تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› جەمئيەت ›› ئورگان ›› خەلقارا مەھمۇت قەشقىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    abral
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 0
    944104131@qq.com

    يازما سانى : 0
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : بار
    خەلقارا مەھمۇت قەشقىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يى

        بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ UNESCO ناملىق ئورگىنى 2008 - يىلىنى مەھمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن  مەھمۇت قەشقىرى يىلى دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇت قەشقىرى ۋە ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى تۈركىي تىللار دىۋانى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى، لېكسىيىلەر ئۆتكۈزۈلمەكتە.
        ئۆتكەن  ئاينىڭ ئاخىرىدا تۈركمەنىستاننىڭ پايتەختى ئاشخابادتا تۈركولوگىيىنىڭ  قۇرغۇچىسى مەھمۇت قەشقىرى ماۋزۇلۇق خەلقارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى بولسا تۈركىيىدە تونۇلغان تۈركولوگ، تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى، غازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروففېسسور. دوكتۇر. ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇت قەشقىرى ۋە تۈركىي تىللار   دىۋانى  ماۋزۇلۇق لېكسىيە بەردى. ئەنقەرەدىكى تۈرك ئوجاقلىرىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ لېكسىيىگە تونۇلغان تۈركولوگلار، ئەنقەرەدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتتا ماگىستىر ۋە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان تۈركولوگلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
        پروففېسسور. دوكتۇرر. ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى ئالدى بىلەن تۈركىي تىللار دىۋانى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: " تۈركىي تىللار دىۋانى بولسا تۈركچە ئەرەبچە لۇغەتتۇر. مەھمۇت قەشقىرى بۇ ئەسەرنى 1072 - يىلىدا باغداتتا يېزىشقا باشلىغان بولۇپ، 1074ياكى 1077 - يىللىرىدا يېزىپ بولغان. باغداتتىكى ئابباسى خەلىپىسىنىڭ ئوغلىغا مەھمۇت قەشقىرى تەرىپىدىن تەقدىم قىلىنغان. لۇغەتتە تۈركىيتىللارغا خاس ئاتالغۇلار ئەرەب تىلى بىلەن ئىزاھلانغان. ئەمما بۇنداق ئاددى بىر لۇغەتمۇ ئەمەس، چۈنكى تۈركچە ئاتالغۇلىرىنىڭ مەنىسىنى ئەرەب تىلىدا ئىزاھلاپلا قالماستىن ھەر سۆز ئىبارىنى جۈملىدە مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق چۈشەندۈرگەن. سۆز ئىبارىلەرنى جۈملە بىلەن چۈشەندۈرۈش، ھازىرقى زامان لۇغەتچىلىكىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكىدۇر. مەھمۇت قەشقىرى مىسال بەرگەن جۈملىنىمۇ ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىپ ئاڭلاتقان، چۈنكى ئۇنىڭ مەقسىتى خاقانىيە تىلىنىڭ قانچىلىك باي بىر تىلىكەنلىكىنى ئەرەبلەرگە چۈشەندۈرۈش. بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئۇ بەزى سۆز ئىبارىلەرنى چۈشەندۈرگەندە قوشاق، بېيىت، ماقال تەمسىل ۋە داستانلاردىن پارچىلارنى مىسال كەلتۈرگەن. شۇڭا تۈركىي تىللار دىۋانى پەقەتلا بىر لۇغەت ئەمەس، ئەينى ۋاقىتتىكى تۈرك دۇنياسى خەلق ئەدەبىياتىنىڭ قامۇسىدۇر. تۈركىي تىللار دىۋانىدا جەمىي 764 مىسرا شېئىر بار. بۇ شېئىرلارنىڭ كۆپى خەلق قوشاقلىرىدۇر. خەلق قوشاقلىرى خەلق ئەدەبىياتىنىڭ تۇنجى نەمۇنىلىرىدۇر. بۇ قوشاقلار ئۇ مەزگىلدىكى تۈركلەرنىڭ تۇرمۇشىنى، ھاياتىنى، ئۆرپ ۋە ئادەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئاز ساندا ئاشىق شېئىرلىرىمۇ بار."
        پروففېسسور. دوكتۇر. ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى تۈركىي تىللار دىۋانىدىكى سۆز ئىبارىلەر ۋە ماقال تەمسىللەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: "تۈركىي تىللار دىۋانىدىكى ماقال تەمسىل سانى جەمىي 200 دىن كۆپتۈر.
    مەسىلەن، ئەر ئادىن قۇش قاناتىن يەنى ئوغۇل ئېتى بىلەن قۇش قانىتى بىلەن دېگەنگە ئوخشاش. تۈركىي تىللار دىۋانىدىكى سۆز ئىبارىلەرنىڭ سانى جەمىي 8000 ئەتراپىدا، 11 - ئەسىردە بىر تىلدا 8000 ئەتراپىدا سۆز ئىبارىنىڭ بولۇشى ئىنتايىن مۇھىمدۇر. دىۋانغا تۈركىي تىللارغا كىرگەن ئەرەبچە پارسچە سۆزلەر كىرگۈزۈلمىگەن. مەھمۇت قەشقىرى بۇ لۇغىتىگە پەقەتلا تۈركىي تىللارغا خاس سۆزلەرنى ئالغان. نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلغان دېسىڭىز؟ چۈنكى ئەرەبلەرگە تۈركچە ئۆگىتىش ئۈچۈن يازغان بۇ ئەسەرنى، ئەرەبلەرگە ئەرەبچە سۆزلەرنى ئىزاھلاشنىڭ ھاجىتى يوق. لۇغەتكە ئاز ساندا خىتايچە ۋە سوغدىچە سۆزلەر كىرگۈزۈلگەن. بىز قۇتاتقۇبىلىك ۋە ئەتەبەتۇل ھاقايىق ناملىق ئەسەرلەردىن ئۇ مەزگىللەردە تۈركىي تىللارغا كۆپ ساندا، ئەرەبچە ۋە فارسچە سۆز ئىبارىلەرنىڭ كىرگەنلىكىنىمۇ بىلىمىز. بۇلارنىمۇ نەزەردە تۇتساق، ئۇ ۋاقىتتا ئەينى زاماندىكى ئەدەبىي تىلىمىز بولغان خاقانىيە تىلىدا 10 مىڭ ئەتراپىدا سۆز ئاتالغۇ بار. بىز يۇقۇرىقىلاردىن تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ بىر قامۇس ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز."
         پروففېسسور. دوكتۇر. ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى سۆزىگە تۈركىي تىللار دىۋانى ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ قاراخانىيلار دۆلىتى مەزگىلىدە ئىشلىتىلگەن خاقانىيەچىنىڭ ئەدەبىي تىلىنىڭ لۇغىتى ئىكەنلىكىنى، مەھمۇت قەشقىرىنىڭ بولسا تىلشۇناس، فولكلورچى، تارىخچى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: "مەھمۇت قەشقىرى تۈركچە، ئەرەبچە ۋە فارسچىنى بەك ياخشى بىلىدىكەن. ئۇنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى زىيالىيلارغا ئوخشاش، تىل ئەدەبىيات، تارىخ، جۇغراپىيە ۋە دىنىي بىلىملەرنى ئىنتايىنياخشى بىلىدىغان بىر كىشى ئىكەنلىكى ئېنىق. مەھمۇت قەشقىرى بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بىر دىيالېكتشۇناستۇر. شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قويايكى تۈركىي تىللار دىۋانى قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ تىلى بولغان خاقانىيە ئەدەبىي تىلىنىڭ لۇغىتىدۇر. ئەمما دىئالېكت سۆزلىرىنىمۇ تەتقىق قىلغان ۋە لۇغەتكىمۇ كىرگۈزگەن. مەھمۇت قەشقىرى بۇ لۇغەتنى يېزىۋاتقان ۋاقتىدا تۈركلەر تېخى بۈگۈنكى تۈركىيە زېمىڭە يېتىپ كەلمىگەن. تۈركىي تىللار دىۋانى ناملىق ئەسىرىدىكى خەرىتىدە ھازىرقى تۈركىيە زېمىنىنى تۈركلەر ياشاۋاتقان تۇپراق ئىچىدە كۆرسەتمىگەن. دىۋاندا 20تۈركىي مىللەتنىڭ بارلىقى يېزىلغان. پۈتۈن قەبىلىلەرنىڭ تىل خۇسۇسىيەتلىرىنىمۇ كۆرسەتكەن، مەسىلەن دىۋاندا قارلۇقلاردىكى y تاۋۇشى قىپچاقلاردا j بولىدۇ دېيىلگەن. بۈگۈن ئۇيغۇرچىدىكى yaxshi سۆزى،قىرغىز ۋە قازاقچىدا jaxsi دېيىلىدۇ. شۇڭا ھازىرقى زامان تۈركولوگىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى رادلوف، مەھمۇت قەشقەرنىڭ تۈركولوگىيىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىكەنلىكىنى يازىدۇ."
         پروففېسسور. دوكتۇر. ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن سۆزىدە يەنە، پۈتۈن تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانى تەتقىقاتىغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى، پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل تارىخىنى، ئەدەبىيات تارىخىنى، خەلق ئەدەبىياتىنى، فولكلورىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ بىردىن بىر ئىشەنچلىك مەنبە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە 2008 - يىلىدا تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىكىنىڭ مەھمۇت قەشقىرى مەقبەرىسىنى رېمونت قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2008-3-11 2:23:00
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 647
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证