تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› جەمئيەت ›› شىركەتلەر ›› سامسۇڭ شىركىتى=SAMSUNG=三星
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Biliwal
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 285
    biliwal@qq.com

    يازما سانى : 170
    باھا يازما سانى : -1
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-9-23 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    سامسۇڭ شىركىتى=SAMSUNG=三星

        كورىيىنىڭ "سامسۇڭ" گۇرۇھى 1938- يىلى قۇرۇلغان. 1991- يىلى "سامسۇڭ" گۇرۇھى دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك 500 كارخانا ئىچىدە 18- ئورۇندا تۇرغان. ھازىر "سامسۇڭ" گۇرۇھى كورىيىدىكى ئەڭ چوڭ مونوپول گۇرۇھنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بۇ گۇرۇھقا قاراشلىق شىركەتلەر سودا، پۇل- مۇئامىلە، ئېلېكترون، پاراخوت ياساش، ئېغىر سانائەت ۋە خىمىيە سانائىتى قاتارلىق ساھالەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ھازىر سامسۇڭ شىركىتى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كومپىيۇتېر ئېكرانى ئىشلەپچىقارغۇچى، دۇنيادىكى 3-تېلېفون ئىشلەپچىقارغۇچى، دۇنيادىكى 5-ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانا بولۇپ كورىيەنىڭ پەخرىگە ئايلاندى.
         "سامسۇڭ" گۇرۇھىنىڭ كىچىك بىر ئۇيۇشمىدىن كورىيە ئىقتىسادىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان چولپانغا ئايلىنىشى ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى لى بيۇڭچۇلنىڭ تىجارەت ئېڭى ۋە پرىنسىپىدىن ئايرىلالمايدۇ. "سامسوڭ" گۇرۇھى لى بيۇڭچۇل ئوتتۇرىغا قويغان "ۋەتەن ئۈچۈن ئىگىلىك تىكلەش، ئىختىساسلىقلارنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ئىنتىلىش مۇۋاپىق بولۇش"تىن ئىبارەت چوڭ تىجارەت ئېڭىنى ئۆزىنىڭ چىقىش يولى قىلغان.
         لى بيۇڭچۇل ئۆزىنىڭ تۆۋەندىكىدەك تىجارەت يولىنى شەكىللەندۈرگەن:
         بىرىنچى، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى كۈزىتىشنى بىلىش. ئىككىنچى، باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشىدىغان ۋە ئارزۇ- ئارمانلارنى تىزگىنلىيەلەيدىغان ئىقتىدار ھازىرلاش. ئۈچىنچى، قاراملىق قىلىشتىن قاتتىق ساقلىنىش. تۆتىنچى، خىزمەتكە كىرىشكەندە ئىككىنچى ۋە ئۈچۈنچى قەدەمنى قانداق بېسىشنى ئويلىنىپ قويۇش.
         لى بيۇڭچۇل مۇنداق دېگەن: كارخانىچىلار كارخانا قۇرغاندا مەيلى ئۇ قانداق كارخانا بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئەڭ مۇھىمى ئۇنى زەئىپ كارخانىغا ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقى كېرەك. كارخانىنى ياخشى باشقۇرماسلىق ئەمەلىيەتتە قانۇن- تۈزۈملەرگە خىلاپ بولمىسىمۇ، يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ. چۈنكى كارخانا زىيان تارتسا، ئادەم، مال- مۈلۈك قاتارلىق بايلىقلار زىيانغا ئۇچرايدۇ.
         لى بيۇڭچۇلنىڭ تىجارەت ئىدىيىسى ۋە كۆز قارىشىنىڭ تەسىرىدە "سامسۇڭ" گۇرۇھى باشتىن- ئاخىر بىرىنچى بولۇش پرىنسىپىنى ئىجرا قىلىپ كەلگەن. بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرۈش "سامسۇڭلۇقلار"نىڭ ئاساسىي قىممەت قارىشى. ئەمەلىيەتتە، شىركەتنىڭ بۇ خىل مەدەنىيىتى" سامسۇڭ" دېگەن ئىسىمدىمۇ تولۇق ئىپادىلەنگەن. "سامسۇڭ" دېگەن سۆز كورىيىچە "ئۈچ يۇلتۇز" دېگەن مەنىدە بولۇپ، "بۈيۈك"، "كۈچلۈك"، "مەڭگۈ نۇر چېچىپ تۇرماق" دېگەن سىمىۋوللۇق مەنىگە ئىگە.
         "سامسۇڭ" گۇرۇھى تىجارەت ۋە باشقۇرۇش جەھەتتە باشتىن- ئاخىر بىرىنچىلىكنى قوغلىشىپ كەلگەن. بىرىنچىدىن، "بىرىنچى"لىكنى تالىشىش ئىدىيىسى "سامسۇڭ" گۇرۇھىغا قاراشلىق شىركەتلەرنىڭ ئىسىملىرىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن، بىرىنچى كەمپۈت ياساش شىرىتى، بىرىنچى يۇڭ توقۇمىچىلىق شىركىتى، بىرىنچى تاللا شىركىتى، بىرىنچى پىلان شىركىتى، بىرىنچى توڭلىتىش شىركىتى دېگەندەك. مۇشۇنداق بىرىنچىلىكنى قوغلىشىش ئارقىلىق، "سامسۇڭ" گۇرۇھى باشقۇرغۇچىلارغا كارخانىنى مەڭگۈ ئالدىنقى قاتاردىكى كارخانا قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئىدىيىسىنى سىڭدۈرگەن. ئىككىنچىدىن، "سامسۇڭ"نىڭ بىرىنچى بولۇش پرىنسىپى يەنە كارخانا باشقۇرۇشتىمۇ ئىپادىلەنگەن. يەنى سۈپەتنى، خېرىدارلارنى بىرىنچى ئورۇندا قويۇش قاتارلىقلار. ئەينى يىلى "سامسۇڭ" گۇرۇھىنىڭ قەلەم ئىشلەپ چىقىرىدىغان شىركىتى گېرمانىيىدىن 30 خىل قەلەمنىڭ نۇسخىسىنى سېتىۋالغان. لى بيۇڭچۇل ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئىككى نۇسخىسىنى تاللاپ، تەقلىد قىلىپ ئىشلەپچىقارغان ھەمدە ئىشلەپچىقارغان نۇسخىنى ئۆزى تەكشۈرۈپ، ئۆلچەمگە يەتكەندىن كېيىن، ئاندىن تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشقا رۇخسەت قىلغان. بۇ خىل روھ "سامسۇڭ" گۇرۇھىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ كەسكىن رىقابەتتە خەلقئارا بازاردا پۇت تىرەپ تۇرىشىغا تۈرتكە بولغان. ئۈچىنچىدىن، بىرىنچى بولۇش پرىنسىپى يەنە "سامسۇڭ" گۇرۇھىنىڭ كارخانا باشقۇرىشىدا ئىپادىلەنگەن. "سامسۇڭ" گۇرۇھىغا قاراشلىق كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىشتىن سېتىش ۋە باشقۇرغۇچە، مەبلەغ باشقۇرۇشتىن ئادەم باشقۇرغۇچە بولغان ھالقىلارنى ئىنتايىن تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرغان. لى بيۇڭچۇلنىڭ نەزىرىدە كارخانا باشقۇرۇشنى مەبلەغ باشقۇرۇشتىن باشلاش كېرەك. پۇلنى ياخشى باشقۇرغاندا ئاندىن ئادەم، مال، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشنى ياخشى باشقۇرغىلى بولىدۇ. كارخانا باشقۇرۇشتا ئەڭ مۇھىمى ئىختىساسلىقلارنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. "سامسۇڭ" گۇرۇھى "كارخانىنىڭ ھايات- ماماتى خادىملارنىڭ ساپاسىغا باغلىق" دەپ قارايدۇ، شۇڭا بۇ شىركەت قۇرۇلغاندىن بۇيان كۆپ ۋاقىتنى ئىختىساسلىقلارنى تاللاش ۋە تەربىيىلەشكە سەرپ قىلغان. بەزىدە شىركەتكە خادىم تاللىغاندا لى بيۇڭچۇل ئۆزى ئاسسىستېنت بولىدۇ.     تۆتىنچىدىن، بىرىنچى بولۇش پرىنسىپى يەنە "سامسۇڭ" گۇرۇھىنىڭ ئىستراتېگىيىسىدە ئىپادىلەنگەن. لى بيۇڭچۇلنىڭ "سامسۇڭ" گۇرۇھىنى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى كارخانا قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئىرادىسى بار ئىدى، ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، 1987- يىلى ئۇنىڭ ۋارىسى "سامسۇڭ" گۇرۇھىنى دۇنيادىكى ئون چوڭ كارخانا قاتارىغا كىرگۈزۈشنى "سامسۇڭ" گۇرۇھىنىڭ 21- ئەسىردىكى ئىستراتېگىيىلىك تىجارەت نىشانى قىلغان.
         بىرىنچى بولۇش پرىنسىپى "سامسۇڭ" گۇرۇھىنىڭ ئادەم بايلىقىنى باشقۇرۇشتىكى "ئىختىساسلىقلارنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش" پرىنسىپىدىمۇ ئىپادىلەنگەن. "سامسۇڭ" گۇرۇھى كارخانىنىڭ ھايات- ماماتى خادىملارنىڭ ساپاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دېگەن پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ كەلگەن. "سامسۇڭ" گۇرۇھىدا "بىر مۇنەۋۋەر خادىم 100 ئادەمنى باقالايدۇ" دەيدىغان قاراش بار. "سامسۇڭ" گَۇرۇھىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتىن ئىبارەت بۇ خىل پرىنسىپى خادىملارنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن ھەمدە "ساڭسۇڭ"نىڭ كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان.
         شىركەتكە كىرگەن ھەر بىر خادىم "سامسۇڭ" شىركىتىنىڭ مۇتەخەسسىسى ۋە ئوتتۇرا قاتلام رەھبىرى ھەتتا يۇقىرى قاتلام رەھبىرى بولۇپ يېتىشىپ چىققىچە، شىركەتنىڭ سىستېمىلىق تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. "سامسۇڭ" گۇرۇھىنىڭ ھەر بىر خادىمنى سىستېمىلىق تەربىيىلەش پىلانى بار. خادىملار ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان چاغدا شىركەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمى خىزمەتلەرنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ھەر بىر خادىمغا تولۇق تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. بۇ خىل ھوقۇقنى قورۇقماي ئۆتكۈزۈپ بېرىشمۇ "سامسۇڭ" شىركىتىنىڭ مۇۋەپىقىيەت قازىنىشىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى.
         "يادرولۇق كىشىلەرنى جەلپ قىلىش"- "سامسۇڭ" گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرىنىڭ ئادەت سۆزى. 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىنىڭ بېشىدا "سامسۇڭ" گۇرۇھى ياپونىيىلىك بىر مۇتەخەسسىسنى مەسلىھەتچىلىكە تەكلىپ قىلغان. لېكىن "سامسۇڭ"نىڭ ئېلېكترون تىجارەت كوللېكتىپى ئۇنىڭ مەسلىھەتىگە سەل قارىغان، بۇ مەسلىھەتچى بۇ ئىشنى تەنقىدلەپ دوكلات يازغان. كېيىن باش مۇدىر بۇ دوكلاتنى كۆرۈپ قېلىپ ئىنتايىن خاپا بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن "سامسۇڭ" گۇرۇھى تەكلىپ قىلىنغان ئىختىساسلىقلارغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن تىرىشىدىغان بولغان.
         "سامسۇڭ" گۇرۇھى "تېخنىكا كارخانىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرالايدۇ" دەپ قارىغانلىقتىن، ئىختىساسلىقلارنى يۇقىرى تەمىناتقا ئىگە قىلغان. 1957- يىلى "سامسۇڭ" گۇرۇھى كورىيىدىكى ئاشكارا ئىمتىھان ئارقىلىق خادىم تاللايدىغان كارخانىغا ئايلانغان. "سامسۇڭ" شىركىتىنىڭ خادىم تەربىيىلەش مەركىزى بار. خادىملار قوبۇل قىلىنغان ھامان، كۆپ مەبلەغ سېلىپ تەربىيىلىنىدۇ، بۇ ئۇسۇل كورىيىدە ئالقىشقا ئېرىشكەن.
        شىركەت خادىملارنى چېنىقتۇرۇپ ئاندىن ئىش ئورنىغا قويۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ كەلگەن. شىركەت خادىملارنى بىر قانچە ئايدا ياكى يېڭى مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىلَگىرى قايتا تەربىيەلەيدۇ. شىركەت يېڭى رىقابەتكە ماسلىشالايدىغان ئىختىساسلىقلارنى كۆپلەپ تەربىيىلەش ئۈچۈن، ئىلغار تەربىيىلەش ئۈسكىنىلىرىنى سېتىۋالىدۇ.
         "سامسۇڭ" گۇرۇھى ساتقۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىككى ئادەمنى بىر گۇرۇپپا قىلىپ، "سامسۇڭ"نىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا بۇيرۇيدۇ، ئون سائەت ئىچىدە ئەڭ كۆپ ساتقان خادىملار كۆپ نومۇرغا ئېرىشىدۇ. بۇ ئارقىلىق "سامسۇڭ" گۇرۇھى ئىختىساسلىقلارنى بايقايدۇ. شىركەت يەنە ئىقتىدارلىقلارنى مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ. ئۇلارنى مۇكاپاتلايدۇ ھەمدە ئۆستۈرىدۇ. بۇ خىل ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدىكى تەربىيىلەش ئۇسۇلى خادىملارنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
         " سامسۇڭ" گۇرۇھىنىڭ مۇشۇنداق ئادەم ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئۇنى كىچىك بىر شىركەتتىن ئائىلە ئېلېكترون سايمانلىرى ۋە كومپيوتېر ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتارد تۇرىدىغان چوڭ كارخانىغا، كورىيىنىڭ سەركىسىگە ئايلاندۇرغان.

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-3-10 14:16:37]


    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : سامسۇڭ , شىركەتلەر , كورىيە , لى بيۇڭچۇل
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2008-3-9 13:24:00
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 541
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证