1950-يىللىق مۇكاپات ساھىبى رۇسسېل(1970-1872)
20-ئەسىردىكى ئارىستوتېل دەپ نام ئالغان رۇسسېل(Bertrand Arthur William Russell) كەڭ ئىلىم پەن ساھەسىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغان، 1950-يىلى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئاتاقلىق ئەنگلىيە ئالىمى.
رۇسسېل 1872-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى ئەنگىلىيىنىڭ ۋېلىستا بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ پەلسەپە، ماتېماتىكا، فىزىكا-خېمىيە، بىئولوگىيە، لوگىكا، جەمئىيەتشۇناسلىق، پىداگوگىكا، تارىخشۇناسلىق، تېئولوگىيە قاتارلىق پەنلەرنىڭ ھەممىسىدە غايەت زور نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن. 1894-يىلى كامبرىج ئۇنۋېرستىنىڭ 31-ئىنىستوتىتىنى پۈتتۈرۈپ ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1908-يىلى ئەنگلىيە پادىشاھلىق پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە ئەزا بولغان. 1910-يىلى پەيلاسوپ ھەم ماتېماتىكا ئالىمى ۋىتېخاد بىلەن بىرلىكتە ئۈچ توملۇق «ماتېماتىكا تېزىسلىرى ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئەسەرنى پۈتتۈرگەن. بۇ كىتاپ تاكى بۈگۈنگىچە ماتېماتىكا ۋە لوگىكىغا شۇنداقلا ماتېماتىكىلىق پەلسەپىگە تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە.
رۇسسېل1-دۇنيا ئۇرۇشىغا قەتئىي قارشى تۇرغان. 30-يىللاردىن كېيىن مۇستەبىتلىك ۋە فاشىزمغا قارشى پائالىيەتلەردە بولغان. رۇسسېل ھازىرقى زاماندىكى يەنە بىر ئارىستوتېل بولۇپ «ئىنسانلارنىڭ بىلىش جەھەتتىكى شۆھرەتپەرەسلىكىنى ئازايتىش« ۋە «لوگىكا بىلەن ماتېماتىكا ئارىسىدا ئالاقە ئورنىتىش» نى ئۆزىگە ئۆمۈرلۈك نىشان قىلىپ بەلگىلىگەن. «ئىنسانلارنىڭ بىلىمى-ئۇنىڭ دائىرىسى ۋە چېكى»، «ماتېماتىكا پرىنسىپلىرى»، يۈرەك ئۈستىدە تەھلىل»،«ماددا ئۈستىدە تەھلىل»، «تەرجىمىھال»، «نىكاھ ئىنقىلابى»، «بولشىۋېكلار نەزەرىيىسى»، «جۇڭگو مەسىلىسى ھەققىدە»، «پەلسەپىنىڭ پرىنسىپى»، «پەلسەپە تارىخى» قاتارلىق 40نەچچە پارچە ئەسەر ئېلان قىلىپ 1950-يىلى «بۈيۈك ئالىمنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئەسەرلىرى ئىنسانىيەت بىلىدىغان ھەممە پەندىن ھالقىغان بولسىمۇ يەنىلا ئۇنىڭ تۆھپىسى ئۈچۈن ئازلىق قىلىدىغان نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى بېرىش قارار قىلىنغانلىقتىن» نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا دۇنيادا دېموكراتىك تەرتىپ ئورنىتىش ۋە دۇنيا تېنچلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ يادرو ئۇرۇشىغا قارشى تۇرۇپ ئارمىيەنى قىسقارتىشنى تەشەببۇس قىلىش، ۋېتنام ئۇرۇشىغا قارشى تۇرۇشتەك پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان. 1955-يىلى ئېينىشتېينغا خەت يېزىپ يادرو ئۇرۇشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى، دۇنيادىكى كىشىلەر ۋە ھاكىمىيەتلەرنىڭ بۇندىن كېيىنكى ھەرقانداق مەقسەتنى ئۇرۇش ياكى ئاتوم بومبىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرسا بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ئېينىشتېيننىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ داڭلىق «رۇسسېل-ئېينىشتېين خىتاپنامىسى»نى يېزىپ چىقىپ 20نەچچە نوبېل مۇكاتىغا ئېرىشكەن ئالىملار بىلەن بىللە ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى، جۇڭگو، ئەنگلىيە، فرانسىيە، كانادادىن ئىبارەت دۆلەت باشلىقلىرىغا ئەۋەتىپ، ئىنسانىيەت بەختى توغرىسىدىكى قايغۇسى ۋە ھەققانى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئۆزىنىڭ تىنچلىقپەرۋەر-ئالىجاناپ ۋىجدانىنى ئىپادىلىگەن. 60-يىللاردىن كېيىن ئامېرىكا نېگىرلار ھەرىكىتىنى قوللاپ ئامېرىكىنىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان. ھازىرقى زامان ئىدىيە تارىخىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن بۈيۈك كۆپ قىرلىق ئالىم رۇسسېل 1970-يىلى 2-ئاينىڭ2-كۈنى ۋېلىستا ۋاپات بولغان.