شېئرلار
ھاياتمەن ئەڭ چۈشكۈن خىياللار ئارا،
بەرباتلىق باستۇرۇپ كەلمىدى تېخى.
ھېچنېمە كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇرالماس،
ئاراملىق ئەپ كېلەر ئەسلەشلا سېنى.
قار چۈشتى لەپىلدەپ بۈگۈن تۇنجى رەت،
باشلاندى قەلبىمدە دېكابىر ئېيى.
مۇزلىغان جەسەتتەك سوغاق ھەممە يەر،
دالىلار ھويلىلار يارىڭنىڭ تېنى.
كەلمەيدۇ بىلىمەن ئۇ ئەمدى،
دەرەخلەر قۇرۇيدۇ قەلبىمگە ئوخشاش.
ھىچ يەردىن ئىللىقلىق ئالالماسمەن ئاھ ،
قىيىندۇر شاتلىقنى قۇچاقلاپ ياشاش.
كەچۈرۈڭلار، مەزكۇر شېئىرنىڭ ئاپتورىنى خاتىرىلىۋالماپتىكەنمەن، بىلگەنلەر تولۇقلاپ قويۇشۇڭلارنى سورايمەن
[admin تەستىقلىدى . 2010-2-15 14:06:47]