تونۇشۇپ قالدۇق. ئۇ بەك خوشچاقچاق قىز بولۇپ ئۇ مەن فرانسىيىگە كېلىپ ئىككى ئايدىن كېيىن سىنىپىمىزغا كىرگەنىدى (فرانسۇز تىلى ئاساسى بار ئىدى). بىر ئايدىن كېيىنلا ئۇ ئۆزىنىڭ شىركەت قۇرماقچى بولىۋاتقانلىقىنى ماڭا ئېيتتى. فرانسىيىدە ھېچقانداق ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى ئاساسى يوق ياش بىر قىزنىڭ «شىركەت قۇرىمەن» دېيىشىماڭا جۆيلۈۋاتقاندەك بىلىندى. مەن ئۇنىڭدىن:
      − قىلالامسەن؟  −  دەپ ئەندىشە ئىچىدە سورىدىم.
      − مەن تۇرمۇش ۋە ھاياتلىق يولۇمنى ئۆزگەرتكىلى بۇ يەرگە كەلدىم، شۇڭا يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىمەن، يېڭى ئىشلارنى قىلىمەن، مانا بۇ مېنىڭ پىلانىم دېدى ئۇ،  −  لوندوندىمۇ ئەھۋالىم ياخشى، لېكىن مەن پارىژدىمۇ ئۆزۈمنى سىناپ باقماقچى.
    ئۇ پارىژدىكى مۇھىم بىر ئىجتىمائىي مەسىلىنى، يەنى چەت ئەللىكلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆي مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىم ھەم جىددىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى، ئۆي ئىجارە ئالغۇچىلار بىلەن ئۆي ئىجارىگە بەرگۈچىلەر ئارىسىدا ۋاستىچى بولۇپ پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى تەھلىل قىلىپ چۈشەندۈرۈپ كەتتى.
    ئۇ دېگەندەك بىر ھەپتىمۇ پىلانىنى كېچىكتۈرمەي ئۆزى يالغۇز ئىشقا كىرىشتى. توردىن ئۆي ئېلانلىرىنى ئىزدەش، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئېلان تاختىلىرىغا ئۆز ئادرېسىنى قالدۇرۇش (چۈنكى ئالىي مەكتەپلەردە ياتاققا ئېھتىياجلىق چەت ئەللىكلەر ئەڭ كۆپ)، كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكۈدەك مەزمۇندا توختامنامە ئورگىنالى تۈزۈش... دېگەندەك ئىشلارغا تازا چاپتى. ئاخىرى بەش ئايدىن كېيىن ئۇ شىركىتىنى مەخسۇس تور بېتىگە ئىگە، ئېيىغا ئۈچ-تۆت مىڭ ياۋرو كىرىم قىلالايدىغان، خېرىدارلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان شىركەت قىلىپ تونۇتۇشقا باشلىدى.
    تولىمۇ خۇشچاقچاق، ھەمىشە دېگۈدەك غەلىتە كىيىملەرنى كىيىپ ياسىنىۋالىدىغان ۋىجىككىنە قىزنىڭ جاسارىتىدىن يەنە بىر قېتىم ئويغاندىم. ئۇ ماڭا يەنە: نۇرغۇن پىلان-ئارمانلىرىنى، پۈتۈن دۇنيانى ئۆزىنىڭ پۇلى بىلەن ئايلىنىش، بولۇپمۇ شىنجاڭنى كۆرۈش   −  مۇھىم ئارزۇلىرى بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ ئارمانلىرىنى پارىژدا ئوقۇۋاتقان يەنە بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئارمانلىرىغا سېلىشتۇرۇپ قالدىم. يۇرتدىشىم بىلەن قىزغىن سۆھبەتتە بولغان بىر كۈنى ئۇ ماڭا: «ئوقۇشنى پۈتتۈرسەم ئېسىل تۇرالغۇم، پۇلدار ئېرىم، ئېسىل پىكاۋىم بولسىلا بولدى، ھاياتقا ئارتۇق تەلىپىم يوق» دېگەنىدى.
    مېنىڭ بايانلىرىمدا تىلغا ئېلىنغانلارنىڭ ھەممىسى 20-25 ياش ئەتراپىدىكى دەۋرداشلار.
    بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، بىر تەرەپتىن ئىشلەش، تەتىل بولۇشى ھامان بىر پادىچى ئىشتىنى بىلەن بىر ئاددى يىپ مايكىنى كىيىپ، خەرىتىگە تايىنىپ ساياھەت قىلىش ھەم بارغان يەرلەرنى تەتقىق قىلىپ، ئۆزىنى چاقنىتىش ئۈچۈن پۇرسەت ئىزدەش ئۇلارنىڭ بىرىنچى مەقسەتلىرى بولسا، دۇنيانى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش، يات شارائىتتا ياشاپ بېقىش، بۇ جەرياندا نۇرغۇن قىممەتلىك تۇرمۇش، جەمئىيەت تەجرىبىلىرىنى بالدۇرراق توپلاش ئۇلارنىڭ يەنە بىر مەقسەتلىرى بولىدۇ.
    مەن باشقىلار ئارقىلىق ئۆزىمىزنى قايتا تونۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. بىزنىڭ سۆزىمىزنىڭ ئاساسى مەزمۇنى بىر قىلىپتا، دۇنيا قاراشلىرىمىز بىر قېلىپتا، ئۆگىنىش مەقسىتىمىز، ئۇسۇلىمىز، ياشاش ئۇسۇلىمىزمۇ ئاساسەن بىر قېلىپلا ئىكەن.
    مەن تاكى پارىژغا كەلگىچە بۇنى ھېس قىلالمىغان ئىكەنمەن. ئەمەلىيەتتە ياشلارنىڭ بىرى بىلەن يەنە بىرىنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش، ھاياتتىن ھۇزۇرلىنىش، ئارزۇ-ئارمان، پىلان-مەقسەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئوخشىماسلىق، ئۆزگىچىلىك بار ئىكەن، ئاشۇ ئۆزگىچىلىك ياشلىق جاسارىتى بىلەن بىرلىشىپ، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە توسىۋالغىلى بولمايدىغان غايەت زور ۋولقانغا ئايلىنىدىكەن. غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ تېز بولۇشىدىكى سىرلارنى بىرى شۇنىڭدا بولسا كېرەك.
    ھەركىم يوشۇرۇن ئىقتىدارىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە نامايەن قىلىش، ئۆزىنى چاقنىتىش-ئۆزگىچىلىك ئىكەن، دەپ ئويلىدىم. 
    تەڭتۇش دوستلۇرۇم، دەۋرداش ۋەتەنداشلىرىم! مەن ھايات مۇساپىسىغا كۆزلىرىنى چوڭ ئېچىپ قاراشنى ئەمدى ئۆگىنىۋاتقان بىر قىز. شۇڭا مېنىڭ ئويلىغانلىرىم سىزگە بالىلارچە تېڭىرقاشلار ئىچىدىكى چىگىش خىياللاردەك تۇيۇلۇشى مۇمكىن. شۇڭا مەن ھېچكىمنى شوئارغا چاقىرماقچى ئەمەس، نەسىھەت قىلىشقا شەرتىم تېخىمۇ توشمايدۇ. مەن پەقەت فرانسىيىدىكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بىلىم ئىزدەپ بۇ يەرگە كەلگەن تەڭتۇشلار بىلەن ئۆزىڭىزنى سېلىشتۇرۇپ بېقىشىڭىزنىلا تەۋسىيە قىلىمەن. بولۇپمۇ پىلان-ئارزۇلىرىڭىزنى ئاشۇ ياشلاردەك ئاچكۆزلۈك بىلەن چوڭراق، يۈكسەكرەك تۇرۇشىڭىزگە مەسلىھەت بېرىمەن. چۈنكى مۇنداق جاسارەت ئۆزىڭىزدىكى ئالاھىدە كۈچنى (ئىقتىدار جەھەتتە) پارتلىتىپ چىقىرىشىڭىزغا تۈرتكە بولىدۇ!

    خاتىمە

    مەنمۇ ئاستا-ئاستا پارىژلىقلار سېپىگە قوشۇلۇۋاتىمەن−ئەتىگەن سائەت 8:30 دىن كەچ 10:30 غىچە ئۆگىنىش (مەكتەپتە، كۇتۇپخانىدا، پىئانىنو مەشىق زالىدا) ئادەتكە ئايلىنىپ كەتتى (چۈشتە قوساقنى ئالداشقا يېرىم سائەت كېتىدۇ). بىر كۈنلۈك جىددىيچىلىكتىن كېيىن ياتىقىمغا كېلىۋالغىچە بەزىدە كۆڭلۈم ئاينىغاندەك بىئارام بولىمەن، بېشىم ئاغرىپ، كۆزلىرىمنى ئاچالماي قالىمەن. كارۋىتىم جەننەتتەك كۆرىنىپ كېتىدۇ. نېمىشقا بىر كۈن 30 سائەت بولۇپ قالمىغاندۇ؟ ياكى ئىنسانلار ماڭا ئوخشاش چىدىماس بولغاچقا شۇنداق تەڭشەلگەنمىدۇ؟! 40 سائەت بولسا قانداق ياخشى بولاتتى... دېگەنلەرنى ئويلايمەن. باشتا ئېيتقىنىمدەك 10 ياشقىچە بولغان ھاياتىمدا ئۆگەنگەنلىرىمنىڭ ئازلىقىنى ھېس قىلغانسېرى ۋاقىتنى يەتكۈزەلمەي قېلىۋاتقاندەك ئازابلىنىمەن. ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن نەرسىلەر ئېشىپ قېلىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا ئىچىم پۇشىدۇ...

    تەڭرىتاغ ژورنىلىدىن ئېلىندى



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : مۇقەددەس مىجىت , تەڭرىتاغ , پارىژ , ئۇيغۇر
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2009-1-12 13:19:00
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 534
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证