تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   ئىنىسكىلوپېدىيە ›› جاھاننامە ›› دۆلەت ۋە رايونلار ›› [فىلىپپىن]مىندانائو مۇسۇلمان ئاپتونۇم راي
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
[فىلىپپىن]مىندانائو مۇسۇلمان ئاپتونۇم راي
yesimen
سېنىيور
دەرىجىسى : 4
جۇغلانما نۇمۇر : 11500
357194450@qq.com

يازما سانى : 54
باھا يازما سانى : 0
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق

مىندانائو مۇسۇلمان ئاپتونۇم رايۇنى

     مىندانائو مۇسۇلمان ئاپتونۇم رايونى Mindanao Muslim A.R 
     پايتەختى :كوتاباتو. ئاھالىسى 300مىڭ.
          زىمىنى : 13010كىۋادىرات كىلومېتىر،
     ئاھالىسى:
فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدىكى مىندانائو ئاپتونۇم رايونىنىڭ 2005-يىلىدىكى ئاھالىسى 3مىليۇن 315مىڭ بولۇپ، ئۇمۇمى جەھەتتىن مىندانائو ئارىلى(ماراناۋ، ماگىنداناۋ ئۆلكىسىنى ئۆز ئچىگە ئالىدۇ) ۋە تاقىم ئارال (باسىلان، سۇلۇ، تاۋى-تاۋىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈركۈمگە بۆلۈش مۈمكىن.  بۇنىڭ ئىچىدە مىندانائو ئارىلىدىكى ماگىنداناۋ مىللىتىنىڭ ئاھالىسى تەخمىنەن 1مىليۇندىن كۆپرەك، ماراناۋ مىللىتى 700مىليۇن ئەتراپىدا سۇبانۇنلار 300مىڭ ئەتراپىدا . سۇلۇ تاقىم ئارىلىدىكى تاۋسۇگلار بىر مىليۇن، سامالار 500مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ ئاھالىنىڭ 95% ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىبى شافىئى فىقھىسىدە. قالدى3% ئاھالە يەرلىك ئىپتىدائى دىنلارغا، يەنە 2% خىرىستان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
      ئىسلام دىنى
فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدىكى مىندانائو ئارىلىغا تەخمىنەن 1380-يىللىرى دېڭىز ئارىلاپ سودا قىلىدىغان دېڭىزدىكى سىگانلار دەپ نام ئالغان سولولار تەرىپىدىن تارقىلىپ كىرگەن بولۇپ، فىلىپپىنىڭ ككپ قىسىم ئاھالىسىنى ئىگللەيدىغان لوزۇن ۋە سېبۇ ئارىلىدىكى ئاھالىلەر تېخى ئىپتىدائى دىنلارغا ئېتىقاد قىلىپ يۈرگەندە مىندانائو ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى تاقىم ئاراللاردا قۇرۇلغان سولو سۇلتانلىقى ۋە مىندانائو ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى سۇلتان قۇدرەتنى مەركەز قىلغان ماگىنداناۋ سۇلتانلىقى پەن-مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادى جەھەتلەردە يۈكسەك تەرەققى قىلغان ئىدى. 1580-يىلى ئىسپانىيە پىلە قۇرتىدەك بېسىپ كىرىپ فىلىپپىننى بېسىۋالغاندا بۇئىككى سۇلتانلىق بىلەن  كۆپ قېتىم ئۇرۇش قىلىپ ئۇلارنى بوي سۇندۇرالمىغان ئەمما ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلماي، بۇ ئىككى سۇلتانلىقنى ئىسپانىيە پادىشاھى فىلىپنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان مالاي تاقىم ئاراللىرىنىڭ شەرقىدىكى بۇ دۆلەتنىڭ يەرلىك ئاپتونومىيىسى دەپ ئاتىۋالغان. بۇ ئىككى ئارال ئاھالىسىنىڭ ئەينى يىللىرى ئىسپانىيەنى بويسۇندۇرغان ئافرىقا قوشۇنلىرىغا ئوخشاش ئىبادەت ۋە تۇرمۇش شەكلى تۈپەيلى ئىسپانىيەلىكلەر فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئۇمۇملاشتۇرۇپ مورولار دەپ ئاتىغان( ئىسپانىيەنىڭ جەنۇبى خوشنىسى بولغان ئافرىقىدىكى موروككو-ماراكەش، ۋە ماۋرتانىيە دىگەن دۆلەت نامىمۇ مۇشۇ مورو دىگەن نامدىن كېلىپ چىققان).
     1890-يىلى ئامېرىكا ئىسپانىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن
ئىسپانىيە ئۇرۇش تۆلىمى سۈپىتىدە فىلىپپىن تاقىم ئاراللىرىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى، جەنۇپتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىككى سۇلتانلىقىنىڭ مەۋجۇتلىقىنىمۇ ئېتىراپ قىلمىغان ھالدا  ئامېرىكىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ئامېرىكا فىلىپپىنغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە گەرچە ئوخشاشلا يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ ئەمما شىمالدىن كەلگەن فىلىپپىن قورچاق ئەسكەرلىرىنى ئىشقا سېلىپ قانلىق بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشى ئېلىپ بارغان. ئايىقى چىقماس ئۇرۇشتىن زېرىككەن ئامېرىكا 1946-يىلىغا كەلگەندە بويسۇندۇرۇلغان ئەمما تېخى ئۇرۇش ئوتى ئۆچمىگەن بۇ زىمىننى فىلىپپىننىڭ يەرلىك خىرىستانلاردىن تەشكىل تاپقان ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. كونا مىندانائو سۇلتانلىقىنىڭ ۋارىسى ئوسمانىيە يېڭى قۇرۇلغان فىلىپپىننىڭ ئازادلىق ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسى بىلەن دۆلەتتە مۇئاۋىن پىرىزدېنت بولۇپ سايلانغان.
     1950-يىللاردىن كېيىن
فىلىپپىن ھۆكۈمىتى ئاھالە بىر قەدەر زىچ ھىساپلانغان، خىرىستانلار ئولتۇراقلاشقان شىمالدىن جەنۇپتىكى ئاھالە شالاڭراق بولغان مىندانائو ئارىلىغا پىلانلىق تۈردە كۆچمەنلەرنى يۈتكەپ، ياخشى تېرىلغۇ يەرلەرنى كۆچمەنلەرگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن. نەتىجىدە يەرلىك مۇسۇلمانلار بۇ سىياسەتكە نارازى بولۇپ ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق تېرورلۇق ھەركەت قوللانغان. فىلىپپىن ھۆكۈمىتىمۇ بۇ مەسىلىنى مەركەزدە ھوقۇق تۇتقان مۇسۇلمان رەھبەرلەردىن كۆرۈپ ئۇلارنى چەتكە قاققان. نەتىجىدە فىلىپپىندا  شىمالدىكى خىرىستانلار ھۆكۈمىتى، ئوتتۇرا قىسىم ۋە سېبۇ ئارىلىدىكى فىلىپپىن كومۇنىستىك ھەركىتىنىڭ قوراللىق كۈچلىرى، جەنۇپتىكى مۇسۇلمانلاردىن ئىبارەت ئۈچ كۈچ پۇت تېپىشىپ ئۈزۈلمىگەن ئىچكى ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1968-يىلى مىندانائو ئارىلىدىكى كوتاباتو ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ماندالان «مىندانائو ئارىلى مۇستەقىللىق ھەركىتى»نى قوزغىغاندىن كېيىن جايلاردىكى مۇسۇلمان قوراللىق كۈچلىرى سۇلۇ ۋە باسلان ئارىلىنىڭ كۆپ قىسمىنى قوراللىق بېسىۋالغان. سىرتقا ئەمگەك كۈچى چىقىرىش ۋە نېفىت ئىمپورتى ساھەسىدە ئىسلام دۇنياسىغا ئېھتىياجلىق بولغان  فىلىپپىن ھۆكۈمىتى دۇنيا ئىسلام كېڭىشىنى ئىككى ئارىدا كېلىشتۈرگۈچى بولۇشقا چاقىرغان. نەتىجىدە 1974-يىلى لىبىيە پىرىزدېنتى كازافىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئاستىدا  مورو مىللى ئازادلىق فىرونتى دۇنيا ئىسلام كېڭىشىگە ئەزا بولۇش بىلەن بىللە قوراللىق كۈچىنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولغان.
     1996-يىلى ۋە 1998-يىلىدىكى ئاپتونومىيە ھەركىتىدە مورو ئازاتلىق تەشكىلاتى
فىلىپپىن ھۆكۈمىتى بىلەن يەنىمۇ ئىلگىلىگەن ئاساستا تېنچلىق كېلىشىمى تۈزۈپ قوراللىق كۈچ،  ئىقتىساد، دىپلوماتىيە، مائارىپ جەھەتلەردە زور بولغان ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئېرىشتى. ھازىر مىندانائو مۇسۇلمان ئاپتونۇم رايونى گەرچە ھۆكۈمەتنىڭ ئەبۇ سايىف قوراللىق كۈچلىرى بىلەن بولغان كۈرىشى تەسىرىدە يەنىلا مەلۇم تېنچسىز ۋە  فىلىپپىن بويىچە ئىقتىسادى بىر قەدەر قالاق رايون ھىساپلىنىدۇ.

   


مۇھىم خەتكۈچلەر : يوق
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-23 18:50:00 باھا : 0 كۆزىتىش : 151
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证