|
|
|
|
شەكسىز (غەلىبە مۇھەممەد)
|
شەكسىز
( غەلىبە مۇھەممەت )
كۆتۈرمەيمەن ئۆزۈم ئۈچۈن قول ، دۇئالىرىم سەن ئۈچۈن بالام . ئىزدىمەيمەن ئۆزۈم ئۈچۈن يول ، سەپەر لىرىم سەن ئۈچۈن بالام .
قاتۇرمايمەن ئۆزۈم ئۈچۈن باش ، پىدالىرىم سەن ئۈچۈن بالام . تېمىتمايمەن ئۆزۈم ئۈچۈن ياش ، نىدالىرىم سەن ئۈچۈن بالام .
جاپا نېمە مۇشەققەت نېمە ، ياداشلىرىم سەن ئۈچۈن بالام . چۆلدە يەتكەن يالغۇزلۇق نېمە ، چىداشلىرىم سەن ئۈچۈن بالام .
قانچە كەڭرى بولسىمۇ گەر سول ، ھارماسلىقىم سەن ئۈچۈن بالام . چىللىسىمۇ داستىخانى مول ، بارماسلىقىم سەن ئۈچۈن بالام .
قىلغۇم كەلمەس ئۆزۈم ئۈچۈن گەپ ، دېگەنلىرىم سەن ئۈچۈن بالام . ئوغا بولسا ئۆتەلەيمەن يەپ ، كېرەك بولسا سەن ئۈچۈن بالام .
تاش چاينىسام ئەمەسمۇ لەززەت ، سەن ئاش يىسەڭ، مەن ئۈچۈن بالام . ئۆلۈش ھەتتا ئاجايىپ پۇرسەت ، گېزى كەلسە سەن ئۈچۈن بالام .
مۇڭ ئىچىدە تۇرۇپ تۇيۇقسىز ، ئوت ئالمىقىم سەن ئۈچۈن بالام . مەشرەپ كەبى سەرسانە، يوقسىز ، بوپ قالمىغىم سەن ئۈچۈن بالام .
ئانام دەيمەن ئانامغا ئوخشاش ، كۆرگىنىمدىن سېنى بىر، بالام ، دادام دەيمەن دادامغا ئوخشاش ، بىلگىنىمدىن سېنى شىر بالام .
مېنى كۆرسەڭ مۇزلۇق قىياندا ، ئۈزمەكلىكىم سەن ئۈچۈن بالام . گەر ئۇنتۇلسام چۆل - باياۋاندا ، كەزمەكلىكىم سەن ئۈچۈن بالام .
يوقاپ كەتسەم ئاينىڭ تويىدا ، تېنەشلىرىم سەن ئۈچۈن بالام . تۇرۇپ قالسام كۈننىڭ بويىدا ، كىنەشلىرىم سەن ئۈچۈن بالام .
كۆزلىرىمدە غىلغىپ قالسا ياش ، سېغىنىشنىڭ لاۋاسى بالام . ئۆزۈڭدۈرسەن ماڭا دوسىت، قايش ، ھاياتىمنىڭ داۋاسى بالام .
تېنىم ئىچرە جېنىم سەن مېنىڭ ، جېنىم ئىچرە قېنىم سەن مېنىڭ . قېنىم ئىچرە روھىم سەن مېنىڭ ، ئاسمىنىمغا گۈل تەرگەن بالام .
--------------------- مەنزىل: شىنجاڭ ئاياللىرى
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
|
ساقلىۋېلىش
|
باھا يازمىلار
|
يوللانغان ۋاقىت :
2008-12-30 19:26:00
تەھرىر :
نامەلۇم
|
باھا :
0
|
كۆزىتىش :
354
|
|
|
|
|
|