ئۆتكەن يىلى قۇربان ھېيىتنىڭ مەلۇم بىر كۈنى ، يېڭىلا ھازىدار بولغان خاسىيەتنىڭ ئۆيىگە مەرھۇم ئېرىنىڭ « دوست » لىرى مېھمان بولۇپ كەلدى .
_ قانداقراق تۇرۋاتىسىز ؟ غازى تۈگەپ كەتكەندە پەتىلەپ كېلەلمىدۇق ، ھېيىت باھانىسىدا يوقلاپ كەلدۇق - دېدى ئەر .
_ سىلەرگىمۇ ئايان ، غازى بىلەن توي قىلىپلا خىزمىتىمنى تاشلىۋېتىپتىكەنمەن ، مانا ھازىر.... - دېگىنىچە يىغىلىدى خاسىيەت .
_ ئەگەر خالىسىڭىز ، سىزگە ياردەم قولىمىزنى سۇنىمىز. گەپنى ئوچۇقلا دېسەك ، قولىمىزدا خىروئىن بار ئىدى ، خېرىدار تاپالامسىز ؟ چوڭراق خېرىدار تاپالىسڭىز ، نەچچە ئايلىق خىراجىتىڭىز چىقىپلا قالماي ، مۇكاپات ئۈچۈن بىر قانچە ئورام تاماكىدا چاتاق يوق جۇمۇ - دېدى ئايال .
_ باشقىلارنى ياللاپ ئىشلەتسەك تامامەن بولاتتى ، سىلەر بىلەن ئېلىم - بېرىم قىلىۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى . دوستىمىزنىڭ ئايالىنىڭ بېشىغا كۈن چۈشسە ياردەم قىلمىساق بولماس ، - دەپ گەپ قىستۇردى ئەر .
مېھمانلار ئۇزىدى ، خاسىيەتنىڭ كاللىسى « ماقۇل دەيمۇ ياكى ياق ؟ » دېگەن سۇئاللار بىلەن تولدى . نەچچە يىل مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغان ئېرىنىڭ تېخى 40 ياشنىڭمۇ قارىسىنى ئالماي ئاشۇ قارا يەرگە كىرىپ كېتىشنىڭ سەۋەبى نىجىس خېروئىن ئەمەسمۇ ؟ شۇ ۋاقىتتا خىروئىن ساتىدىغانلارنى ساقچىغا مەلۇم قىلمايدىغان بولسام خەپ ، دەپ ئۆزىگە قەسەم بەرمىگەنمىدى ؟ مانا ئەمدى ئۇنىڭ كەللىسىدا سەل داۋالغۇش بولۇۋاتاتتى. سەۋەبى ئۆزىمۇ ئانچە - مۇنچە خېروئىن ئېلىپ چېكىپ قوياتتى . ئۇ : « يېتەرلىك پۇل غەملىۋالغاندىن كېيىن ئىككىنچى بۇ ئىشلارغا ئارىلىشىپ يۈرمەيمەن ، مۇشۇ ئەڭ ئاخىرىقى قېتىملىقى » دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئۇلارغا ياردەملىشىش نىيتىگە كەلدى .
ئارىدىن ئون نەچچە كۈن ئۆتتى . خاسىيەت چوڭ بىر خېرىدارغا ئۇچراپ قالدى . بىر كۈنى خېرىدار خاسىيەتنى ئالدىرىتىپ تېلېفۇن قىلدى .
_ يېنىڭزدا قانچىلىك مال بار ؟- دەپ سورىدى خېرىدار .
_ 20 تال ، - دېدى خاسىيەت .
_ قاچان كۆرۈشىمىز ؟ تېزرەك بولساق بولاتتى . 20 تال تاماكىدىن جىق بولسىمۇ ئالغۇچىلىكىم بار ، - دېدى خېرىدار .
شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەلۇم ئائىلىكلەر رايونىنىڭ ئارقا دەرۋازىسىدا سودىلىشىپ يۈرىدىغان بولۇشتى .
بۇ يىل 1- ئاينىڭ 9- كۈنى كەچ سائەت يەتتە ئەتراپىدا خاسىيەت مالنى ئېلىپ خېرىدار بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن خېرىدارنىڭ پىكاپىغا چىقتى -دە ، ئۆزى خېروئىن بىلەن ئېلىپ كەلگەن ئېلىكترونلۇق تارازىدا جىڭلىۋىدى ، 20.3 گىرام چىقتى . ئۇلار خېروئىننىڭ گىرامىنى 600 يۈەندىن پۈتۈشۈۋاتقان چاغدا ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشتى . خاسىيەت تېخى بايىلا : « نېمانداق تەلەيلىكمەن ، ئاسانلا نەچچە يۈز يۈەننىڭ ئىگىسى بولۇپ قالدىغان بولدۇم ، پۇلنى قولۇمغا ئالساملا ئوغلۇمغا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىمەن ، نەچچە ئايدىن بۇيان ياخشىراق غىزالىنىپ باقماپتىكەنمەن ، بالامنى قايسى تاماقخانىلارغا ئاپارسام بولار ؟ ھە راست ، خۇمارىم بېسىلغۇدەك تاماكا چەكمىگىلى خېلى كۈنلەر بولدى . ئالدى بىلەن تاماكا ئالاي » دېگەنلەرنى ئويلىغانىدى .
ئەسلىدە ساقچىلار بۇ سودىنىڭ ئۇچۇرىدىن ئاللىبۇرۇن خەۋەردار بولۇپ شۇ كۈنى ئەتىگەنىدىلا نەق مەيداننى كونترول قىلپ بولغانىدى . جىنايەت گۇماندارى خاسىيەت ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شمىگۇ رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن زەھەر سېتىش جىنايىتى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلدى .
بۇ يىل 3- ئاينىڭ 19- كۈنى شىمىگو رايونلۇق خەلىق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايەت گۇمداندارى خاسىيەتنى زەھەر ئېلىپ سېتىش جىنايىتى بىلەن شىمىگو رايونلۇق خەلىق سوت مەھكىمىسى ئەيىبلىدى . 4- ئاينىڭ 20- كۈنى شىمىگۇ رايونلۇق خەلىق سوت مەھكىمسى ئوچۇق سوت ئېچىپ ، خاسىيەتنىڭ زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ - سېتىش جىنايتىگە مۇددەتلىك توققۇز يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ ، 5000 يۈەن شىتراپ قويدى .
( كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى ) قانۇنچىلىق گېزىتىدىن