تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› باشقا شەخسلەر ›› دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن يۈز مەشھۇر شەخس
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن يۈز مەشھۇر شەخس
YultuzAy
كاپىتان
دەرىجىسى : 2
جۇغلانما نۇمۇر : 13001
yultuzay@msn.com

يازما سانى : 265
باھا يازما سانى : 0
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق

 

دوكتۇر ۋىليام خارتنىڭ كىرىش سۆزى

   ۋولتايرې ئۆزىنىڭ «ئەنگىلىيە بىلەن ئالاقە» دىگەن كىتابىدا، 1726-يىلى ئۆزى ئەنگىلىيەدىكى مەزگىلدە بىر قىسىم ئالىملارنىڭ «دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ شەخس كىم؟ كايزارمۇ؟ ئالىكساندېرمۇ؟ ۋە ياكى چىڭگىزخانمۇ؟ ياكى كىرومۋېلمۇ ؟» دىيىشكەنلىكىنى، ئارىدىن بىر ئالىم چىقىپ« شۈبھىسىزكى نىيۇتۇن ئەڭ ئۇلۇغ شەخس» دىگەنلىكىنى تىلغا ئالغان، ۋە ئۆزى بۇ قاراشقا قوشۇلۇپ« نىيۇتۇن قورال كۈچى ئارقىلىق بىزنى قۇل قىلغان بولماستىن، بەلكى ھەقىقەت ۋە ئىلىم پەننىڭ كۈچى ئارقىلىق كۆزىمىزنى ئېچىپ كاللىمىزنى ئىدارە قىلغان » دىگەن ئىدى.

    تارىخنى ئەڭ قىسقا ۋە ئەڭ ئىلمى يوسۇندا شەرھىلەشنىڭ شەكلى بولغان شەخسلەرگە باھا بېرىش بىر ئۈنۈملۈك تەپەككۈر ئۇسۇلى.   چۈنكى بۇ يەردىكى شەخسنىڭ ئىنسانىيەتكە بولغان تەسىرى تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈشنىڭ ئاساسى شەرتى، بىراق بۇ تىزىملىكتىكى شەخسلەرنىڭ ھەممىسىلا ياخشى ئادەم ئەمەس، بۇلارنىڭ ئىچىدە ھەتتا پىت ۋە چۈمىلىنى ئۆلتۈرۈشكە قارشى تۇرىدىغان جىنا دىنىنىڭ پەيغەمبىرى ماخاۋىرادىن تارتىپ قانخور جاللات پېزاررو ۋە گېتلىرغا ئوخشاش ئالۋاستى شەخسلەرمۇ بار. مەن كىتاپخانلارنىڭ مېنىڭ باھا بېرىش شەكلىمدىن پايدىلىنىپ شەخس ۋە تارىخى مەسىلىلەر ھەققىدە كەڭ قوساقلىق بىلەن ئەتراپلىق پىكىر قىلىشقا ئادەتلىنىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن.
   يەنە مەسىلەن دۇنيادا خىرىستىئانلار مۇسۇلمانلاردىن كۆپ بولسىمۇ ۋە تارىختىن بۇيان خىرىستىئانلارنىڭ دۇنياغا كۆرسەتكەن تەسىرى مۇسۇلمانلارنىڭكىدىن كۆپ بولغان بولسىمۇ ،مەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلامنى ئىيسا ئەلەيھىسسەلامنىڭ ئالدىغا تىزدىم. چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلامنىڭ ئىسلام دىنىنى بەرپا قىلىشتىكى تۆھپىسى شەخسەن ئىيسا ئەلەيھىسسەلامنىڭ خىرىستان دىنىنى بەرپا قىلىشتىكى تۆھپىسىدىن چوڭ بولدى. چۈنكى قۇرئان ۋە ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئاساسىنى ئاساسەن  مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلام ئۆزى رەتكە تۇرغۇزغان. بىراق ئىنجىل ۋە خىرىستان دىنى ئىيسا ئەلەيھىسسەلامدىن كېيىنكى ھاۋارىيۇن پائۇل قاتارلىقلارنىڭ تۆھپىسى بىلەن رەتكە كىرگۈزۈلگەن ۋە كېڭەيگەن.
    ئاياللار ئازادلىقى، قورال ياراقلارنىڭ تەرەققىياتى، ھىندى دىنىنىڭ باش كۆتىرىشى قاتارلىق بەزى ھەركەتلەرنىڭ قاتناشقۇچىلىرى بەك كۆپ بولغاچقا  ئۇلارنىڭ بىرەرىنى بۇ شەخىسلەر ئىچىگە تىزىش ئىمكانىيىتى بولمىدى.
    ئاياللارنىڭ ئىنسانىيەت جەمىيىتىدىكى تۆھپىسى بەك زور بولسىمۇ بىراق بۇ كىتاپتىكىسى پەرەز ۋە ھىسىيات ئەمەس بەلكى پاكىت تەلەپ قىلىدىغان رەت تەرتىپ بولغاچقا ئىككى پادىشاھتىن باشقا ئايالنى كىرگۈزۈش ئىمكانى بولمىدى، مەن ئاياللارنى ھۆرمەتلەيمەن بىراق بۇ ھەرگىز مېنىڭ رايىم ئەمەس، بەلكى تارىخ.
   «دۇنيا تارىخىغا تەسىر كۆرسەتكەن يۈز مەشھۇر شەخس» ئەمەلىيەتتە فىزىكا دوكتۇرى مىخائىل خارت 30 يىلدىن بۇيان تەتقىق قىلىپ ، پىكىر ئېلىپ ئېلان قىلغان 3- قېتىملىق رەت تەرىپ بولۇپ، دۇنيانىڭ تارىخى ۋە كىشىلەرنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئىدىيە، تۇرمۇش ئۇسۇلى، دۇنيانىڭ سىياسى خەرىتىسىنىڭ ئۆزگىرىش جەريانىنى بىلگىلى ۋە بۇ جەريانغا تەسىر كۆرسەتكەن شەخسلەر ھەققىدە ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولغىلى بولىدىغان مۇھىم بىر ئۇچۇر. كېسىپ ئېيتالايمىزكى بۇ تەرتىپنى چوقۇم بىلىش شۇنداقلا بۇ تەرتىپتىكى شەخسلەرنىڭ تەرجىمھالى نەتىجىسىدىن خەۋەردار بولۇش مۇشۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ھەر بىر ئادەم ئەڭ ئەقەللى ئىگەللەشكە تېگىشلىك ساۋات بولۇپ قالدى.
  1. مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلام
  2. نيۇتۇن
  3. ئىيسا ئەلەيھىسسەلام
  4. ساكيامۇنى
  5. كۇڭزى
  6. پائۇل
  7. سەيلۇن
  8. گىيۇتېېنبېرگ
  9. كولومبو
 10. ئېينىشتېيىن
 
11. پاستېر
  12. گالىلى
  13. ئارىستوتېل
 
14. ئېۋكېلد
 15. مۇسا ئەلەيھىسسەلام
  16. دارۋىن
 17. چىنشىخۇاڭ
  18.ئاۋگۇست
 
19. كوپىرنېك
 
20. لاۋازېر
 
21. ئىمپىراتور كونىستانتىن
  22. ۋات  
 23. مىخائىل فارادى
 
24. ماكسىۋېل
  25. مارتىن لۇتېر
  26. گىئورگى ۋاشىنگىتون
 27. كارىل ماركىس
  28. ئاكا-ئۇكا رايت
  29. ئىمپىراتور چىڭگىزخان
 
30. ئادام سىمىت
 31. ئېدۋارد دېۋېر(شىكىسپېر)
  32. جون دالتون
  33. ئىمپىراتور ئالېكساندېر ماكىدونىسكى
  34. ناپالىيون بۇناپارت
  35. توماس ئېدىسون
  36. ئانتونى لىۋىنخوك
  37. ۋىليام مورتون
  38. ماركونى
  39. گىتلېر
  40. پلاتو(ئىلگىرى پىلاتون ياكى ئەپلاتو دەپ ئېلىنغان)
  41. كرومۋېل
  42. ئالىكىساندېر بېل
  43. ئالىكىساندىر فىلىمىنگ
 44. لوك
 45. بېتخوۋېن
  46. ھېيزىنبېرگ
 
47. لۇئېس داگېر
  48. سىمون بولىۋار
 49. دېكارت 
  50. مېكىلانجېلو
 51. ئۇربانII
  52. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
  53. ئاسوكا
  54. ئاۋگۇستىن
  55. ۋىليام خارۋى
 
56. ئېرنېست رېزېرفورد
  57. جون كالۋىن
  58. مېندېل
  59. ماكس فلانك
  60. لىستېر
  61. ئوتتو
  62. پىزاررو
  63. كورتېس
  64. توماس جېففېرسون
  65. ئېزابېللاI
  66. ستالىن
 67. كايزار
  68. ۋىليامI
  69. فرېيد
 70. ئېدۋارد جېننېر
 71. رېنتگېن
 72. باخ
  73. لاۋزى
  74. ۋولتايرې
 75. كېپلېر
 76. فېرمې
  77. ئېيلېر
  78. روسسو
  79. ماكياۋېللى
 
80. مالتوس
  81. جون كىنىندى
  82. پىنكوس
  83. مانى 
  84. لېنىن
  85. سۇيۋېندى
  86. گاما
  87. ئىمپىراتۇر كىرۇس
 88. ئىمپىراتۇر پىتېر
 89. ماۋزېدۇڭ
  90. فرانسىس باكون
 91. فورد
  92. مېڭزى
  93. زوروئاستېر
  94. ئېلزابېتI
  95. گورباچېف
  96. فىرئەۋن مېنېس
  97. ئىمپىراتور چارلېمان
  98. ھومېر
 99. ئىمپىراتور جۇستىنىئان
  100. ماخاۋېرا

    ئالدىنقى قېتىم يۈز مەشھۇر شەخس بولۇپ تاللانغان بەزى شەخسلەر بۇ قېتىمقى تەرتىپكە كىرەلمىگەن. لېكىن بۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە كۆرسەتكەن تەسىرىمۇ ھەرگىز ئالدىنقى يۈز شەخستىن كەم ئەمەس.
  تۆۋەندىكى يۈز مەشھۇر شەخسكە تاللانغان ئەمما كىرەلمەي قالغانلارنىڭ كاندىدات ئىسىملىكى:
يۈز مەشھۇر شەخس نىڭ كاندىدات تىزىملىكى
100. ئاكۋىنا
100.ئارخېمىد
100. بابىچ
100. كۇفۇ
100. كيۇرى خانىم
100. فرانكىلىن
100. گەندى
100. لىنكولىن
. 100ماگېللان
100. داۋىنچى
100. مارتىن لۇتېر كىن
100. بابىخ روئوس


مۇھىم خەتكۈچلەر :
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2007-6-16 13:56:00 باھا : 0 كۆزىتىش : 206
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证