تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   بىلىۋېلىڭ ›› قىزىق نۇقتىلار ›› 2009-يىللىق قىزىق نۇقتا ›› كوسوۋونىڭ يېڭى ۋەزىيىتى
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
كوسوۋونىڭ يېڭى ۋەزىيىتى
ayturk
سېنىيور
دەرىجىسى : 4
جۇغلانما نۇمۇر : 11500
416969010@qq.com

يازما سانى : 19
باھا يازما سانى : 0
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق

    6-ئاينىڭ 29-كۈنى ئىيۇن كوسوۋونىڭ شىمالىدىكى مىتروۋىچا بازىرىدا سېربىيىنىڭ بايرىقى لەپىلدىدى. شۇكۈنى سېربلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بۇ رايون كوسوۋو پارلامېنتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا پىسەنت قىلماي، ئۆزلىرىنىڭ پارلامېنتىنى سايلىدى، بۇ پارلامېنت باياناتىدا «ئاپتونوم ئۆلكە-كوسوۋودا سېربىيە جۇمھۇرىيىتى»گە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. كوسوۋو پىرىزدېنتى ئىغۋاگەرچىلىك ۋە كەمسىتىش تۈسىنى ئالغان بۇ ھەرىكەتنى سېربلار كەشپ قىلغان «تەقلىدىي رېئاللىق»دېدى. ۋەھالەنكى، كوسوۋودىن ئىبارەت مۇستەقىل بولۇپ تۆت ئايدىن بۇيان ئاران 43 دۆلەت ئېتىراپ قىلغان، ئاساسلىق ئىككى مىللەت سېربلار بىلەن ئالبانلار ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئاداۋەتلىشىپ كەلگەن، يۇگوسلاۋىيە دەۋرىدە ئىقتىسادى ئارقىدا قالغان، ھازىرغا قەدەر %37 كىشى نامراتلىق چېكىدىن تۆۋەن سەۋىيىدە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان بۇ دۆلەتنىڭ«ھەقىقىي رېئاللىقى»زادى قانداق؟
    خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى «تىنچ، ئەمما مۇقىم ئەمەس»
    كوسوۋو 2008-يىلى 17 –  ئىيۇن ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىدى، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتىپاقىدىكى مۇھىم دۆلەتلەر ئەتىسىلا ئېتىراپ قىلدى. 15 – ئىيۇل كوسوۋونىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇنى كۈچكە ئىگە بولۇپ، خەلقئارا جامائەتچىلىك كوسوۋو «خەلقئارانىڭ نازارەتچىلىكىدە ماھىيەت خاراكتېرلىك مۇستەقىللىق باسقۇچىغا قەدەم قويدى» دەپ تەبىر بەردى. ئەمما ب د ت نىڭ باش كاتىپى بانكىمون 16 – ئىيۇن مۇنداق تەكىتلىدى: كوسوۋو مۇستەقىل بولغان بولسىمۇ،  ب د ت ئالاھىدە ئۆمىكىنى قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدۇ.  ئېيتىشلارغا قارىغاندا، كوسوۋو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئاران يەتتە خىزمەتچىسى، سەككىز تاشقى ئاپپاراتى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچى ب د ت نىڭ باش شتابى نيۇ – يورك، جەنۋە ۋە ۋېنادا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئورگىنى ھەم  لوندون، پارىژ، بېرلىن، رىم ۋە بريۇسسېلدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدىن ئىبارەت. ھازىر گەرچە ياۋروپا ئىتىپاقى كوسوۋو ئۈچۈن 50مىڭ كىشىلىك دۆلەت مەمۇرىلار قوشۇنى تەربىيىلەپ بېرىشنى ئۈستىگە ئالغان بولسىمۇ، يەنىلا قايتقان سېربلارنىڭ  ھوقۇقىنى قولغا ئالىدىغان  قابىلىيەتلىك كوسوۋولۇقلار ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولماقتا، كوسوۋو مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن،  43 دۆلەت ئۇنى ئېتىراپ قىلدى، سېربىيە ۋە روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۇنىڭ مۇستەقىل بولۇشى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ دەپ ئەيىبلىدى.
   كوسوۋو ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ش ئا ئە ت  رەھبەرلىكىدىكى كۆپ دۆلەت قوشۇنى كوسوۋوغا كىردى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋەزىيەتنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۇ يەردە تۇرۇشلۇق ھەربىيلەر 50 مىڭدىن 16 مىڭغا ئازايتىلدى. ھازىر فرانسىيە ئارمىيىسى تۇرۇۋاتقان سېربىيە بىلەن چېگرىداش شىمالىي رايوننىڭ ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي بولغاندىن سىرت، باشقا رايونلار ئاساسەن تىنچ. مۇخبىر بۇ قېتىمقى سەپىرىدە كوسوۋونىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى پرىزرېن شەھىرىنى زىيارەت قىلدى. بۇ يەردە تۇرۇشلۇق گېرمانىيە فېدېراتسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۇلتىس مۇنداق دېدى: بۇ رايون «تىنچ، ئەمما مۇقىم ئەمەس». ئۇ مۇخبىرغا بۇنىڭدىن تۆت يىل ئىلگىرىكى ئىشلارنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: بۇ يەرنىڭ خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى نورماللاشقانىدى، بىر كۈنى كەچتە  پرىزرېندا سېربلارنىڭ نەچچە ئالبان بالىنى ئۆلتۈرۈپ، سۇغا غەرق قىلىۋەتكەنلىك خەۋىرى تارقالدى، غەزەبلەنگەن ئالبانلار شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى پراۋىسلاۋىيە دىنىدىكىلەرنىڭ چېركاۋى پەرىشتىلەر قەلئەسىگە توپلىشىپ، يەتتە روھانىينى قوغلىۋېتىپ، 700 يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە بۇ چېركاۋنى كۆيدۈرۈۋەتتى. ھازىر پرىزرېن شەھىرىنىڭ 170 مىڭ نوپۇسىنىڭ %81 ى ئالبان، 36مىڭى سېرب بولسىمۇ، ئۇ يەردە تۇرۇشلۇق ھەربىيلەر يەنىلا ھوشيار بولغان، چۈنكى، بۇ 36مىڭ كىشى ئۇلارنىڭ ئەڭ قاتتىق قوغداش ئوبيېكتى ئىدى.

بەش يىلدا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولامدۇ؟
   تارىختىن بۇيان، كوسوۋودا ئالبانلار بىلەن سېربلارنىڭ قايسىسىنىڭ «ئازسانلىق» ئىكەنلىكى ئېنىق بىرنېمە دېگىلى بولمايدىغان مەسىلە بولۇپ كەلگەن بولسا كېرەك. مىلادى 8-ئەسىر سېربلار بۇ يەرگە كېلىشتىن ئىلگىرى ئالبانلار بۇ يەنىڭ خوجايىنى ئىدى، 12 –  ئەسىر كوسوۋو سېربلار تۇرۇشلۇق جاي بولۇپ، ئۇلار بۇ يەردە ياشىغان ھەم نۇرغۇن داڭلىق دىنىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشلىرىنى قالدۇرغان، ئوسمان تۈرك  ئىمپېرىيىسى كوسوۋونى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن،  زور تۈركۈمدىكى سېربلار بۇ يەردىن ئايرىلىپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئالبانلار بۇ يەرنى ئىشغال قىلىۋالغان. 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن  كېيىن، كوسوۋو سېربىيەگە ئايرىپ بېرىلىپ، سېربلار قايتىدىن ھۆكۈمرانلىق ئورۇنغا ئۆتكەن، كوسوۋو ئۇرۇشىدىن كېيىن، سېربلار يەنە قېچىپ كەتكەن. ھازىر كوسوۋودىكى 2 مىليون نوپۇسنىڭ %90 ى ئالبان بولۇپ، سېربلار يۈز مىڭغىمۇ يەتمەيدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كوسوۋونىڭ شىمالىدىكى سېربىيەگە چېگرىداش رايونلاردا تۇرىدۇ.
   15 –  ئىيۇن كوسوۋونىڭ ئاساسىي قانۇنى كۈچكە ئىگە بولغان كۈنى، ئامېرىكىنىڭ «خەلقئارا پېشۋالار مۇنبىرى» گېزىتىدىكى ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: خەلقئارا جەمئىيەت ناھايىتى تەستە كوسوۋودىكى كۆپ سانلىق ئالبانلار بىلەن ئازسانلىق سېربلار ئوتتۇرىسىدىكى ئاجىز تىنچلىقنى ساقلىماقتا. دەرۋەقە بۇ ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ناھايىتى سۇس. ئۇلار ئوخشاشمىغان تىلنى قوللىنىدۇ، ئوخشاشمىغان دىنغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۆزئارا نىكاھلاشمايدۇ. پرىزرېن شەھىرىدە بىر سېرب مۇخبىرغا: ئالبانلارنىڭ كۆپىنچىسى بىز بىلەن ئالاقىلىشىشنى خالىمايدۇ، دېسە، يەنە بىر سېرىپ: مەن ئالبان دوستلىرىم بىلەن يوشۇرۇن كۆرۈشىمەن، ئەمما ئاشكارا سورۇنلاردا ئۇلار بىلەن تونۇشمىغان قىياپەتكە كىرىۋالىمەن، دېدى.
   ئالبانلارنىڭ مىللىي ھېسسىياتى ناھايىتى كۈچلۈك، ئالبانلارنىڭ مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش مۇساپىسىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، كوسوۋودا بارغانسېرى كۆپ تارىخىي يادىكارلىقلار يوقاشقا باشلىدى، ئەڭ گەۋدىلىك بولغىنى كوسوۋودا مەسچىت بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىدى. پرىشتىنا كوچىلىرىدا تېتونىڭ ھەيكىلىنى ئۇچراتقىلى بولماي، ئۇنىڭ ئورنىنى سابىق كوسوۋو زۇڭتۇڭى، «دۆلەت ئاتىسى ئىبراھىم رۇگېرۋا» ۋە «كوسوۋو ئازادلىق ئارمىيىسى» نىڭ رەھبىرىنىڭ ھەيكىلى ئىگىلىدى.
   كوسوۋونىڭ ئەمەلدارى ئاپرېلدا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مۇتلەق ئالدىن ئويلىشىدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى، بۇ مۇسۇلمانلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان بۇ دۆلەتنى ياۋروپا ئىتتىپاقى قوبۇل قىلارمۇ؟ غەربنىڭ كوسوۋودا تۇرۇشلۇق دىپلوماتى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:  كوسوۋودا ئاران 2 مىليون نوپۇس بار، ھازىر فرانسىيە، گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق مۇسۇلمانلار بۇنىڭدىن كۆپ.
ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى ياخشىلاش تەس
   ئالبانلار بىلەن سېربلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنى تۈگىتىش تەس بولۇشتىن سىرت، مۇستەقىللىقتىن كېيىنكى كوسوۋودا يەنىلا نۇرغۇن يوشۇرۇن غەم  –  ئەندىشە ساقلانماقتا.  ئىقتىسادنىڭ ئاجىز بولۇشى كوسوۋوغا نىسبەتەن  ئېھتىمال ئەڭ كەسكىن سىناق بولسا كېرەك.
   ب د ت ئالاھىدە ئۆمىكى، ياۋروپا  خەۋپسىزلىك تەشكىلاتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى  ۋە 1200 دىن ئارتۇق كوسوۋودا تۇرۇشلۇق ھۆكۈمەت ياكى غەيرىي ھۆكۈمەت ئاپپاراتى كوسوۋولۇقلارنى خېلى كۆپ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، لېكىن شۇنداقتىمۇ بۇ دۆلەتنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى%50 كە يەتتى. ئەڭ يېڭى سانلىق  مەلۇماتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، كوسوۋودا  ئەمگەك ئىقتىدارى بار قۇرامىغا يەتكەنلەر تەخمىنەن 1 مىليون كىشى بولۇپ، ئىش ئورنىدىن ئاران 325 مىڭى بار ئىكەن. دۇنيا بانكىسىنىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، %37 كوسوۋولۇق نامراتلىق چېكىدىن تۆۋەن سەۋىيىدە تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن، %15 كىشى بەك نامرات ئىكەن. پىرىزرېن شەھەر مەركىزىدە دۇكان ناھايىتى ئاز ئىكەن، مۇخبىر بىر يان تېلېفون دۇكىنىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا بىرمۇ خېرىدار ئۇچراتمىدى، يان تېلېفون سېتىۋېلىش ئادەتتىكى كوسوۋولۇقلارغا نىسبەتەن بەك چوڭ  ئىش. بىراق ئەتراپتىكى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا ئادەم كۆپ ئىكەن، كوسوۋودا دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ناھايىتى مول ئىكەن. نۇرغۇن كوسوۋولۇق تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن، غەربىي ياۋروپا ياكى سلوۋېنىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ مەدىكارلىق قىلىدىكەن. پىرىزرېن شەھىرىنىڭ 59 ياشلىق  ئاھالىسى يېرىكىۋىچ مۇنداق دېدى: ئىككى ئوغلۇم ئىتالىيىنىڭ مىلان شەھىرىدىكى بىر بولكىخانىدا ئىشلەيدۇ، ئايدا ئۆيگە 500 ياۋرۇ ئەۋەتىدۇ، بۇ پۇل بولمىسا قانداقمۇ كۈن كەچۈرگەن بولاتتۇق. مەملىكەت ئىچىدىكى چوڭ شەھەرلەردە قالغان كوسوۋولۇقلار ئۆيلىرىنى ئىجارىگە بېرىپ ياكى ئۇششاق تىجارەتكە تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، %70 كوسوۋولۇق پاكىز سۇ ئىچەلمەيدىكەن.

ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولۇش خەتەرلىك ئۈلگە تىكلەپ بەردى
   56 ياشلىق ھانىس دېت ئىسترايىن باخ ئاپرېلدىن باشلاپ گېرمانىيىنىڭ كوسوۋودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولدى، ئىلگىرى ئۇ گېرمانىيىنىڭ رۋاندادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئىدى. مۇخبىر ئۇنىڭدىن ياۋروپا ئىتىپاقى 1994 –  يىلى ئارىلاشماسلىق سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، رۋاندادىن چېكىنىپ چىقىشى بىلەن، 1 مىليون رۋاندالىقنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە سەۋەبچى بولغان، نېمە ئۈچۈن ھازىر كوسوۋوغا تۈپتىن ئوخشىمايدىغان دىپلوماتىيە سىياسىتى قوللىنىپ، ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر ئارىلىشىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېدى: ياۋروپانىڭ ئافرىقا ۋە ياۋروپادىكى مەنپەئىتى ئوخشاشمايدۇ، كوسوۋو ئايرىم مىسال، دېدى.
   دەل كوسوۋودىن ئىبارەت بۇ «ئايرىم مىسال» خەلقئارادا خەتەرلىك مىسالغا ئايلاندى، بالقان رايونىغا نىسبەتەن، كوسوۋونىڭ مۇستەقىل بولۇشى بۇ رايوننىڭ مۇرەككەپ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى. سېربىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەنە بىر ئاپتونوم ئۆلكىسى  ۋويۋودىنانىڭ باشقا مەقسەتتىكى ھەرىكىتى كۆپىيىۋاتىدۇ، ئەگەر ئۇلارمۇ كوسوۋونى دورىسا، سېربىيە جۇمھۇرىيىتى %40 زېمىنىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. سېربىيەگە قوشنا ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتىدە نوپۇسنىڭ %25 ىنى ئىگىلەيدىغان ئالبانلار مۇستەقىل ھاكىمىيەت قۇرارمۇ؟ كوسوۋونىڭ شىمالىدىكى يۈزمىڭدىن كۆپ سېرب كوسوۋودا مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلارمۇ؟ نەزەرىمىزنى يەنىمۇ يىراقراق تىكسەك، روسىيە بىلەن يامانلىشىپ قالغان گرۇزىيىمۇ ئابغازىيە، شىمالىي ئوسسېتىيىنىڭ مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە.  كوسوۋونىڭ مۇستەقىل بولۇشى بىلەنلا ھەممە ئىش پۈتكىنى يوق، ئەكسىچە، كەلگۈسىگە نۇرغۇن مەسىلە قالدۇردى.


مۇھىم خەتكۈچلەر :
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2007-6-25 18:58:00 باھا : 0 كۆزىتىش : 116
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证