تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    YultuzAy
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13530
    yultuzay@msn.com

    يازما سانى : 297
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-2-24 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    كۆڭۈلدىكىدەك ئەر

      كۆڭۈلدىكىدەك ئەر

     

      بىر كۈنلۈك سىتاتىسكا دەرسىدە «مۈمكىنلىك» سۆزلەندى. پروفېسسور بىز ھازىر يالغۇز قىزلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تىلغا  ئېلىپ «ئەمدى  بىز قانداق ئەر ئەڭ مۇكەممەل ئەر ھىساپلىنىدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا سىز قانداق ئەرگە ياتلىق بولۇشنى ئويلايسىز، دىگەن تېمىدا بىر تەجرىبە ئىشلەپ قانچىلىك ئەر ئىچىدىن ئاشۇنداق بىر ئەرنىڭ چىقىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى» دىدى.
        سىنىپ ئىچى بىردىنلا جانلىنىپ، بارلىق قىزلار ھاياجان بىلەن سۆزلەپ كەتتى:
        _ باي ئەر بولۇشى كېرەك، يىلىغا ئاز بولغاندا 100 مىڭ يۈەن تاپالايدىغان بولۇشى كېرەك.
        ‏_ تەخمىنەن 30ئەر ئىچىدىن بۇنداق ئەردىن بىرى چىقىشى مۈمكىن...
      پروفېسسور دوسكىغا كۈچەپ تۇرۇپ 1/30 دەپ يازدى.
       _ قامەتلىك، قاملاشقان بولۇشى كېرەك،- دىدى پاكار، دوغىلاق كەلگەن بىر قىز.
       _ بۇنداقلار 50نىڭ ئىچىدىن بىرى چىقىشى مۈمكىن،ـ دىدى يەنە بىر قىز.
       _ ئەللىكتىن بىرى دەمسىز؟ سەل كەڭرەك قىلىپ يىگىرمىدىن بىرى دەپ ئالايلى،ـ دىدى پىراففېسور كۈلۈپ تۇرۇپ.ئارقىدىن دوسكىغا1/20 دەپ يازدى.
    كۆپچىلىك كەينى-كەينىدىن «جەلىپكار، رومانتىك، مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشكەن، ساغلام» دىگەندەك شەرتلەتنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭغا ماس سانلار ئايرىم ئايرىم ھالدا 1/20,1/40,1/30,1/1/30,1/1 دىگەنلەرگە توغرا كەلدى. شۇ چاغدا ئارقىدىن بىر قىز« ساداقەتمەن بولۇشى كېرەك!» دەپ توۋلىدى، ئاخىرىدا بۇنىڭغا ماس كېلىدىغان سان 1/60 بولدى.
       _ ئۇلار ساراڭ بولۇپ قاپتۇ دىدى پارتىدىشىم، ئەرلەرگە بۇنداق تەلەپ قويغىنى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ قانچىلىك ئادەم ئىكەنلىكىنىمۇ ئويلىشىپ قويسا بولىدۇ.
       پروففېسور دوسكىغا مۇنداق ھىساپلاش ئۇسۇلىنى يازدى20x1/40x1/30x1/30x1/20x1/30 بۇنىڭ نەتىجىسى 2592000/1 بولۇپ چىقتى.
       _ بۇنداق ئەرنى تېپىش لاتارىيە بېلىتىدە مۇكاپات چىقىشتىنمۇ قىيىن ،-دىدى پروفېسسور كۈلۈپ تۇرۇپ،-مەسىلە تەلىيىڭىز ئوڭدىن كېلىپ، ئاشۇنداق ئەرگە يولۇققان چېغىڭىزدا ئۇ ئەرنىڭ سىزنى ياخشى كۆرۈش-كۆرمەسلىك نىسبىتى قانچىلىك بولىدۇ؟
       سىنىپ ئىچى بىر پەس جىمجىتلىققا چۆمۈپ-ئارقىدىن كۈلكە كۆتۈرۈلدى...



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2007-6-30 22:36:00
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 676
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证