تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› جەمئيەت ›› شىركەتلەر ›› گوگىل شىركىتى= Google inc
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    siddiq
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 2
    siddiq@qq.com

    يازما سانى : 0
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    گوگىل شىركىتى= Google inc

          زامانىۋى شىركەتلەر قاتارىدىكى مۆجىزە دەپ نام ئالغان گۇگىل شىركىتى (Google Inc) ئەسلى كالىفورنىيەدىكى ستانفورد ئۇنۋېرىستېتىنىڭ كومپيۇتېر كەسپىنىڭ ئىككى دوكتۇر ئاسپىرانتى -يەھۇدى ئوقۇغۇچى لارى پېيج (Larry Page ) ۋە سېرگېي برىن(Sergey Brin)لارنىڭ 1996-يىلى يانۋاردىكى بىر تەتقىقات تۈرى ئاساسىدا 1998-يىلى 27-سېنتەبىر كىرىمنى جىلغىسدا قۇرۇلغان .
        قۇرۇلغىنىغا نەچچە يۈز يىل بولغان دۇنياۋى كۈچلۈك شىركەتلەرنىڭ ئەكسىچە قۇرۇلغىنىغا 10 يىلمۇ بولمىغان ۋاقىت ئىچىدە گوگىلنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ گوگىل بېتىنىڭ زىيارەتچى سانى تۈز سىزىق شەكلىدە ئۆرلەپ كۈندىلىك زىيارەتچى 300مىلىيۇن قېتىمدىن ئېشىپ كەتتى.  شىركىتىنىڭ مەبلىغى 10مىليارت دوللارغا يەتتى، گوگىل تور نامىمۇ 122دۆلەت ۋە رايوندا تىزىمغا ئېلىنىپ دۇنيادىكى ئالدىنقى 3-ئورۇندا تۇرىدىغان تور بېكەتكە ئايلىنىش بىلەن بىرگە، گوگىل شىركىتىنىڭ بازار قىممىتى Intel ۋە  IBM دىن ھالقىپ ئۆتۈپ دۇنيادىكى ئەڭ ياش ۋە ئەڭ كۈچلۈك تېخنىكا شىركەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
       گوگىلنىڭ 2006-يىلىدىكى تىجارەت سوممىسى 6مىلىيارت بىر يۈز مىلىيۇن دوللار، پايدىسى بىر مىلىيارت 400مىلىيۇن دوللار، مەبلىغى 10مىليارت دوللاردىن ھالقىغان بولۇپ دۇنيادىكى مەبلەغ ۋە پايدا نىسبىتىنىڭ پەرقى ئەڭ چوڭ شىركەت بولۇپ قالدى.
       گوگىل قۇرۇلغان ۋاقىتلاردىكى باشقا مەۋجۇت ئىزدەش موتورلىرى تور بەتلىرىنى مەلۇم ئىزدەنگەن سۆزنىڭ ئاشۇ تور بەتلىرىدىكى ئۇچراش قېتىم سانىغا ئاساسەن دەرىجىگە تۇرغۇزغان بولۇپ، ئىزدەش نەتىجە بەتلىرى مۇشۇ دەرىجىگە ئاساسەن تىزىلاتتى.بۇ ئىككى دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار بۇنداق ئۇسۇلنى ئىلمىي ئەمەس دەپ قارايتتى ۋە تور بەتلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئانالىز قىلغان ئىزدەش موتورلىرى تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ دەپ قىياس قىلىشاتتى. ئۇلارنىڭ دەسلەپتە ياسىغان ئىزدەش موتورى دەسلەپتە BackRub (دۈمبە قاشلاش) دىگەن لەقەم بىلەن ئاتالغان بولۇپ، بۇنىڭدىكى سەۋەپ، بۇ سېستىما «ئارقا ئۇلانما» لارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، شۇ بەتنىڭ مۇھىملىقىنى مولچەرلەيتتى. (باشقا بەتلەردىن مەزكۇر بەتكە كەلگەن ئۇلانما backlink «ئارقا (تەتۈر) ئۇلانما» دەپ ئاتىلىدۇ.)     باشقا ئىنتايىن مۇناسىۋەتلىك تور بەتلىرىدىن مەزكۇر بەتلەرگە ئەڭ كۆپ ئۇلانمىسى بار بەتلەرنىڭ ئىزدەشكە ئەڭ مۇناسىۋەتلىك بەتلەر ئىكەنلىگىگە ئىشەنگەن لارى بىلەن سېرگېي بۇ ئويۇنى ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇش-تەتقىقاتلىرىنىڭ بىر بۆلىكى دەپ قاراپ سىناپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىزدەش موتورىنىڭ ئاساسىنى تىكلەيدۇ.بۇ ئىزدەش موتورى دەسلەپتە google.stanford.edu دەپ ستانفورد ئۇنۋېرىستېتىنىڭ تور پونكىتىنى ئىشلەتكەن. google.com دىگەن ئادرېس 1997-يىلى 14-سېنتەبىر تىزىمغا ئالدۇرۇلغان بولۇپ، كېيىن بۇ 1998-يىلى 7-سېنتەبىردە، كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ مېنلو پارك شەھرىدىكى بىر دوستىنىڭ ماشىنا قويۇش ئۆيىدە گۇگىل شىركىتى دەپ مەيدانغا چىقىدۇ. يېڭى شىركەت ئۈچۈن توپلانغان دەسلەپكى دەسمى ئاخىرى 1.1 مىليون دوللارغا يېتىدۇ. بۇ پۇلنىڭ ئىچىدە Sun Microsystems (سان (قۇياش) مىكرو سېستىمىلىرى) شىركىتىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرىنىڭ يۈز مىڭ دوللار پۇلىمۇ بار ئىدى. ھازىر گوگىلنىڭ بازار قىممىتى يۈز مىليارت دوللاردىن ھالقىش بىلەنلا قالماي يەنە داۋاملىق ئۆرلەۋاتىدۇ. ئەينى چاغدا مىڭ دوللارغا گوگىلنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋالغانلار ھازىر مىليادىرلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.
     شىركەت قۇرغۇچىسى  لارى پېيج (Larry Page)  ۋە سېرگېي برىن(Sergey Brin)لارنىڭ ھەر قايسىسى 17مىلىيارت دوللارلىق مال-مۈلكى بىلەن  ئاللىبۇرۇن  دۇنيادىكى 25-باي بولۇپ قالدى .
       گوگىلنىڭ تور بېتى :http://www.google.com/
    گوگىلنىڭ ناسداك پاي چېكى بازىرىدىكى بەلگىسى: GOOG

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2007-9-4 19:41:00
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 553
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证