خېمىيە ئالىمى شىللېر(1742-1786)
شىللېر شىۋىتسىيىلىك ياش خىمىك، 1742 - يىلى 12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى سىترالسوند شەھىرىدە تۇغۇلغان . ئائىلىسى كەمبەغەل بولغاچقا، 13 يېشىدىلا گوننىبورگدىكى دورىگەر - بوخىنىڭ دوراخانىسىدا شاگىرت بولغان . بۇ بالا دوراخانىغا كەلگەندىن كىيى، ھەممە نەرسە ئۇنىڭغا يېڭىلىق بولۇپ تۇيۇلغان . ئۇ دورا ياساشنى ئۈگىنىش داۋامىدا، ماددىلار سۈپەت ئۆزگىرىشى ياسىغاندىن كىيىن، نۇرغۇن كىرەكلىك نەرسىلەر ھاسىل بولىغانلىقىدەك ئاجايىپ قىززىق خىمىيىلىك ئۆزگىرىشنى بايقىغان . بۇ ئەھۋاللار ئۇنىڭدا خىمىيىگە نىسپەتەن چوڭقۇر قىزىقىش پەيدا قىلغان . ئۇ بوخې ئۇستامنىڭ يىتەكچىلىكىدە، تەشنالىق بىلەن ئۈگىنىدۇ ، كۈندۈزى خىزمەت قىلغاننىڭ سىرتىدا بىر مىنۇت ۋاقىتنىمۇ قولدىن بەرمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەركۈنى كەچتە يىرىم كىچىگىچە ئۈگىنىدۇ . شۇنداق قىلىپ مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە كۈتۈپخانىدىكى خىمىيىگە دائىر مەشھۇر كىتاپلارنىڭ ھەممىسىنى دىگۈدەك ئوقۇپ چىقىدۇ . شۇنداقلا نۇرغۇن تەجرىبىلەرنى ئىشلەيدۇ . كىيىن ، شىللېر يەنە خمىيە تارىخىنى ئەستايىدىل ئۈگىنىدۇ . 8 يىلدىن كىيىن شىللېر گونتىبورگدىكى دوراخانىدىن چىقىپ، ئىلگىرى - كىيىن بولۇپ، مالىم، ستوكھولم ۋە ئوپپىيىسىيالاردىكى دوراخانىلارغا بېرىپ ئىشلەيدۇ، ئۇ 1768 - يىلى ستوكھولمدىكى شالانبورگ دوراخانىسىغا كەلگەندە، 25 ياشلىق ياش خىمىيە ئالىمى بولۇپ قالغان ئىدى . 1773 - يىلىغا كەلگەندە ئۇ يىنىش - كۆيۈش ئۈستىدە تەجرىبە ئىشلەپ نەتىجىدە خىمىيە ئىلمىنتى بولغان ئوكسىگىننى بايقىغان . 1774 - يىلى خىلورنى تاپقان . ئۇ يەنە فتور، ئامياك، تۇز كىسلاتاسىنى تاپقان . فىتورىد كىسلاتاسى، ۋولفرام كىسلاتاسى، مولبىدىن كىسلاتاسى، ئاسىن كىسلاتاسى قاتارلىق نەچچە ئون خىل ئىلمىنت ۋە بىرىكمىنى تاپقان . شىللېر 1775 - يىلى شىۋىتسىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ ئاكادىمىكى دىگەن نامغا ئىگە بولغان .
شىللېر 1786-يىلى مايدا ئۆسۈملۈكلەردىكى گاللوۋ كىسلاتاسىنى ئىزلەۋاتقان ۋە تەجرىبە قىلىش ئىشى تۈگىمىگەن چاغدا ۋاپات بولۇپ كەتكەن .