تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   ئىنىسكىلوپېدىيە ›› جەمىيەت ›› مىللەت ›› پاتتانى مالايلار[تايلاند]
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
پاتتانى مالايلار[تايلاند]
YultuzAy
كاپىتان
دەرىجىسى : 2
جۇغلانما نۇمۇر : 13001
yultuzay@msn.com

يازما سانى : 265
باھا يازما سانى : 0
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق

پاتتانى مالايلار

     پاتتانى مالاي- تايلاندنىڭ جەنۇبىدىكى مالاي يېرىم ئارىلىنىڭ كىرا بوينىنىڭ جەنۇبى قىسمىدىكى مالايسىيا بىلەن چېگرىلىنىدىغان تار ئۇزۇنچاق يېرىم ئارال رايونىغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، پاتتانى رايونىدىكى رايوندىكى ناراتىۋا(مالايلار ئاھالىنىڭ 82%نى تەشكىل قىلىدۇ)، پاتتانى(مالايلار ئاھالىنىڭ 88%نى تەشكىل قىلىدۇ)، يالا(مالايلار ئاھالىنىڭ 69%نى تەشكىل قىلىدۇ)، سوڭخىلا(مالايلار ئاھالىنىڭ 38%نى تەشكىل قىلىدۇ)، ساتۇن ( مالايلار ئاھالىنىڭ 68%نى تەشكىل قىلىدۇ )قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى مالاي تىلىنىڭ يېۋا دىئالىكتىدا سۆلىشىدىغان مۇسۇلمانلارنى كۆرسىتىدۇ.  پاتتانى مالايلىرىنىڭ تايلاندىكى ئۇمۇمى نوپۇسى 4مىليۇن ئەتراپىدا. ھەممىسى ئىسلام دىنى سۈننى مەزھىبى شافى فىقھىسىگە ئەمەل قىلىدۇ.
    پاتتانى مالايلار ئەنگىلىزلارنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىمىغانلىقتىن مالايسىيادىكى مالايلارنىڭ ئەكسىچە ھازىرغىچە ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى ئېلىپبەنى ئىشلىتىپ كەلمەكتە.
    پاتتانىدىكى مالايلار  تارىختا  مالايسىيانىڭ شىمالىدىن كىرا بوينىغا قەدەر بولغان ئارىلىقتا مۇستەقىل دۆلەت قۇرغان بولۇپ 11-ئەسىردە پادىشاھ پاتانى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ ئىسمىنى ئىسمائىلشاھ دەپ ئۆزگەرتكەن(پاتتانى دىگەن نام شۇ پادىشاھتىن قالغان)، 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شىمالدىن كەلگەن بېرما پادىشاھلىقى پاتتانى رايونىغا بېسىپ كىرىپ، 18-ئەسىردە سىئام پادىشاھى تاجاۋۇزچىلىق قىلىپ پاتتانى رايونىدا  ئېغىر قىرغىنچىلىق قىللغانلىقتىن يەرلىك مالايلارنىڭ نوپۇسى بەكلا ئازلاپ كەتكەن، ئۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگۇدىن كۆچۈپ بارغان مۇھاجىرلار پاتتانىنىڭ ئىقتىساد ئىشلىرىنى كونتىرۇل قىلىشقا ۋە سىياسىغا ئارىلىشىشقا باشلىغان، گەرچە مالايلار بىر نەچچە كىچىك سۇلتانلىققا بۆلۈنۈپ كەتكەن بولسىمۇئەمما يەنىلا مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قالغان. ئەنگىلىيىلىكلەر مالاككا سۇلتانلىقىدىن باشلاپ مالايسىيانى ئاستا-ئاستا كونتىرۇللىقىغا كىرگۈزۈش جەريانىدا پاتتانى مالايلىرى ئەنگىلىزلارغا تىز پۈكمىگەن. كېيىن شىمالدىكى تايلاند پادىشاھلىقى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلىغان.
     1909-يىلى شۇ چاغدا مالايسىيانى ئىشغال قىلىپ تۇرغان ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى شىمالدىكى مالايلارنىڭ مۇستەقىل پادىشاھلىقىنى مالايسىيا ئۈچۈن قۇتراتقۇلۇق رول ئوينايدىغان رايون دەپ قارىغان ۋە
تايلاند ھۆكۈمىتى بىلەن «ئەنگىلىيە سىئام بىرلەشمە ئەھدىنامىسى» نى ئىمزالاپ تايلاندنىڭ پاتتانى رايونىنى بېسىۋېلىشىنى قوللاش بەدىلىگە ھازىرقى مالايسىيانىڭ كىداھ شىتاتىغا ئىگە بولغان. تايلاندنىڭ ئىزچىل تۈردە يولغا قويۇپ كەلگەن مالايلارنى ئاسمىلاتسىيەلەشتۈرۈش سىياسىتى نەتىجىسىدە يۇقارقى تۆت ئۆلكىدىن باشقا رايونلاردىكى مىليۇندىن كۆپ مالاي تايلاند جەمىيىتىگە سىڭىپ «مۇسۇلمان تاي»لاردىن ئىبارەت تايلاند تىلىدا سۆزلىشىدىغان، لېكىن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان يېڭى مۇسۇلمان توپى شەكىللەندى. ھىندى ئوكياندىكى بېرما چېگرىسىغا يېقىن ئارال ئۆلكە پۇنكىدا مالاي قان سېستىمىسىدىكى مۇسۇلمان تايلار  30% ئىگەللەيدۇ. (پايدىلىنىش ئۈچۈن تايلاند پادىشاھلىقى دىگەن تېمىدىكى تايلاندنىڭ مەمۇرى ۋە تىل خەرىتىسىگە قاراڭ).
     پاتتانى مالايلىرىنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنى تۇرمۇشى كۆپ تەرەققى قىلالمىغان بولۇپ كۆپ قىسمى دىگۈدەك بېلىقچىلىق ۋە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. پاتتانى رايونىدىكى شەھەر ئاھالىسى ئاساسەن دىگۈدەك جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە تاي كۆچمەنلىرىدىن ئىبارەت. پاتتانى مالايلىرىنىڭ  بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىتتىن بېرى
تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئاسمىلاتسىيە سىياسىتىگە قارشى تۇرۇش، ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىش ھەركىتى ھىچقانچە نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى.
   تايلاندنىڭ غەرپ ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى بولغانلىقتىن شۇنداقلا مالايسىيا بىلەن تايلاند ئوتتۇرىسىدا چېگرا شەرتنامىسى بولغانلىقتىن مالايسىيا ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە پاتتانى رايونىدىكى مالايلارنىڭ مۇستەقىللىق ۋە ياكى مالايسىياغا قوشۇلۇش تەلىپىنى رەت قىلىپ ھەتتتا
تايلاند ھۆكۈمىتىگە ماسلىشىپ «پاتتانى مىللى ئازادلىق فرونتى»غا مۇناسىۋەتلىك شەخسلەرنى بىرقانچە قېتىم تايلاند ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكتىن تايلاندنىڭ جەنۇبىدىكى مالايلار ھازىر تېرورلۇق ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزلىرىگە تېخىمۇ يول قويۇشقا مەجبۇرلىماقچى بولدى. ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن تېرورلۇق ۋە ھۇجۇم ۋەقەلىرى نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى...نەتىجىدە تايلاندنىڭ جەنۇبىدىكى مۇسۇلمانلار رايونى تايلاندقا كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ بېرىشى چەكلەنگەن رايون بولۇپ قېلىپ خەلقنىڭ دۇنيادىن ئايرىلىپ قېلىشى ۋە نامراتلىشىپ كېتىشىگە سەۋەپ بولۇپلا قالماي، تايلاندنىڭ مۇسۇلمانلىرى خەلقارا جەمىيەتتىمۇ يىتىم قالدى.
   2007-يىلى پاتتانى مالايلىرىدىن بولغان بىر نەچچە ۋەكىل ۋە تاي تىلىدا سۆزلىشىدىغان مۇسۇلمانلاردىن جەمئى7نەپەر كىشى تايلاند پارلامېنتىغا كىردى.  مۇسۇلمان قوماندان سۇتھى تاكسىننى ئاغدۇرۇش سىياسى ئۆزگىرىشى قىلغۇچىلارنىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن
تايلاندنىڭ جەنۇبىدا مۇسۇلمانلار بىلەن بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما ئارىسىدا ئىناقلىق بەرپا قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە ئېتىبار سىياسەتلەرنى يولغا قويدى. گەرچە بۇ پاتتانى مالايلىرىنىڭ سىياسى ئارزۇسىدىن كۆپ يىراق بولسىمۇ لېكىن بۇ رايونلاردا تېنچلىق ئورنىتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە مۇھىم رول ئوينىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

[qarluq تەستىقلىدى . 2010-3-8 12:55:01]

مۇھىم خەتكۈچلەر : يوق , مالاي , پاتتانى , جاۋى , تايلاند
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-27 1:57:00 باھا : 0 كۆزىتىش : 144
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证