تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› ئەدىپ-مۇتەپەككۈرلەر ›› تارىخچى-مىرزا ھەيدەر كوراگانى(1551-1500)
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
تارىخچى-مىرزا ھەيدەر كوراگانى(1551-1500)
Biliwal
يىڭى ئەزا
دەرىجىسى : 7
جۇغلانما نۇمۇر : 13
biliwal@qq.com

يازما سانى : 161
باھا يازما سانى : -1
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق

   تارىخچى-مىرزا ھەيدەر كوراگانى(1551-1500)

    ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ئەڭ مۇھىم دەۋرىدىن بىرى بولغان سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تارىخىنى ئەينەن بايانلار ئارقىلىق بىزگىچە تولۇق يەتكۈزگەن«تارىخى رەشىدى»نىڭ يازغۇچىسى، شائىر مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كوراگان مىلادىيە 13 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ماڭلايسۆيەر رايونىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش داۋامىدا پەيدىنپەي ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن مۇڭغۇللارنىڭ دوغلات قەبىلىسىدىن بولۇپ، مىلادىيە 1500 - يىلى موغۇلىستان خانلىقىغا قاراشلىق كەشتان رايونىنىڭ تاشكەنت شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئەينى چاغدا ئۇنىڭ دادىسى مۇھەممەد ھۈسەيىن كوراگان موغۇلىستان خانى مەھمۇدخاننىڭ يېقىن دوستى بولۇپ ، خان ئۇنىڭغا سىڭلىسى خوبنىگار خانىمنى ياتلىق قىلىپ، ئۇنى كوراگانلىق ئورنىغا كۆتۈرگەن ۋە ئۆرە تۆپە رايونىنىڭ ھاكىمى قىلغانىدى. مىرزا ھەيدەر ئاتا - ئانىسىنىڭ نەچچە پۇشتىغىچە ھەممىسى خانلارنىڭ نەۋرە تۇغقانلىرىدىن ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ كېلىپ، نەسەبىنى دوغلات ئەمىرى پولاجىغىچە سۈرىدۇ . ( «تارىخىي رەشىدى» دىن ) خوبنىگار خانىم بابۇر شاھنىڭ ئايالى قۇتلۇق نىگار خانىمنىڭ سىڭلىسى بولۇپ ، مىرزا ھەيدەرمۇ ئۆز نۆۋىتىدە بابۇرخان ۋە مەھمۇدخاننىڭ ئىنىسى ئەھمەدخاننىڭ ئوغلى سەئىدخانلار بىلەن بىر نەۋرە تۇغقانلاردىن ئىدى. مىرزا ھەيدەر توققۇز ياشقا كىرگەن يىلى ئۇنىڭ دادىسى شەيبانىخاننىڭ سۈيقەستى بىلەن ھىراتتا ئۆلتۈرۈلىدۇ . ئەينى ۋاقىتتا مىرزا ھەيدەر بۇخارادا، ھەدىسىنىڭ يېنىدا ئىدى . شەيبانىخان مىرزا ھەيدەرنىڭ ئاتا - ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن قالماي ، مىرزا ھەيدەرنىمۇ ئۆلتۈرۈش سۈيقەستىنى پىلانلايدۇ . مىرزا ھەيدەر دادىسىنىڭ يېقىنلىرىنىڭ ياردىمىدە بەدەخشاننىڭ زەپەر قەلئەسىگە بېرىپ پاناھلىنىدۇ . مىلادىيە 1509 - يىلى ئۇ بابۇر شاھ تەرىپىدىن كابولغا چاقىرىۋېلىنغان ۋە بابۇر شاھنىڭ ئاتىلارچە غەمخورلىقىغا ئېرىشكەن .ياندۇرقى يىلى ئۇ بابۇر شاھنىڭ ماۋەرائۈننەھرگە - شەيبانىخانغا قارشى ئېلىپ بارغان ھەربىي يۈرۈشىگە قاتناشقان. ئەينى چاغدا سۇلتان سەئىدخان سەمەرقەندتە خانلىق تەختىگە ئولتۇرۇپ ئەنجاندا تۇرۇۋاتقان ۋە مىرزا ھەيدەرنىڭ ھەدىسى ھەبىبەنى نىكاھىغا ئالغانىدى . مىلادىيە 1512 - يىلى مىرزا ھەيدەر ئەنجانغا بېرىپ، سۇلتان سەئىدخاننىڭ خىزمىتىگە كىرگەن. مىلادىيە 1513 - يىلى سۇلتان سەئىدخان كىچىك قىزىنى مىرزا ھەيدەرگە نىكاھلاپ بېرىپ، ئۇنى كوراگانلىق ئورنىغا كۆتۈرگەن . مىرزا ھەيدەر سۇلتان سەئىدخانغا مىننەتدارلىغىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن ھاياتى توغرىسىدا تۆۋەندىكىلەرنى يازىدۇ :
«....
سۇلتان سەئىدخان ئاتىلىق شەپقىتى بىلەن مېنى يىتىملىك تەسىرىدىن خالاس قىلدى . مۇھەببەت ۋە تۇغقانلىق مېھىر - شەپقىتىنى شۇ قەدەر چىڭ ۋە ئۇزۇنغىچە كۆرسەتتىكى، ئۇنىڭغا ھەتتا خاننىڭ بۇرادەرلىرى ۋە پەرزەنتلىرىمۇ ھەسەت قىلىشاتتى. تاكى 24 يىل ئۇ خاننىڭ جەننەت ماكان خىزمىتىدە ھۈنەر - كەسپلەردىن ، ئەخلاق - -پەزىلەتلەردىن ۋە ئىلىم - مەرىپەتلەردىن تەلىم ئېلىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ ، ئۇلۇغلۇق ۋە ھەشەمەت بىلەن ھايات كەچۈردۈم . خەت پۈتمەك ، شېئىر ئېيتماق ، ئىنشا ( نەسر يېزىقچىلىقى ) رەسساملىق ، نەققاشلىق ئىلىملىرىدە ، زاماننىڭ ئىمتىيازلىقى ، بەلكى ماھىرلىرىدىن بولدۇم . .... قىسقىسى ھەممە ھۈنەر - سەنئەتلەردە شۇ دەرىجىگە يەتتىمكى، ئۇ ھۈنەر - كەسپلەرنىڭ يېتۈك ئالىملىرى ۋە ماھىر ئۇستازلىرى پېقىرغا شاگىرت بولماققىمۇ ئاجىز كەلدى. بۇ ھەممە پەزىلەت ۋە ھۈنەرلەرنى ئىگىلىشىمگە خاننىڭ سايە - سەۋەبلىرى ۋە تىرىشچانلىقلىرى سەۋەب بولدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە سەلتەنەت ئىشلىرى ، كېڭەش - مەسلىھەت ئۇسۇللىرى ، جەڭ قائىدىلىرى ، كېچىلىك ھۇجۇم ، ئوقيا ئېتىش ، ئوۋ ئوۋلاش ، ئوۋغا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق دۆلەت ئىشلىرىدا زۆرۈر لازىم بولغان بارلىق كەسپلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۇستازىم ۋە تەربىيىچىم ھەزرىتى خان ئىدى . يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ھۈنەرلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە يەنە خانغا شاگىرت ئىدىم . »
    مىرزا ھەيدەر 24 يېشىدىن باشلاپ ھەربىي ئىشلارغا ئارىلاشقان ۋە قوشۇن قوماندانى سۈپىتىدە ھەربىي يۈرۈشلەرگە ئىشتىراك قىلغان . مىلادىيە 1530 - يىلى
سۇلتان سەئىدخان بىلەن بىللە بەدەخشانغا يۈرۈش قىلغاندا ، ئۇ ئالدىن يۈرەر قىسىمنىڭ قوماندانى بولغان .
    مىلادىيە 1532 - يىلى 7 - ئايدا
سۇلتان سەئىدخان تىبەتكە غازات ئۇرۇشى ئۈچۈن ئاتلانغاندا، مىرزا ھەيدەر قوشۇن قوماندانى بولۇپ، تىبەتكە ئالدى بىلەن يۈرۈش قىلغان . بۇ جەرياندا ئۇ ئارقا - ئارقىدىن غەلىبىلىك يۈرۈشلەرنى قىلىپ ، تىبەتنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى ۋە كەشمىرنى ئىشغال قىلغان . سۇلتان سەئىدخان مىرزا ھەيدەرنىڭ بۇ تۆھپىسىنى يۇقۇرى باھالاپ، ئۇنى پۈتۈن قوشۇننىڭ باش قوماندانى قىلىپ بەلگىلىگەن ھەمدە ئۇنىڭغا ئورساڭ (لخاسا) نى ئىشغال قىلىشنى بۇيرۇغان . سۇلتان سەئىدخان شۇ قېتىم لاداختىن يەكەنگە قايتىش سەپىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن مىرزا ئەلى تاغاي ( مىرزا ھەيدەر ئۇنى «ئالۋاستى شاھى» دەپ ئاتايدۇ ) قاتارلىقلار بىرلىكتە پىلانلاپ ، سۇلتان سەئىدخان نامىدىن بىر پارچە ۋەسىيەت خېتى ئويدۇرۇپ چىقىپ ، كۈيوغلى يادىكار مۇھەممەد ئارقىلىق ئاقسۇغا ، سۇلتان ئابدۇرەشىدخانغا ئەۋەتىدۇ . بۇ ئاتالمىش «ۋەسىيەتنامە» دە : « مېنىڭ ئەسلىدە تىبەتكە غازات ئۇرۇشى قىلىپ بېرىش نىيىتىم يوق ئىدى ، سەئىد مۇھەممەد مىرزا ( مىرزا ھەيدەرنىڭ تەربىيە ئاتىسى) ۋە مىرزا ھەيدەر مېنى مۇشۇ قەدەمنى بېسىشقا قىستىغانىدى . ئوغلۇم ئابدۇرەشىد بۇ ئىككىسىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلمىسا ، مېنىڭ باقىي دۇنيادا كۆزۈم يۇمۇلمايدۇ .... ئۇلار بىر كۈن مەۋجۇت بولىدىكەن ، ھاكىمىيەت بىر كۈنمۇ مېنىڭ ئوغۇللىرىمغا مەنسۇب بولالمايدۇ » دېگەندەك سۆزلەر يېزىلغانىدى . سەئىد مۇھەممەد مىرزا قەشقەردىن يەكەنگە كېلىپ سۇلتان سەئىدخاننىڭ ماتەم مۇراسىمىنى ئۆتكۈزىدۇ ، مىرزا ئەلى تاغاي بىلەن بىرلىكتە خانلىقنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى خان بار ۋاقىتتىكىدەك ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ ، سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ ئاقسۇدىن كېلىپ خانلىق تەختىگە ئولتۇرۇشىنى كۈتىدۇ. ئابدۇرەشىدخان ھىجىرىيە كالىندارى بويىچە زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنى يەكەنگە يېتىپ كېلىدۇ. سەئىد مۇھەممەد مىرزا خان جەمەتىدىكى كىشىلەرنى شەھەر سىرتىدىكى ئابدۇرەشىدخان چۈشكۈن قىلغان جايدا بىر كېچە قونۇپ ، ئەتىسى شەھەرگە كىرىپ خانلىق تەختكە ئولتۇرۇش تەكلىپىنى بېرىدۇ . مىرزا ئەلى تاغاي ئابدۇرەشىدخان بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ : « بۇ بىر سۈيقەست، ئۇلار تىبەتتىكى ئىسكەندەر سۇلتانىنى خان قىلىپ تىكلىمەكچى» دەيدۇ . يېڭى يىل كۈنى ئابدۇرەشىدخان شەھەرگە كىرىدۇ ۋە ئالدى بىلەن خانلار قەبرىستانلىقىغا (ئالتۇنلۇققا) بېرىپ ، دادىسىنىڭ تۇپراق بېشىنى يوقلايدۇ . مۇسىبەت كىيىمى كىيىپ ئالدىغا كەلگەن سەئىد مۇھەممەد مىرزىنى ئۆلۈمگە بۇيرۇيدۇ ، ئەلى سەئىدمۇ ئوخشاش تەقدىرگە ئۇچرايدۇ . ئابدۇرەشىدخان ئالتۇنلۇقتىن قايتىپ كېلىپ تاج كىيىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ، ئاندىن مىرزا ئەلى تاغاينى قەشقەرگە ئەۋەتىپ سەئىد مۇھەممەد مىرزىنىڭ ئىككى ئوغلىنى، ئابابەكرىنىڭ بىر ئوغلىنى ئۆلتۈرگۈزىدۇ .
   مىرزا ھەيدەر بۇ چاغدا
ئابدۇرەشىدخاننىڭ ئىنىسى ئىسكەندەر سۇلتان بىلەن بىرلىكتە تىبەتتىكى جاپالىق ھەربىي يۈرۈشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتى. ئۇ بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن قاتتىق چۆچۈيدۇ ھەمدە ئابدۇرەشىدخاننىڭ بۇ قىلمىشلىرىدا ، ئاساسلىقى ئۇنىڭ يېنىدىكى ئۇستازى ئەمىر مۇھەممەد بارلاسنىڭ قولى بارلىقىنى ئېيتىدۇ. مىلادىيە 1534 - يىلى 1 - ئايدا مىرزا ھەيدەر ئورساڭ (لخاسا) غا قىلىنغان 60 كۈنلۈك يۈرۈش داۋامىدا چارچىغان قوشۇننى ئارقىغا قايتۇرۇۋاتقان مەزگىلدە ئابدۇرەشىدخاندىن خەۋەرچى كېلىپ، مىرزا ھەيدەرنىڭ بىر نەۋرە قېرىندىشى مۇھەممەد مىرزا بىلەن تىبەتتە قېلىشىنى، قوشۇننى تارقىتىۋېتىشىنى بۇيرۇغان. بۇ ئۇنىڭ «يوقال» دېگىنى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مىرزا ھەيدەر بەدەخشانغا يول ئالغان . قاراقۇرۇمدىن ئۆتۈپ بەدەخشانغا كىرىدىغان يول ئېغىزىدا كەلگەندە، يەكەنگە قايتىپ كېتىۋاتقان ئىسكەندەر سۇلتان ئۇنىڭغا يېتىشىپ كېلىپ ، ئۆزى بىلەن يەكەنگە قايتىشنى ئۆتۈنگەن. مىرزا ھەيدەر : « سېنىڭ ئۇ قېرىندىشىڭ گېپىدە تۇرمايدۇ ، ئۇنىڭ ھەرىكىتى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلىدى ، ئۇنىڭدىن ھېچقانداق مېھىر - شەپقەت كۈتكىلى بولمايدۇ » دەپ ئىسكەندەر سۇلتاننىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغان. مىرزا ھەيدەر بەدەخشان چېگرىسىدىكى قوقەندكە بارغاندا ئابدۇرەشىدخاننىڭ قول ئاستىدىكى بىرى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىدۇ. مىرزا ھەيدەر ئابدۇرەشىدخانغا قارىتىپ ئۇيغۇر تىلىدا يازغان بىرقانچە شېئىرىنى ئۇنىڭغا بېرىپ، ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىشنى ئېيتىدۇ. بۇ شېئىرلاردا سۇلتان ئابدۇرەشىدخانغا بولغان ئاغرىنىشى ئىپادىلەنگەن ئىدى .
   مىرزا ھەيدەر قوقەندتە تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە ئىسكەندەر سۇلتان مىرزا ھەيدەرنىڭ ئايالىنى ئېلىپ قوقەندتكە كېلىپ ، ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم خوشلىشىدۇ . مىرزا ھەيدەر قىشنى بەدەخشاندا ئۆتكۈزۈپ، ئەتىيازدا ھىندىستاندا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان بابۇرنىڭ ئوغلى ھومايۇننىڭ ئىنىسى كامران مىرزىنىڭ قېشىغا بارىدۇ . كامران مىرزا قوشۇنىغا باشچىلىق قىلىپ ئافغان ئىسيانچىلىرىنى باستۇرىدۇ . مىلادىيە 1539 - يىلى ئۇ ھۇمايۇننىڭ قېشىغا قايتا كېلىدۇ ۋە ھۇمايۇننىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە كەشمىرنى يەنە بىر ئىشغال قىلىپ ، ئۇ يەرنىڭ ھۆكۈمرانى بولىدۇ . مىلادىيە 1551 - يىلى ئۆز قوشۇنلىرى ئارىسىدىكى تاغلىق ئىسيانچىلارنىڭ بىرى ئاتقان ئوقيا ئوقى بىلەن قازا تاپىدۇ .


مۇھىم خەتكۈچلەر :
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2007-9-26 13:16:00 باھا : 0 كۆزىتىش : 53
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证