خوشلاشقاندا
خەيرىلەشتۇق خەير-خوش دېيىشتۇق،
نەپىسىمىزمۇ قالدى قىسىلىپ.
قارچۇقلاردىن كۆچكەن سۈرەتلەر،
كىرپىكلەردە قالدى ئېسىلىپ.
بېسىپ كەلدى ھىجران دەھشىتى،
كارىدوردىن كەلمىدى تىۋىش.
كۆزنەكلەردە تۇرار سىلكىنىپ،
قەدەملەردىن قايتقان قورىتىش.
خاتىرەمدىكى شېئىرلارنى كۈچۈرگەندە ئەسلى ئاپتۇرنىڭ ئىسمىنى خاتىرلىمىگەنكەنمەن. بىلگۈچىلەرنىڭ يېزىپ قويىشىنى ئۇمۇد قىلمەن.