تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   بىلىۋېلىڭ ›› قىزىق نۇقتىلار ›› 2009-يىللىق قىزىق نۇقتا ›› مىكرو سوفت خىزمەتچىلىرىنى نېمىگە تايىنىپ خىزمەتچىلەرنى ئۈنۈملۈك باشقۇرىدۇ؟
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
مىكرو سوفت خىزمەتچىلىرىنى نېمىگە تايىنىپ خىزمەتچىلەرنى ئۈنۈملۈك باشقۇرىدۇ؟
ayturk
سېنىيور
دەرىجىسى : 4
جۇغلانما نۇمۇر : 11500
416969010@qq.com

يازما سانى : 19
باھا يازما سانى : 0
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق

شەك-شۈبھىسىزكى مىكروسوفت شىركىتى دۇنيادىكى ئەقىللىق كىشىلەر توپلانغان يەر، ئۇنداقتا بىلگايتىس نىمىگە تايىنىپ بۇ خىزمەتچىلەرنى ئۈنۈملۈك باشقۇرىدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئاددىي: « مىكرو سوفت شىركىتىنىڭ خارەكتېرلەشكەن  باشقۇرۇش ئۇسۇلى». دەرىجىگە ئايرىش كىشىلەر بىلەن كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىگە كىرىشىشىگە توسالغۇ بولىدىغان ئەڭ چوڭ ئامىل. شۇڭا باشقۇرۇش داۋامىدا ئامالنىڭ بارىچە بۇ خىل مەنبەلىك پەرق پەيدا قىلغان سەلبىي تەسىرلەرنى يوقىتىش ئىنتايىن مۇھىم،مىكرو سوفت شىركىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى خادىملارنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىش دەل مۇشۇ پرىنسىپنى ئاساس قىلغان.

    ئوخشاش ئىشخانا.  پەقەت مىكروسوفت شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى بولسىلا، ھەممىنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىشخانىسى بىلەن ئايرىمخانىسى بولىدۇ. ھەر بىر ئىشخانا ئۆزئارا ئايرىۋېتىلگەن بولۇپ، ھەممىسىنىڭ  ئىشىكى ئايرىم ھەمدە ھەممىسىدە سىرتنىڭ مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغىلى بولىدىغان دېرىزىسى بار. ھەممە ئىشخانىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكىمۇ ئوخشاش، ھەتتا باش مۇدىر بىلگايتىسنىڭ ئىشخانىسىمۇ باشقىلارنىڭكىدىن پەرق قىلمايدۇ. ئۆزىنىڭ ئىشخانىسىغا نىسپەتەن ھەر بىر ئادەمنىڭ مۇتلەق  ئىگىلىك  ھوقۇقى بار. ئۇنى ئۆزى  زىننەتلەپ  خالىغانچە ئورۇنلاشتۇرسا  بولىدۇ، ھەرقانداق ئادەمنىڭ چات كېرىۋىلىش ھوقۇقى يوق.  ئىشخانىنىڭ ئورنىنىمۇ  رەھبەرلىك  قاتتىققوللۇق بىلەن  ئورۇنلاشتۇرۇپ  قويمايدۇ، بەلكى خىزمەتچى خادىم ئۆزى تاللايدۇ؛ ئەگەر  مەلۇم بىر ئىشخانىنى  بىر نەچچە ئادەم تەڭلا تاللىغان بولسا، زادى كىمنىڭ تاللىنىدىغانلىقى  چەك تارتىش ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ. ئەگەر  كىمىكى تۇنجى قېتىملىق  تاللاشتىن  نارازى بولسا، ئۇنىڭ قايتا تاللىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ، تاكى ئۇ رازى بولغانغا قەدەر تاللاش ئېلىپ  بېرىلىدۇ. شىركەت ھەربىر خادىمنىڭ خۇسۇسىي مەخپىيەتلىكىگە بەك ھۆرمەت قىلىدۇ، ھەر بىر ئىشخانىغا قۇلۇپ سالغىلى بولىدۇ. 

    سائەت يوق. ئىشخانا بىناسى باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان يەنە بىر ئالاھىدىلىكى. مىكروسوفت شىركىتىنىڭ سىئاتېلدىكى ئىشخانا بىناسى ئىنتايىن ئاددىي ئۇسۇلدا  سېلىنغان، ئاساسلىق ماتېرىيالى ئەينەك ۋە پولات  ماتېرىيال. ئىشخانا بىناسىنىڭ يولى پۈتۈنلەي گىلەم بىلەن قاپلانغان، ئۆگزىسىدىن ئىنتايىن ئاجىز بىر نۇر چاقناپ تۇرىدۇ، ئەمما ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئەھۋال شۇكى، بىنانىڭ ئىچىدىن بىرەر سائەتنى تاپقىلى  بولمايدۇ.  كۆپچىلىك ئكزىنىڭ  ۋىجدانىغا  تايىنىپ ئىشقا  چىقىدۇ ۋە ئىشتىن چۈشىدۇ، قانچىلىك  ئىسمىنا قوشۇپ  ئىشلەشمۇ  كۆپچىلىكنىڭ  ئىختىيارىدا. ئادەتتە سىئاتېلنىڭ ھاۋاسى دائىم تۇتۇق  تۇرىدۇ، ئەگەر قۇياش  چىقىپ، ئەتىراپتا سەلكىن شامال پەيدا  بولىدىغانلا بولسا، خادىملار ئەركىن-ئازادە سەيلە قىلسا  بولىۋېرىدۇ.

    ئىشخانا بىناسىنىڭ  ھەممىلا  يېرىدە  ئېگىز  پۇتلۇق  ئورۇندۇق بار. مىكروسوفت شىركىتى خادىملارنى تۈرلۈك ئىچىملىك بىلەن ھەقسىز تەمىنلىگەندىن سىرت، شىركەتنىڭ ھەممىلا يېرىگە ئولتۇرۇپ ئىش  قىلغىلى بولىدىغان ئېگىز پۇتلۇق ئورۇندۇقنى قويۇپ قويغان. شىركەتنىڭ خادىملىرى نەدە ئولتۇرۇپ ئىش بېجىرسە بولىۋېرىدۇ. ئەلۋەتتە  بۇخىل ئورۇنلاشتۇرۇش يەنە  مىكروسوفت  شىركىتى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ ھەرقاچان ئۆزگەرتىلىشكە  تەييار تۇرغانلىقىدەك رېئاللىقنىمۇ ئەكس ئەتتۈرگەن. مىكروسوفت مانا  مۇشۇنداق ھەرقانداق ئادەم ئۆزىگە خاس  ئىشلارنى  قىلالايدىغان  خارەكتېرلىك  باشقۇرۇش ئۇسۇلىغا  تايىنىپ، مول ئىجاتچانلىق  كۈچى بار ئىختىساسلىق  خادىملارنى  شىركەتكە كېلىشكە جەلپ قىلغان، يەنە ئۆزىگە خاس مەدەنىي مۇھىت يارىتىش ئارقىلىق بۇ  ئىختىساسلىق خادىملاردا مىكروسوفت شىركىتىدە ئۆز رازىلىقى بىلەن تۇرۇپ  قېلىش خاھىشىنى پەيدا قىلغان.

مەنبە: ئۈرۈمچى  كەچلىك  گېزىتى 2-ئىيۇن


مۇھىم خەتكۈچلەر :
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2008-6-2 12:35:00 باھا : 0 كۆزىتىش : 68
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证