ناۋادا
ماڭا كىملەر قىلار كىن ھەسەت،
سۆيۈپ قالسام سىنى ناۋادا.
يۈرەك ماڭا قىلارمۇ تۆھمەت،
سۆيەلمىسەم سىنى ناۋادا .
ھىجران ۋىسال قايسى ئۇلۇغ؟
سەن جاۋاپ بەر بىلسەڭ ناۋادا.
ئەقىدە دەپ سوقىدۇ يۇرەك،
كۆزۈڭ بولسا كۆرسەڭ ناۋادا.
مەڭگۈ سىنىڭ بولسۇن بارلىقىم ،
مىنى سۆيۈپ ئۆتسەڭ ناۋادا.
قەلبىم ئوتى ئۆچمەس ئەبەدىي،
ماڭا نىسپ بولساڭ ناۋادا.