تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   ئىنىسكىلوپېدىيە ›› ئاتالغۇلارغا ئىزاھ ›› باشقا ئاتالغۇلار ›› ئامېرىكىنىڭ پۇلىدىكى بەلگىلەرنىڭ مەنىسى
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
ئامېرىكىنىڭ پۇلىدىكى بەلگىلەرنىڭ مەنىسى
Biliwal
يىڭى ئەزا
دەرىجىسى : 7
جۇغلانما نۇمۇر : 13
biliwal@qq.com

يازما سانى : 161
باھا يازما سانى : -1
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق
     ھەر قايسى دۆلەتلەر پۇلىنىڭ ئۆزىگە خاس نەقىشى بار، بىراق ھەر قايسى دۆلەتلەر پۇلىنىڭ نەقىشىنى سېلىشتۇرغاندا، دوللار ھەممىدىن بەك يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئامېرىكا 1999–يىلىدىن باشلاپ 50شتاتنىڭ ئالاھىدە نەقىشى چۈشۈرۈلگەن 25سېنتلىق تەڭگىنى كەينى-كەينىدىن تارقاتتى، بۇ تەڭگىلەرگە چۈشۈرۈلگەن  شتاتلارنىڭ نەقىشى ئوخشاش بولمىغاچقا، پۇل يىغىپ ساقلىغۇچىلارنى ناھايىتى خۇش قىلىۋەتتى. 
 تەڭگىدىكى «ئۇزۇن سەپەر»
    25سېنتلىق تەڭگە 1796–يىلى تۇنجى تارقىتىلغان بولۇپ، ئامېرىكىدا ئىزچىل ئەڭ كەڭ تارقىتىلىپ ۋە ئوبوروت قىلىنىپ كېلىنىۋاتقان تەڭگىلەرنىڭ بىرى. ئەينى چاغدا 25سېنتلىق تەڭگىنىڭ يۈزىگە ۋاشىنگتوننىڭ يانچە تۇرغان باش رەسىمى، ئارقا تەرىپىگە بىر بۈركۈتنىڭ رەسىمى نەقىش قىلىپ چۈشۈرۈلگەن. بىراق، 1999–يىلىدىن باشلاپ، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى 25سېنتلىق يېڭى تەڭگە تارقىتىشقا باشلاپ، تەڭگىنىڭ يۈزىدىكى نەقىشنى ئۆزگەرتمىدى، ئارقا تەرىپىگە شتاتلارنىڭ تارىخىي ئىمارەتلىرى، ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى، شتات گۈلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تارىخىي ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسى گەۋدىلەندۈرۈلگەن خاس نەقىش چۈشۈردى، بۇنداق تەڭگىدىن يىلىغا بەش نۇسخا تارقىتىپ، ئون يىلدىن كېيىن، يەنى 2008–يىلى تارقىتىپ بولماقچى بولدى. 
    1 – ئەۋلاد يېڭى تەڭگىگە دېلاۋېر شتاتىنىڭ ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن نەقىش چۈشۈرۈلگەن، ئارقا تەرىپىگە 1776–يىلى دېلاۋېر رايونى ۋەكىللىرىنىڭ ئات مىنىپ «چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنى» غا بارغانلىق رەسىمى نەقىش قىلىپ چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، كىشىگە خۇددى «ئۇزۇن سەپەر»گە ئوخشاش نۇرغۇن ۋەقەنى باشتىن كەچۈرگەندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.  نەقىشنىڭ ئەتراپىغا يەنە «ئامېرىكىنىڭ 1 – شتاتى» دېگەن خەتلەر چۈشۈرۈلگەن. 
 نەقىشلەر مەخسۇس چۈشەندۈرۈلگەن كىتاب
    كېنتۇككى شتاتىنىڭ ئات بەيگىسى ئۆتكۈزۈش بىلەن پۈتۈن ئامېرىكىدا داڭقى چىققان، بۇ قېتىم تارقىتىلغان يېڭى تەڭگىگە كېنتۇككى شتاتىغا ۋاكالىتەن دېھقانچىلىق مەيدانى بىلەن ئۈيۈر نەقىش قىلىپ چۈشۈرۈلگەن؛ تېننېسى شتاتى ئامېرىكا يېزا كۈيلىرىنىڭ بۆشۈكى دەپ ئاتالغاچقا، تېننېسى شتاتىنىڭ ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن تەڭگىگە سۇناي، ئىسكىرىپكا، گىتار ۋە بىر نوتا نەقىش قىلىپ چۈشۈرۈلگەن؛ شىمالىي كارولىنا شتاتىنىڭ ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن تەڭگىگە رايت ئاكا  ئۇكىنىڭ تۇنجى ئايروپىلانى نەقىش قىلىپ چۈشۈرۈلگەن؛ خالېن كېللېر كىچىك چېغىدىلا ئەما، گاس بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قەيسەرلىكى ۋە ئەقىل  پاراسىتى ئامېرىكىلىقلار نەزىرىدە قەيسەر ئىرادىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان، ئالاباما شتاتىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان تەڭگىگە مۇشۇ قەيسەر ئايالنىڭ رەسىمى نەقىش قىلىپ چۈشۈرۈلگەن؛ ئىئوۋا شتاتىنىڭ تەرجىمە ئىسمىدا »华››خېتى بولۇپلا قالماستىن، بۇ شتاتقا ۋەكىللىك قىلىدىغان تەڭگىگە جۇڭگولۇقلارنىڭ مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش ئەنئەنىسىگە ئىنتايىن يېقىن قىلىنىپ، يېزىدىكى بىر خۇسۇسىي مەكتەپ، مەكتەپ يېنىدا بىر كىشىنىڭ كۆچەت تىكىۋاتقانلىقى نەقىش قىلىپ چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، «دەرەخ ئون يىلدا يېتىلەر، ئادەم يۈز يىلدا» دېگەندەك تۈس ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. قىزىقارلىقى، ئامېرىكا پۇل قۇيۇش ئىدارىسى 50شتاتقا ۋەكىللىك قىلىدىغان تەڭگە نەقىشىگە ئائىت بىر يۈرۈش دەرسلىك تارقاتقان بولۇپ، نەقىشكە ئائىت ھېكايىلەرنى سۆزلەش ئارقىلىق، ئامېرىكىچە«شتاتنى سۆيۈش» تەربىيىسى بېرىلىدىكەن. 
 بىر دوللارلىق پۇلدىكى كۆز شىپىر بىلەن مۇناسىۋەتسىز
    تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى، تەڭگىدىن باشقا، بىر دوللارلىق پۇلنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى نەقىشمۇ ئىزچىل «كىشىنى ئويغا سالىدىغان» تېما بولۇپ كەلمەكتە. ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان بىر دوللارلىق قەغەز پۇلنىڭ ئارقا تەرىپىنىڭ سول تەرىپىگە تېخى پۈتمىگەن  «ئېھرام» نەقىش قىلىپ چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ئېھرام ئۈستىدە سىرلىق بىر كۆز بار. نۇرغۇن كىشى بۇ لايىھىنىڭ قانداق مەنە بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. «داۋىنچى شىپىرى» ناملىق فىلىمدە بۇ نەقىش دىنىي تەشكىلات بىلەن ئالاقىدار سىرلىق بېشارەت قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئەمەلىيەتتە بۇ ئېھرام ئامېرىكىنىڭ قۇرۇلۇۋاتقان دۆلەت ئىكەنلىكىنى، كۆز بولسا ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ گۈللىنىش دەۋرىدىكى كىشىلەرگە ئومۇميۈزلۈك تونۇشلۇق بولغان «تەڭرىنىڭ كۆزى» بولۇپ، ئۇنى دۆلەت ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنىڭ  ھەر قاچان نازارەتتە ئىكەنلىكى دەپ چۈشەندۈرۈشكىمۇ بولىدىكەن.

مۇھىم خەتكۈچلەر :
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2008-1-7 12:26:00 باھا : 0 كۆزىتىش : 1182
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证