دۆلەتلىك كومپيۇتېر ۋىرۇسىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مەركىزىنىڭ 20 - چېسلادىكى خەۋرى :كومپىيۇتېر ساھەسىدىكى دوستلارنىڭ ھەممىسى بىلىدىغان سېسىق نامى پۇر كەتكەن دۇنيا بويىچە ئەڭ شەپقەتسىز ۋىرۇس CIH ۋىرۇسىنىڭ 1.2يېڭىلانغان نەشىرى 2008 - يىلى 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى كەڭ كۆلەملىك تارقالماقچى ... CIH 1.2 بولسا ئىلگىرىكى نۇسخىسىنىڭ يېڭىلانغان نۇسخىسى بولۇپ بۇ نۇسخسسى Windows نىڭ ھەرقانداق نەشىرىگە ھۇجۇم قىلالايدۇ. ئاساسلىق يۇقۇش يولى بەلكىم IE ( يەنى Internet Explorer ) بولىشى مۇمكىن . مەزكۇر ۋىرۇس ھۆججەت خاراكتىرلىك ۋىرۇس بولۇپ ئەگەر كومپىيۇتېرىڭىز بەخىتكە قارشى بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ قالسا ئۇ مەشغۇلات سېستىمىڭىزدىكى EXE ھۆججەتلىرىگە كىرىۋالىدۇ ھەمدە 26 - چېسلا توختىماستىن قاتتىق دېسكىڭىزخالىغانچە ھۆججەت يېزىش ۋە ئۆچۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە Flash BIOS نى بۇزۇش ئارقىلىق سېستىمىنىڭ مەڭگۈلۈك بۇزىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق شەكىلدە بۇزۇلغان ياكى ئۆچكەن ھۆججەتلەرنى ئەسلىگە قايتۇرۇش ناھايىتى مۈشكۈل... شۇڭا سىز چوقۇم مەشغۇلات سېستىمىڭىزنى تېزدىن يېڭىلاپ بارلىق ياماقلىرىنى تولۇق قاچىلاڭ بولۇپمۇ Internet Explorer نىڭ بارلىق يامىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ .
مەزكۇر خەۋەرنىڭ ئەسلى مەنبەسى : http://it.sohu.com/20080420/n256404569.shtml