تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   ئىنىسكىلوپېدىيە ›› جەمىيەت ›› ئورگان ›› دۇنيا بانكىسىWorld Bank
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
دۇنيا بانكىسىWorld Bank
YultuzAy
كاپىتان
دەرىجىسى : 2
جۇغلانما نۇمۇر : 13001
yultuzay@msn.com

يازما سانى : 265
باھا يازما سانى : 0
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق

   دۇنيا بانكىسىWorld Bank

      دۇنيا بانكىسىWorld Bank تولۇق ئاتىلىشىخەلقئارا گۈللىنىش ئېچىش بانكىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ قىسقارتىلما نامى IBRD .
      دۇنيا بانكىسى دەسلەپتە دۇنيا ئۇرۇشىدا ۋەيران بولغان ئىگىلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانى بىلەن 1945 - يىل12 - ئاينىڭ27 - كۈنى قۇرۇلغان. 1946 - يىل6 - ئاينىڭ15 - كۈنى تىجارەت باشلىغان.1947 - يىل11 - ئاينىڭ15 - كۈنىدىن باشلاپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قول ئاستىدىكى  مەخسۇس ئورگانغا ئايلانغان. باش بانكىسى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا، پارىژ، نيۇ يورك، لوندون قاتارلىق جايلاردا ۋاكالىتەن ئىش بېجىرىش ئورنى بار.
    دۇنيا بانكىسى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭ ۋەيران بولغان سانائىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە زور مىقدارلىق قەرز سوممىسى بىلەن تەمىنلەپ، ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانلىقتىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان. 2006-يىلى دۇنيا بانكىسى ھەر قايسى تەرەققى قىلىۋاتقان ئەللەرنى 30مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەپ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى، دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى. دۇنيا بانكىسى يەنە دۇنيانىڭ مەدەنىيەت-تارىخى ۋە يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىسىنى ساقلاش ئۈچۈن مەخسۇس فوند ئاجرىتىپ دۇنيانىڭ كۆپ خىللىقى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن كۈچ قوشۇپ كەلمەكتە.
    دۇنيا بانكىسىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى: ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ گۈللىنىشى ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرى، جۈملىدىن ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچرىغان ئىگىلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەملىشىش، ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئىقتىسادنىڭ ئادەتتىكى ئىقتىساد ھالىتىگە سىلىق ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىش؛ »خۇسۇسىي قەرز ئېلىشقا كېپىل بولۇش« قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، خۇسۇسىيلارنىڭ دۆلەت سىرتىغا مەبلەغ سېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا سودا ئىشلىرىنىڭ تەڭپۇڭ راۋاجلىنىشى ۋە خەلقئارا كىرىم - چىقىمنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەملىشىش؛ پۇل قەرز ئالغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىپ، قەرز مەبلىغىنى ئىشلىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش قاتارلىقلار. ئۇنىڭ مەبلىغىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئاساسەن: ئەمەلىي يىغىۋالغان مەبلەغ؛ زايوم تارقىتىپ مەبلەغ توپلاش قاتارلىقلار مەبلەغنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى، مۇشۇ قەرز قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ھەقدارلىق ھوقۇقى خۇسۇسىي مەبلەغ سالغۇچىلارغا سېتىپ بېرىلىدۇ.
    ئومۇمەن، دۇنيا بانكىسىغا ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلغان دۆلەت ۋە رايونلار، ئالدى بىلەن، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئەزا دۆلىتى بولۇشى كېرەك.  دۇنيا بانكىسىغا ئەزا بولغان دۆلەت ۋە رايونلار  ھازىر184 كە يەتتى. 1980 - يىلى5-ئاينىڭ15 - كۈنى دۇنيا بانكىسى جۇڭگۇنىڭ بۇ بانكىدىكى ۋەكىللىك ھوقۇقىنى رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈردى،1981-- يىلى6 - ئايدىن باشلاپ، دۆلىتىمىز بۇ بانكىدىن تەدرىجىي قەرز ئېلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، تارىم ۋادىسى ئېكولوگىيىسىنى ساقلاش، 12مۇقامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگۇنىڭ قەدىمقى شەكىلسىز مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى قوغداشقا جەمى 78مىلىيارت دوللار ئۆسۈمسىز ۋە تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز بەردى.
     دۇنيا بانكىسىنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى كېڭەش مەجلىسى بولۇپ، ئۇ ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر تەيىنلىگەن بىردىن باش ۋە مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقىدىن تەشكىللىنىدۇ، ھەر يىلى9 - ئايدا فوندى تەشكىلاتى بىلەن بىرلەشمە يىغىن چاقىرىدۇ. ئىجرائىيە مۇدىرىيىتى22 ئادەمدىن تەشكىللىنىدۇ ھەم كۈندىلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ، ئىجرائىيە مۇدىرىيىتى بىر كىشىنى سايلايدۇ ۋە بۇ كىشى بانكا باشلىقلىقىنى قوشۇمچە ئۆتەيدۇ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل، ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىسىمۇ بولىدۇ.
   دۇنيا بانكىسىنىڭ تور بېتى :http://www.worldbank.org

دۇنيا بانكىسىنىڭ يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تىل-مەدەنىيىتى، مۇقەددەس جايلىرى(مازار ۋە قەبرىستانلىق، دىنى ئېتىكاپ ۋە مەشھۇر شەخسلەر مۇزېيى)، بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى(ئەنئەنىۋى تىبابەت ۋە سانائەت پاتنېتلىرى)، ساياھەت-خەرىتە ئىشلەش ۋە مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى تۈزۈشكە كېرەكلىك يەرلىك مىللەتلەر مەدەنىيەت مەۋجۇتلىقىنى قوللاش قەرز تۈرى www.worldbank.org/indigenous بېكىتىدە بىر قەدەر تەپسىلى سۆزلەنگەن.

تۆۋەندىكىسى 2004-يىللىق تۈرنىڭ تەپسىلاتى...

http://www.worldbank.org.cn/Chinese/content/271w62845266.shtml


مۇھىم خەتكۈچلەر :
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-8 13:18:00 باھا : 0 كۆزىتىش : 75
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证