تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   بىلىۋېلىڭ ›› قىزىق نۇقتىلار ›› 2009-يىللىق قىزىق نۇقتا ›› 1848-يىلىدىكى ياۋروپا ئىنقىلابى
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
1848-يىلىدىكى ياۋروپا ئىنقىلابى
YultuzAy
يولۇچى
دەرىجىسى : 6
جۇغلانما نۇمۇر : 54
yultuzay@msn.com

يازما سانى : 254
باھا يازما سانى : 0
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق
   1848-يىلى دۇنيا تارىخىدىكى ناھايىتى مۇھىم بىر يىل بولۇپ، دۇنيا تارىخى دەل مۇشۇ 1848-يىلىنى چېگرا قىلىپ قەدىمكى زامان تارىخى ۋە يېقىنقى زامان تارىخىغا بۆلۈنىدۇ. چۈنكى بۇ يىلى پۈتكۈل ياۋروپانى دىمۇكراتىيە دولقۇنلىرى قاپلاپ ياۋروپادىكى دىمۇكراتىيە پىشىپ يېتىلىشكە ئاساس سالدى. فرانسىيىدە جۇمھۇرىيەت قۇرۇلدى.  گېرمانىيە ۋە ئىتالىيە بىرلىككە كېلىش قەدىمىنى باشلىدى. قۇدرەتلىك ئاۋستىرىيە ئىمپېرىيىسى ۋېنگىرىيەگە يول قويۇشقا مەجبۇر بولدى. گەرچە بۇ قېتىملىق ئىنقىلاپ كۆلىمىنىڭ زورلىقى، تارقىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى بىلەن ياۋروپانى تىترىتىپ مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، بىراق 1848-يىلىدىكى ئىنقىلاپ ياۋروپانىڭ كېيىنكى ئىقتىسادى ۋە سىياسى خەرىتىسىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتتى...
    1848-يىلى فرانسىيىدە:
     1845-1846-يىللىرى  ياۋروپادا مال باھاسى ئۆرلەپ كەتتى،  نەتىجىدە ئەسلىدىكى مۇئاش نورمال تۇرمۇشنى قامداشقا يەتمىگەنلىكتىن ئىشچىلار مۇئاش ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىش ياكى ئىش تاشلاش يولىنى تۇتۇپ ياۋروپادا نۇرغۇن زاۋۇتلار ئارقا-ئارقىدىن تاقالدى. بۇ ھەرىكەتلەر فرانسىيە ۋە گېرمانىيىدە ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولدى. بولۇپمۇ فرانسىيىدە كىشىلەر ناپالىيون دەۋرىدىكى گۈللەپ ياشنىغان ۋەزىيەتنى تېخى ئۇنتۇپ كېتەلمىگەنلىكتىن، ئىقتىسادى كرىزىسنىڭ باش جىنايەتچىسىنى پادىشاھلىق ھۆكۈمەت دەپ بىلدى ۋە بارلىق قوساق كۆپۈكىنى پادىشاھنىڭ خاتالىقىغا ئارتىپ جۇمھۇرىيەت قۇرۇش تەلىپىنى قوللايدىغانلار كۆپىيىپ كەتتى.  شۇ چاغدا فرانسىيەدە پارلامېنتقا كىرىش ياكى سايلام ھوقۇقىغا ئېرىشىش ئاز سانلىق ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھوقۇقى بولۇپ قالغان بولۇپ شۇ چاغدا 40مىلىيۇن ئاھالىسى بار فرانسىيەدە سايلام ھوقۇقى بار ئادەم 200مىڭ ئەتراپىدا ئىدى. جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى ساھە زىيالىيلىرى ھەر خىل سورۇنلاردا جۇمھۇرىيەت ئەقىدىسىنى تەشەببۇس قىلىپ ناھايىتى كەڭ ئاممىۋى پىكىر ھازىرلىنىۋاتقاچقا فرانسىيە ئىيۇل خاندانلىقى قاتتىق ئەنسىرەپ خەلقنىڭ يىغىلىش ۋە نامايىش قىلىش ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغان بىر بۇيرۇق ئېلان قىلىپ جۇمھۇرىيەتپەرەسلەرنىڭ تەشۋىقاتلىرىغا چەك قويماقچى بولدى. نەتىجىدە ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك خەلقنىڭ نارازىلىغى تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى. 1848-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى ئەڭ دەسلەپ ئىشچىلارنىڭ ھۆكۈمەتتىن ئىش ھەققىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلىپ قوزغالغان نامايىشى تۈرتكىسىدە نامايىش بارغانسېرى كېڭىيىپ نامايىش ئېنىقلا  ئىنقىلاپ تۈسىگە ئۆزگەردى. كىشىلەر «ياشىسۇن جۇمھۇرىيەت، يوقالسۇن چېرىك پادىشاھلىق» دەپ توۋلىشىپ پارىژ  كوچىلىرىدا نامايىش توۋلىدى. پادىشاھنىڭ نامايىشنى قوراللىق تارقىتىۋەتمەكچى بولۇشى نەتىجىسىدە نامايىش قوراللىق توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كەتتى. پادىشاھقا نارازى قوشۇنلارنىڭ خەلق تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە خەلق ئاسانلا خان ئوردىسىنى ئىشغال قىلدى، پادىشاھ فىلىپ لۇئى ئەنگىلىيەگە قېچىپ كەتتى. 2-ئاينىڭ25-كۈنى فرانسىيەدە ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلدى. ئەمما خەلقنىڭ ناپالىيون دەۋرىدىكى سەلتەنەتكە بولغان سېغىنىش ھېسسىياتى نەتىجىسىدە كۆڭلىدە پادىشاھ بولۇپ ئىمپېرىيە قۇرۇش قارا نىيىتى لاۋۇلداپ تۇرغان ناپاليوننىڭ جىيەنى لۇئى بۇناپارت پىرىزدېنتلىققا سايلاندى.

مۇھىم خەتكۈچلەر : يوق
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2008-4-4 0:19:00 باھا : 0 كۆزىتىش : 28
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证