ئاھ مۇھەببەت سەن قايدا ؟!.(1)
ۋىسالسىز بىر ئاشىقنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى .
ئىختىيارسىز قولۇمغا قەلەم ئالدىم .
سەرسانلىق ئىلكىدىكى ۋەيرانە كۈنلىرىمنىڭ ئازابلىق يالدامىسنى ئۈشبۇ خاتىرە ئارقىلق تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن . نېمىشقا ؟ چۈنكى مەن يولۇققان كەچمىشلەرگە يەنە نۇرغۇنلىغان تورداشلىرىم يولۇققان ھەم ئەگرى توقاي ھاياتلىق يولىدا تېڭىرقاپ باققان بولۇشى مۇمكىن ، شۇڭا دەيمەنغۇ؟
مەن بىر مۇساپىر ، كېندىك قېنىم تۆلگەن ئانا يۇرتۇمدىن ئايرىلىپ ئۆزۈمگە ناتۇنۇش بولغان ، ياق ؟ ناتۇنۇش ئەمەس ! ماڭا بىر خىل سوغۇق تۇيغۇ بېرىدىغان بۇ شەھەرگە كەلگىنىمگە بىر قانچە يىل بولدى ، مەن قانداق ياشىشىم كېرەك ؟ قانداق ئادەم بولۇشۇم كېرەك ؟ كىم ئىدىم كىمگە ئوخشاپ قېلىۋاتىمەن ؟ دېگەن سۇئاللارغا ئېنىق جاۋاپ تاپالماي ئىلگىرى ئىشلىگەن ھۈكۈمەت ئورگىندىكى خىزمىتىمدىن ئىستىپا بېرىپ ئانا يۇرتۇم ، ئۇرۇق تۇققان دوسىت بۇرادەرلىرىمنى دەت ھەسرەتكە قالدۇرۇپ بۇ شەھەرگە چىققان ئىدىم .شۇندىن بىرى مۇساپىرلىق ئىلكىدە تەنھا ياشاپ كىلۋاتىمەن .ھايات ئادەملەر قاتارىدا قۇۇرۇق گەۋدەمنى سۆرەپ ھاياتلىق يولىدا كىملەرگىدۇ نىجاتلىق ئىزدەۋاتىمەن .
ھەركىتىمنىڭ تېگىگە ئاللىقانداق غەيرى مەنا ، غەيرى پىلان يۇشۇرۇنغانمۇ ئەمەس ، ھەركەت نىشانىم پەقەت پاك _ سۆيگۈ مۇھەببەتنى قەدىرلەپ نىگارىم ئۈچۈن نجاتلىق ئىزلەش . شۇنداقلا كۈچلۈك رىقابەت ۋە خىرىسقا تولغان دۇنيادا ھەقىقىي ئەركەكتەك مەردانە ياشاپ ئۆز ئەسلىمنى تېپىش ئۈچۈن كۆرەش قىلىش خالاس !
بىراق ... ئەمدىلەتىن ھېس قىلۋاتىمەن ، ئاللاھنىڭ ساڭا بەرگەن ئامانىتىنى ساق تاپشۇرۇپ بەرمىگۈچىلىك تىرىك ئادەملەر قاتارىدا ھەققىي ئەركەكتەك مەردانە ياشاپ جان ساقلىماق ئۇنچە ئاسان ئەمەسكەن . نام _ ئابروي ، ھوقۇق _مەنسەپ ، ئەمەل تاماسىدا ھەريان قاتراپ يۈرىيدىغان كىشلەرنىڭ كۈنلىرى قانچىلىك تەستۇ _ ھە !؟
ئىنسان بوشلۇقتىكى مۆجىزە ئەمەس ، بەلكى تۇپراقتىن يارالغان ئىدى . ئاخىرى يەنە شۇ تۇپراق باغرىغا كىتىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلسە ئىدى كاشكى !...
تولىمۇ ئەپسۇس!...
كائىنات غەمگە بۆلەنگەن . دىل قەسرىمدىكى تپتىنىچ ئوكيان داۋالغۇماقتا . رەڭگارەڭ ھايات يىراق بىر جايدا كىملەرگىدۇ ناز قىلىپ كۈلمەكتە ،
قەلىپ باياۋىنىمدىكى چوڭقۇرلۇقتا ئاجىز بىر نىدا جاراڭلىماقتا . ئاھ مۇھەببەت سەن قايدا ؟!
( داۋامى بار )