بىللىدۇر
مۇھەممەتجان راشىدىن
ياخشى جۈپلەر بىر ئۆمۈر مەنزىل قاراردا بىللىدۇر،
رىزقى ھەم بىر بۇردا نان، بىر تال ئاناردا بىللىدۇر .
تەڭ تۇرۇپ تاغنى كۆتۈرمەككە يەنە تەييار ئۇلار،
بىر ئوچاقنى تەڭ ياساپ، ئوتنى قالاردا بىللىدۇر.
جەندە كىيگەندە قەدىردان، بىر كېپىشنى تەڭ سۆرەپ،
ياخشى جۈپلەر ياخشى كۈن ، دۇردۇن-تاۋاردا بىللىدۇر .
يوق ئۇلاردا كەمبەغەللىك باسسىمۇ ئاسىي كۆڭۈل،
تاپقىنى تەڭ ئۆلگىچە، دوللار ساناردا بىللىدۇر.
ئاتىلار ئۇندا ئەبەت، چۈشمەس ئەزىزلىك تەختىدىن ،
كەتسە دۇنيادىن بىرى، يىغلاپ ماڭاردا بىللىدۇر.
ئانىلار ئاندىن قەدىرلىك ياخشى جۈپلەر قەلبىدە،
ياغ يىسە تەڭ يەپ، يەنە ياغلىق تاڭاردا بىللىدۇر .
ئەر دىگەن شەيتان تۈپەيلى بىۋاپالىق قىلمىسا،
يېنىدا مەھبۇبىسى خامان ئالاردا بىللىدۇر.
كەچمىسە مەھبۇبلار ئەسلا ساداقەت باغىدىن ،
ئەرلىرى قايناپ قازان، ئاشنى سالاردا بىللىدۇر.
ياخشى جۈپلەرنىڭ يۈرىگى، مەڭگۈلۈك بىر رىشتىدە،
ھازىلارغا تەڭ بېرىپ ، تويدىن ياناردا بىللىدۇر.
بېشىدا ئەگىپ يۈرەر، ھەر كۈن پاراغەتنىڭ قۇشى،
ياخشى جۈپلەر بارچە قىش ، بارچە باھاردا بىللىدۇر.