تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› جەمئيەت ›› شىركەتلەر ›› ياردەم شىركىتى 1
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى
    ياردەم شىركىتى 1

        1929-يىلى غۇلجا شەھرىدە سېتىۋالدى باي ،ئىلا ھاجىم ،باقى ھاجىم ،سوزەھەكىمباي،توختى قارى،مەھمۇت قارى قاتارلىق كىشىلەر بىرلىشىپ شىركەت قۇرغانىدى.ئۇ چاغدا شىركەتنىڭ نامىنى "پەرغانە شىركىتى "دەپ ئاتىغان .1935يىلى بۇ نامنى ئۆزگەرىپ "ياردەم شىركىتى"دىگەن نام بىلەن ئىش يۈرگۈزدى ھەم بۇ شىركەت تېخىمۇ كۆپ جامائەتچىلىككە تونۇلدى."ياردەم شىركەت" دىگەن نام ئاساسلىق بولسىمۇ ،بەزىدە "ئالتە شىركەت"دەپمۇ ئاتىلاتتى.چۈنكى بۇ شىركەتنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى ئالتە كىشىدىن تەركىپ تاپقانىدى.شىركەتنىڭ مۇدىرلىقنى سېتىۋالدى باي ئۈستىگە ئېلىپ باشقۇرغانىدى."ياردەم شىركىتى"دەپ نام قويۇشتىكى مەخسىتى شىركەتنىڭ بارلىق پايدىسىنىڭ 50%نى ئايرىپ،مەدىنىي مائارىپ،جامائەت پاراۋانلىغى،يول -قاتناش ئىشلىرىغا خىراجەت قىلىش ،قالغان 50%نى شىركەت ئەزالىرى مەبلەغقە قاراپ تەخسىم قىلىش دەپ بېكىتىپ شۇ ئاساستا مۇنداق ئون چوڭ ئىشنى ئىشلىگەن
    1.
          ياردەم مەكتىپى-غۇلجا شەھەرنىڭ  شەرقىدىكى قارا دۆڭ،ھازىرقى22-باشلانغۇچۋە 14-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئورنى .1938-يىلى مەكتەپنىڭ ئالدىنى چوڭ يولغا قارىتىپ ،ئوتتۇۇرسى زال،ئىككى تەرىپىدە ئۈچتىن ئالتە سىنىپلىق ئاستى ‏-ئۈستى تاختايلىق ،ئالدى كارىدۇرلۇق مەكتەپ بىناسى سالدى.شەرقىي-جەنۇبىي تەرىپىگە ئاستى ئىككى ئېغىزلىق ،ئۈستى ئۈچ ئېغىزلىق ئىشخانا ياسىدى.مەكتەپ ئىشىكى كارىدۇرنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە،رۇسچە قىلىپ،پاشاخوجا قەلىمى بىلەن چىرايلىق يېزىلغان "ئىلى ۋىلايەتلىك 3-ياردەم مەكتىپى"دىگەن ئالتۇن ھەل بېرىلگەن ۋېۋىسكا ئېسىلدى.36-يىلى 8-ئايلاردا مەكتەپنىڭ پۈتۈشى بىلەن داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزىلدى.مۇراسىمغا ئىلى ۋىلايەتنىڭ دوتىيى ۋالىسى ياقۇپ باي،ھەربىلەرنىڭ باشلىغى جۇسېلىڭ چوڭ بۆرە ئىشتى بىلەن كىلاسكىدا ئالدى ،ئارقىسىغا 40دەك ئەسكەرنى مۇھاپىزەت قىلدۇرۇپ چىقىپ لېنتا كەستى،شۇنىڭدىن كېيىن ئوقۇش باشلاندى. بۇ مەكتەپنىڭ دەرسلىرى پەننى ئاساس قىلىپ ،باشقىلارنى قوشۇمچە قىلدى .بۇ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار غۇلجا شەھرىدىن قارا دۆڭ،توپا دەڭ،تېرەكمازار،قازانچى،تەختىيۇن مەھەللىرىدىن بېرىپئوقۇيدىغانلارلا ئەمەس ،چاپچالنىڭ قاينۇق،كان يېزىلرىدىن،غۇلجا ناھىيىنىڭ  ئارا ئۆستەڭ ،يېڭى تام ،بايتوقاي،بۇلۇكەي،چۇلۇقاي ،مازار،سۇپتايلاردىن كېلىپ ئوقۇيدىغانلارمۇ كۆپ ئىدى.40-50بالا ياتاقتا يېتىپ-قوپۇپ ئوقۇيتى.ياتاقتا يېتىپ ئوقۇغانلارغا تاماق،ياتاق ،ئىسسىقلىق ھەتتاكى كەمبەغەللەرگە كىيىم -كېچەكتىن ياردەم قىلدى.ئىزچىلار تەشكىلاتىنى قۇرۇپ،ئۇلارنىڭ كىيىم -كېچەك،بارلىق قوراللىرىنى ھازىرلاپ بەردى.ئوقۇغۇچىلار خىللىشىپ قالماستىن بەلكى مەكتەپ مۇدىرى،ئوقۇتقۇچىلارمۇ خىللاندى.36-يىلى مەكتەپ مۇدىرلىقىنى مۇنىرەخانىم )تاتار( ،37-يىللىرىداموللا رازىيوۋ،40-39-يىللىرى تۇرسۇن تاھىر ئۈستىگە ئالدى،كېيىنكى يىللارداروزاخون ئاكا ،ھاشىم گۆھەرباقى قاتارلىقلار مەكتەپ مۇدىرى بولغان ،ئوقۇتقۇچىلاردىن ئەنۋەر ناسىرى،تۇران خانىم،تۇرسۇن ئۆمەر،ئابدۇرېھىم ئاكا ،ئاۋاكرى،ئابدۇرېھىم يۈسۈپ،ھەسەن قارىم،شاكۇرە،سارەتتە،مارزىيە،مەنسۇر ئەپەندى قاتارلىقلار ،كېيىنرەك زاھىر ساۋدانوپ،ئەنۋەر بېك،راشىدىن،راھىلەم ،خېلچەم قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا كۆپلەپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ نۇرغۇن تۆھپىلەرنى قوشقان.قارا دۆڭ "ياردەم"مەكتىپى36-يىلىدىن ھازىرغىچىلىك قانچە مىڭلىغان بالىلارنى بىلىملىك قىلدى .ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى جەمىيەت ئۈچۈن ياراملىق كىشىلەردىن بولۇپ ،ئاز بولمىغان تۆھپىلەرنى قوشتى.ئاپتۇنۇم رايۇندا ئىشلىگەن  رۇستەم ،ماھىنۇر قاسىم،غوجىخان،ئابلىزخان،ھۈسەنجان جامى،،ئابلەت روزى،ئىمام سىيىت قاتارلىق 30نەچچە كىشى بار .غۇلجا شەھەر،غۇلجا ناھىيە ،نىلقا ناھىيە قاتارلىق جايلاردا ئىشلىگەنلەر تېخىمۇ كۆپ.

     

    «ياردەم شىركىتى»ۋە ئۇنىڭ ئون چوڭ ئىشى

         (8)بايانداي كۆۋرۈكى --ئىلى-ئۈرۈمچى تاشيولىبايانداي بىلەن ماڭغانلىغى ئۈچۈن،بايانداي كۆۋرىكىنى ياساش ئىنتايىن ئىش بولۇپ قالدى.شۇڭا بايانداي سېيىنىڭ ئىككى تەرىپىنى كەڭرىپ كەتمەي تىزگىنلەپ قۇرغىدەك ھەم قاتناشنى راۋان قىلغۇدەك بىر كۆۋرۈك سېلىش ئىشىنى ئۈستىگە ئېلىپ تەلەپكە لايىق بىر كۆۋرۈك ياسالدى.بۇ كۆۋرۈك ئەنە شۇنىڭدىن 90- يىللارغىچىلىك كۈچ بېرىپ-90يىلى باشقىدىن يېڭىلاپ بىر كۆۋرۈك ياسالدى.(9). كۈرە كۆۋرىكى --غۇلجا بىلەن كۈرەنىڭ ئارىلىقىدىكى قاتناشنىڭ راۋان بولىشى ئۈچۈن كۈرەنىڭ شەرقىدە،چوڭقۇر بىر يارلىق بولۇپ بۇ يارلىقنىڭ ئاستى سېغىزلىق ھەم زەيلىك بولغانلىقتىن كۆۋرۈك توختاتماق تەس ئىدى.يەنىمىۇ پۇختا تەلەپكە لايىق ياساپ چىقىش ئۈچۈن نۇر  غۇن تاش توشۇپ ئاستىنى تاش بىلەن كۆتۈرۈپ چىقىپ،ناھايىتى ئېگىز ،كۆركەم پۇختا كۆۋرۈك ياساپ،كۈرە بىلەن ئىلى ئوتتۇرسىدىكى قاتناشنى راۋان قىلدى.(10).  1937-يىلى  تاشكۆۋرۈكنىڭ دەريا بويىغا توك ھەرە بىلەن ياغاچ ماتىرياللارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان  پەن زاۋۇتى قۇردى.بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىلى رايۇنىدا،توك بىلەن پەن تىلىدىغان بىر زاۋۇت يوق ئىدى.ئەنە شۇندىن باشلاپ ،نۇرغۇن ياغاچلارنى توك ھەرە بىلەن ماتىريال قىلىپ ئىشلەيدىغان ھەم تېز ،ھەم سۈپەتلىك ،ئېھتىياجنى قامدايدىغان مۇھىم زاۋۇت بولۇپ قالدى.ئازاتلىقتىن كېيىنمۇ يېقىنغىچە دىۋىزىيە ئورۇنلىرى بۇ زاۋۇتتىن پايدىلىنىپ كەلدى. "ياردەم "شىركىتىنىڭ بۇ ئون ئىشىنى ئىلى خەلقى مەڭگۈ ئەستىن چىقارمايدۇ ھەم ئۇنتۇمايدۇ .شۇ مەزگىللەردە ھەرقانداق بىر شىركەتنىڭ پايدىسىنىڭ 50%تىنى ئايرىپ مەخسۇس مەدىنىي-مائارىپ،جامائەت پاراۋانلىغى،قاتناش ئىشلىرىغا ئىشلەتتى دىگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ بېقىلمىغان ئىدى.

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 20:07:25]


    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-5 18:59:00
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 463
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证