مارافونچە يۈگۈرۈش قانداق كېلىپ چىققان
ھازىر كىشىلەر بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش تازا يۇقىرى پەللىگە چىقماقتا .كىشىلەر ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن بەدەن چېنىقتۇرۇش مەقسىتىگە يەتمەكتە . مەسىلەن، يۈگۈرۈش ، سەكرەش تەيجى گۇمپىسى ئويناش قاتارلىقلار. ئۇنداقتا، سىز مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ قانداق كېلىپ چىققانلىقىنى بىلەمسىز؟
مارافون گىرىتسىيىدىكى بىر يەرنىڭ نامى . مىلادىيىدىن ئىلگىركى-490يىلى ئافېنا قوشۇنى بىلەن پىرسىيە قوشۇنى مارافون تۈزلەڭلىكىدە ئۇرۇش قىلغان. خەۋەرچى فىدرېپىست بۇيرۇققا بىنائەن بۇ خەۋەرنى ئافېنا خەلقىگە يەتكۈزگەن . بۇ ئارىلىقنىڭ يىراقلىقىغا قارىماي ، مارافوندىن ئافېناغا(پۈتۈن مۇساپە40 كىلومېتىر)يۈگرەپ بارغان . ئافېناغا يېتىپ بارغاندا ئۇ ھېرىپ ھالىدىن كەتكەچكە پەقەت «بىز غەلىبە قىلدۇق» دېگەن شۇ بىر جۈملە سۆزنى قىلىپ، مەيداندىلا كۆز يۇمغان. تارىختىكى مۇشۇ ئىشنى خاتىرلەش ئۈچۈن 1896-يىلى ئافىنا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىدە، مۇشۇ ئارىلىقنى بىر مۇسابىقە تۈرى قىلىپ بېكىتىپ، مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى دەپ ئاتىغان.
«تەنتەربىيە ۋە سالامەتلىك» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.
ھاۋاگۈل مۇسا(ت)