سىر ھەققىدە غەزەل
مۇھەممەتجان راشىدىن
سىر بېرىپ، سىر سورىغانغا سۆزلىگەن ئەخمەق ئېرۇر ،
رەقىبىڭ قەستى سىرىڭنى سىنچىلاپ ئۇخماق ئېرۇر.
شۇ ئەيىبتىن يەتتى باشقا كۆپ نادامەتلەر بۈگۈن،
ئەمدى بىلدىم ؛ياخشى خىسلەت -دىلنى سىر تۇتماق ئىرۇر .
ئۈلپىتىڭ نائەھلى كەلسە،ئۆلگىنىڭ شۇدۇر تىرىك،
لازىمى ھەر دوستقا ئەقىلىڭ كۆزىدە باخماق ئېرۇر.
بەدنىيەت ئۈلپەتلىرىڭدىن سەن ئۈچۈن كەلمىش "ۋاپا"،
ئاقىۋەت بىر كۈن كېلىپ باشىڭغا ئوت ياخماق ئىرۇر .
نەپسى دوست تائىپلىرىڭ ھەقدا تائامىڭغا سېنىڭ،
گەر بېشىڭغا چۈشسە كۈن،سەندىن بەتتەر قاچماق ئېرۇر.
بىر بوۋاي ئۆمرى ئۈچۈن ئۇشبۇ جاھانمۇ ئاز ئەمەس ،
ئەمما ئىنسان ئۆمرى گويا كۆكتىكى چاخماق ئېرۇر.
شۇندىمۇ قانداق ياشاشنىڭ ئىزدىسەڭ ئۆز يولى بار،
ئۆلچىمى ئۆلمەس ئۆمىرنىڭ ياخشى نام تاپماق ئېرۇر .
ياخشى نام ۋە ياخشى دوست جۈپ كەلگىنى دۆلەت ساڭا،
ياخشى دوست كۈلكەڭگە خوش ،دەرت كەلسە تەڭ تارتماق ئېرۇر .
ياخشى دوست ياقۇت ئېرۇر ،دوزاىتىمۇ ھەمراھ ساڭا ،
سەن ئاقار دەريادا سەنچۈن ئۇ ئۆزى ئاقماق ئېرۇر.
بايقىماي باسقان ئاياق ھەم پەملىمەي بەرگەن سىرىم ،
گۆر كولاپ مەنچۈن بۈگۈن دەھشەت ئىشىك ئاچماق ئېرۇر.
1968-يىل غۇلجا
[qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-27 16:23:00]