ئىسمائىلخان (1627-1683)
سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاخىرقى خانى ئىسمائىلخان بولۇپ ئىسمائىلخان ئابدۇللىتىپخاننىڭ ئوغلى، ئابدۇللىتىپخان ئەھمەدخاننىڭ ئوغلى، ئەھمەدخان سۇلتان مۇھەممەدخاننىڭ ئوغلى، سۇلتان مۇھەممەدخان سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ ئوغلى سۈپىتىدە نەسەبى جەھەتتىن سۇلتان سەئىدخانغا يەنىمۇ ئۇزاق سۈرۈشتۈرگەندە تۇغلۇق تۆمۈرخانغا تۇتىشىدۇ.
ئىسمائىلخان 1670-يىلى قارا تاغلىق غوجىلارنىڭ قوللىشى بىلەن ئاقسۇنى بازا قىلىپ تۇرۇپ يەركەن ۋە قەشقەرگە ھۇجۇم قىلغان ۋە ئاق تاغلىقلارنى باستۇرغان. ئاپئاق غوجا قېچىپ كەتكەندىن كېيىن يۇرتتا ئەمىنلىك ئورنىتىپ ھاكىمىيەتنى ئادىل باشقۇرغان، ئەمما بۇ دەۋردە پۈتكۈل قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ئەھلى سوپىلىققا بېرىلىپ ، خەلق نامراتلىشىپ كەتكەن، ئىگىلىك ئېغىر ۋەيران بولغانلىقتىن ئىسمائىلخاننىڭ ئوردا قوشۇنىغىمۇ ئارانلا 17 مىڭ ئات يىغىلغان. ئالدىنقى يىللاردىكى ئۇدا يۈز بەرگەن ئۇرۇش تۈپەيلى خەزىنە قۇرۇقدىلىنىپ قالغانلىقتىن ئوردا مالىيەسى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان. شۇنداقتىمۇتارىخى ماتېرىياللاردا يېزىلىشىچە ئىسمائىلخان ھۆكۈم سۈرگەن ئون يىلدا ئادالەتنى ياقلاپ، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ ئاددى-ساددا ياشىغان، خەلق ئىگىلىكىمۇ بىراز ياخشىلانغان. 1680-يىلى جۇڭغارلارنىڭ قۇنتەيجىسى غالدان ئاق تاغلىقلارنىڭ غوجىسى ئاپئاق غوجىنىڭ يول باشلىشى بىلەن مۇزداۋان ئارقىلىق ئاقسۇغا چۈشۈپ سەئىدىيە خانلىقى قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلغان. موڭغۇل ئاتلىق ئەسكەرلىرىنىڭ قاتتىق ھۇجۇمى ۋە ئاق تاغلىق غوجىلارنىڭ قوشۇن ۋە خەلق ئىچىدىن جۇڭغارلارغا ماسلىشىشى بىلەن سەئىدىيە خانلىقى قوشۇنى مەغلۇپ بولۇپ ئىسمالخان ئەسىرگە چۈشكەن. جۇڭغارلار قوشۇنى ئاپئاق غوجىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئىسمالخاننىڭ ئائىلە تاۋاباتى ۋە بارلىق سەئىدىيە خان جەمەتىنى ئىلىغا سۈرگۈن قىلغان.
1524-يىلى قۇرۇلۇپ 1680-يىلىغىچە 156يىل ھۆكۈم سۈرگەن سەئىدىيە خانلىقى شۇنىڭ بىلەن تارىخ سەھنىسىدىن مەڭگۈلۈك يوقالغان.