قىز قەلبى
پاك سۆيگۈم ھەسرەتكە قىلسا مۇپتىلا،
ئېھ ھەممە ئازاپنى بېرىۋەت ماڭا.
ياق ئىشەن مەن سېنى قالمىدىم سۆيۈپ،
دەيمەنۇ ئۇنتۇشقا ئامال يوق ئەمما...
مۇقەددەس ئازاپنى قالارمەن خالاپ،
گەر مېنى ئۇن-تونسىز قالساڭ سەن سۆيۈپ.
قەلبىڭنى بىر كۈنى قىلغاندا ئىزھار،
ئېھتىمال شادلىقتىن كېتەرمەن ئۆلۈپ...
خاتىرەمدىكى شېئىرلارنى كۈچۈرگەندە ئەسلى ئاپتۇرنىڭ ئىسمىنى خاتىرلىمىگەنكەنمەن. بىلگۈچىلەرنىڭ يېزىپ قويىشىنى ئۇمۇد قىلمەن