تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    aixa
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13058
    ksepar@126.com
    505612914
    يازما سانى : 81
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-10-20 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    يىگىتكە دەيدىغانلىرىم...

    يىگىتكە دەيدىغانلىرىم...

     

       ئەي چېھرىدىن كۈلكىلەر يېغىىپ تۇردىغان قامەتلىك يىگىت دۇنيادا سەن ھەرقانداق قىيىنچىلىق ئالدىدىمۇ باش ئەگمەي مەغرۇر ياشىغىن. ئادەم تۇغۇلۇپ بېشىغا نۇرغۇن دەرت-ئەلەم، قىيىنچىلىق، مۇھتاجلىق، جەۋرى-جاپا ، ئېغىر مۈشكۈل كۈنلەر كېلىدۇ. سەن ،ھايات مۇساپىسىنى بېسىش جەريانىدا نۇرغۇن مۈشكۈل قىيىنچىلىقنى يېڭىپ چىقىشىڭ، ھاياتىڭدا ئازدۇر كۆپتۇرنەتىجە قازىنىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭ كېرەك.

        ئادەم تۇغۇلۇپ ئۆز-ئۆزىنى، ھايات نىمە، تۇرمۇش نىمە، شۇنداقلا مۇھاببەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلگەندىن باشلاپ ھەقىقى تۇرمۇشقا  قەدەم قويىدۇ. مەن ئويلايمەن، ئادەم ئۆز-ئۆزىنى بىلگەندىن باشلاپ ئۆزىنىڭ مەلۇم ئۈمىد ئارزۇسى بولىدۇ. بەلكىم سېنىڭمۇ شۇنداقتۇر. ئاددىسىنى ئالسام مېنىڭمۇ ھاياتىمدا ئۆزۈم يېتىشنى ئويلايدىغان ئۈچ تۈرلۈك ئارزۇيۇم بار، مۇشۇ ئارزۇيۇمغا يېتىپ ئۆلۈپ كەتسەممۇ ھېچقانداق ئارمىنىم يوق بولاتتى.

      مەن سەن بىلەن ئوبدان پاراڭلىشىپ بىر -بىرىمىزنى چۈشۈنۈپ دوستلۇق ھاسىل قىلمىغان بولساقمۇ، سېنىڭ تېخى سەبىي، ئاقكۆڭۈللىكىڭنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

       ئېسىڭدە بولسۇن، ھەرقانداق ئىشنى قىلساڭ ئويلىنىپ قىلغىن. ھەرگىزمۇ كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ ئۆز ئىرادەڭگە خىلاپ ئىشلارنى قىلىپ قويما. ھەرقانداق ئىش بولسىمۇ ئۆز كۈچىڭگە تايىنىپ ياشىغىن.

    ھەرقانداق بىر  ئىشنى قىلىشتىن ئاۋۋال، شۇ قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ پايدا-زىيىنىنى ئوبدان ئايرىغىن. دۇنيادا ھايات شېرىن، تۇرمۇش بولسا تولىمۇ رەزىل ئادەملەر بىلەن تولغان، سەن ھەرگىزمۇ تۇرمۇشنىڭ مەجبۇرلىشى، ئەتراپىڭدىكىلەرنىڭ بېسىمى بىلەن ۋىجدانىڭغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىپ سالمىغىن،  باشقىلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كېتىدىغان ئىشلاردىن ئۆزىڭنى تارتقىن. ئۇنۇتمىغىنكى ۋىجدان ئازابى چۈشكۈنلۈكنىڭ، چۈشكۈنلۈك بولسا دوزاقنىڭ يول خېتىدۇر .

      ئادەمنىڭ ئىسىل -ئەخلاقى پەزىلىتى -غورۇر-ۋىجدانى يەنىمۇ مۇھىمى تىرىشچانلىقى بولىدىكەن ھەرقانداق ئادەمنىڭ جەلىپكارلىقىنى قوزغايدۇ. ھامان بىر كۈنى نوپۇزىنى تىكلەيدۇ، باشقىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلەيدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن باشقىلار كۆزگە ئىلمايدىغان، پەس ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

         ئەي يىگىت، ۋىجدان،غورۇر، ئىسىل -ئەخلاقى پەزىلەتنى ئۆزۈڭدە يېتىلدۈرۈش بىلەن بىللە تىرىشچانلىقنى ئۆزۈڭگە ئادەت قىل، ھورۇن، مەۋقەسى تۇراقسىز، ھىسىياتسىز، مۇھەببەتسىز ئادەملەردىن بولۇپ قالمىغىن. مۇھەببەتكە ئىشىنىدىغان، مۇھەببەتنى قەدىرلەيدىغان، ئۆزىنىڭ ھەر بىر ھىسىياتى ۋە ھەركىتىگە مەسئۇل بولۇشنى بىلىدىغان ئادەملەردىن بولغىن.  ئىشەنگىنكى ئەجىر يەردە قالمايدۇ.

    [admin تەستىقلىدى . 2010-4-15 21:29:42]


    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2008-12-31 15:49:00
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 603
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证