ھايات دىگەن مانا شۇ
تۇرۇۋالدىڭ چۈشەندۈر دەپ ھاياتنى ،
نىمە دەيمەن، يەنە دىسەم يەنە شۇ!
كەلمىدۇقمۇ ئەتە ئۈچۈن ئات چېپىپ،
مەنچە بولسا ،ھايات دىگەن مانا شۇ!
ئاھ ئۇرىسەن ئارمىنىڭغا يېتەلمەي،
يا ئارزۇيىڭ ئىشىكىدىن كېتەلمەي .
زارلىنىسەن بىرنى ئىككى ئېتەلمەي ،
مەنچە بولسا ،ھايات دىگەن مانا شۇ!
دۇرۇس تەبىر؛«ئۆمۈر-- ئاتقان ئوق!»دىگەن،
بۇ ئالەمگە قانغان كىشى يوق،دىگەن .
بىرلىرى ئاچ،بىراۋلىرى توق ،دىگەن،
مەنچە بولسا،ھايات دىگەن مانا شۇ!
شائىر يازار:ئۇلۇغ ئىنسان ئانا!دەپ،
ئانا ئۆتەر بۇ دۇنيادىن بالا! دەپ،
بالا كۆزى تەلمۈرىدۇ دالا دەپ،
مەنچە بولسا، ھايات دىگەن مانا شۇ!
بېسىلمايدۇ تىرىكلىكنىڭ ۋاڭ-چۇڭى،
بىلەلمەيسەن نەدە ئۇنىڭ تەڭپۇڭى؟
كىچىكلەرنى بوزەك قىلار ئەڭ چوڭى ،
مەنچە بولسا، ھايات دىگەن مانا شۇ!
گاھ ئېتىزدا ئارپا،بۇغداي تېرىيسەن،
گاھ بازغاندا غۇلىچىڭنى كېرىيسەن،
تىرىكچىلىك ھارۋىسىدا قېرىيسەن،
مەنچە بولسا،ھايات دىگەن مانا شۇ!
[qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 20:02:29]