تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› جەمئيەت ›› شىركەتلەر ›› مىكروسوفت شىركىتى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    siddiq
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 2
    siddiq@qq.com

    يازما سانى : 0
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    مىكروسوفت شىركىتى

       مىكروسوفت شىركىتى

       مىكروسوفت شىركىتى1981-يىلى زادىلا سۈرەت شەكلى بولمىغان، مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش ئىنتايىن قۇلايسىز Microsoft DOS1.0 نى بازارغا سالدى. ئەينى ۋاقتىدا ئالما شىركىتى بازارغا سالغان مەشغۇلات  سىستېمىسى Macintosh سۈرەت شەكلى بىلەن باشقۇرۇلىدىغان كۆزنەك بۇلۇپ، DOS بۇيرۇقلىرى بىلەن باشقۇرۇلىدىغان مەشغۇلات سىستىېمىسىدىن خېلىلا ئىلغار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مىكروسوفت شىركىتى بارلىق كۈچى بىلەن سۈرەت شەكلى بىلەن باشقۇرۇلىدىغان مەشغۇلات سىستېمىسىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۈچۈن ئاتلاندى.

    بىرىنچى باسقۇچ( 1985-1994)

         Microsoftشىركىتى Windows1.0  نى لايھىلەش ئۈچۈن 55 ئادەم بىر يىل ۋاقىت سەرىپ قىلدى ھەم 1985-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى رەسمىي بازارغا سېلىندى. بازارغا سېلىنىش پارچە باھاسى 100 ئامېرىكا دوللىرى بولدى. 1987-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى Windows2.0 ئىلان قىلىندى. ئۇنىڭ باھاسىمۇ 100 ئامېرىكا دوللىرى بولدى. بۇنىڭدا Windows1.0 دىكى كەمچىللىكلەر تۈزۈتىلگەن بولسىمۇ، بىر قىسىم كۆزنەكلىرى ئالما شىركىتىنىڭ Macintosh مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ ئۇسلۇبىغا ئوخشاپ قالغاچقا، بىر مەيدان سوتتىكى تالاش-تارتىشلارغا سەۋەپ بولدى. ھازىر ئىشلىتىۋاتقان Microsoft word ۋە Microsoft Exel  مۇ تۇنجى قېتىم Windows2.0 دا قوللىنىلدى.

          Windows3.x دىن باشلاپ، Windowsسىستېمىسى ھەقىقى بىر يولغا چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە Microsoft نىڭ بۈگۈنى ئۈچۈن ھۇل سېلىندى. 1990-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى Windows3.0 ئىلان قىلىندى. كومپىيوتىرنىڭ ئىقتىدارىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، Windows نىڭ ئىجرا بۇلۇش سۈرئىتىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى. بۇ ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن تاكى بۈگۈنگە قەدەر يۇقۇرى ئۈستۈنلىكنى ئىگىلەپ تۇردى. Windows3.0 دىن باشلاپ، MS-DOS پىروگىراممىسى مۇستەقىل بىر كۆزنەكتە ئىجرا قىلىنىدىغان بولدى. كۆپلىگەن Windows ئۆلچەملىك سەپلىمىلەر كىرگۈزۈلدى. Microsoft شىركىتى 1992-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى  Windows3.1   نى ئىلان قىلدى. بۇ بىر قەدەر يۇقۇرى ئىشەنچىلىك نۇسخىسى بۇلۇپ، ئاسانلىقچە مەسىلە كۆرۈلمەيتى، كۆپ ۋاستىلىق تېخنكىنىڭ كىرگۈزۈلىشى ئارقىسىدا ئاۋاز بىلەن ھەركەتلىك كۆرنۈشلەرنى قوللايدىغان بولدى. 1992-يىلى Microsoftشىركىتى جۇڭگۈغا كىردى. 1994-يىلى Windows3.2 ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭ مەشغۇلاتىنىڭ قۇلايلىق بۇلۈشى كەڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. Windows مەشغۇلات سىستېمىسى ئاخىرى ئۆزىنىڭ يىمىرىلمەس ئورنىنى تىكلىدى.1992-يىلى بېلگايتىس دۇنيادىكى 1- بايغا ئايلىنىپ دۇنيانى زىلزىلگە سالدى.

    ئىككىنچى باسقۇچ(1995- 2000)

      Windows2.x ياكى  Windows3.x   بولسۇن،  ھەممىسىMS-DOS  ئاساسىدىكى Windows مەشغۇلات سېستىمىسى.  1995-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنىWindows95 ئېلان قىلىندى. بۇ بىرىنچى قېتىملىق يىلنامە بىلەن ئاتالغان Windows ھېساپلىنىدۇ. Windows95 سېستىمىسى 16 ۋە 32 بىتلىق مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلىدىغان سېستما. سغىمچانلىقى 100MB دىن يۇقۇرى قاتتىق دىسكا،16MB لىك ئىچكى ساقلىغۇچ ھەم 480x640 ئېنىقلىقتىكى 256 رەڭلىق كۆرسەتكۈچ كارتا بولسىلا ياخشى خىزمەت قىلىۋىرىدۇ. 1995-يىلىنىڭ ئاخىرى Windows95 Service Release 2  ئېلان قىلىندى. شۇنىڭدىن ئىتبارەن Windows سېستىمىسى 32 بېتلىق ھۆججەت شەكلىنى قوللايدىغان بولدى. ھەم ئۇنىڭغا internet Explorer قۇشۇۋىتىلدى.Microsoft شىركىتىنىڭ مەشغۇلات سېستىمىسغا Internet Explorer نىڭ قۇشۇلىشى ئوخشىمىغان پىكىرلەرنىڭ كىلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولدى. قارشى تۇرغۇچىلارمۇ چىقتى. Windows95 Service Release 2 نىڭ مۇھىملىقىدىن Windows97 دەپمۇ ئاتالدى.

       ھەر قايسى تەرەپلەردىن ئېيىتقاندا Windows95 تارىختىن بۇيانقى ئەڭ مۇۋەپىقىيەتلىك مەشغۇلات سېستىمىسى دەپ قارالماقتا.Windows95 نىڭ ئىلان قىلىنىشى خۇددى شادلىق بايرىمىغىلا ئوخشىدى. داڭلىق ناخشا «star me up» نىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى يۇقۇرى باھادا سېتىۋېلىپ ئىلان مۇزىكىسى قىلىپ ئىشلەتتى. 12 مو كىلىدىغان تەنھەركەت مەيدانىدا چوڭ تىپتىكى ئىلان قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەردى. بۇ خىل تەنتەنىلىك مۇراسىمدا كومپىيوتىرى يوق نۇرغۇن كىشىلەرمۇ ئۆچرەت تۇرۇپ بۇ يۇمشاق دىتالنى سېتىۋالدى. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ھەتتا Windows95 نىڭ نىمە ئىكەنلىگىنىمۇ بىلمەيتى. قىسقىغىنە 4 كۈن ئىچىدە Windows95 نىڭ بىر مىلىيۇن نۇسخىسى سېتىلىپ بولدى.

               يۇقۇرقى نەتىجىلەرنىڭ تۈرۈتكىسىدە 1998-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى Windows98دۇنياغا كەلدى.   Windows98 نىڭ قاچىلىنىش پروگىراممىسى Windows95 دىن كۆپ قۇلايلىق بولدى. ئىچكى ساقلىغۇچقا بولغان تەلەپمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى. باشقۇرۇش پروگراممىسىنىڭ ئىقتىدارى يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى. 1999-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى  Windows98 SE ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭدا ئىلگىركى نۇسخىللىرىدىكى كەمچىلىكلىرى ئۆزگەرتىلدى. internet explorer5 , Windows NetMeeting3, DVD-ROM ,USB قاتارلىقلارنى قوللايدىغان بولدى. Directx6.1 ئۇيۇن ئىقتىدارىنىڭ قۇشۇلىشى Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئەڭ ياخشى ئۇيۇن سۇپىسىغا ئايلاندۇردى.
       ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا Windows98 بىلەن Windows98 SE بىر قەدەر مۇۋەپىقىيەتلىك مەھسۇلات، تاكى بۈگۈنگە قەدەر بىر قىسىم كىشىلەر يەنىلا شۇنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ.
       Windows98 نىڭ ئىككىنچى نۇسخىسى چىققاندىن كېيىن Microsoft شىركىتى ئۈچۈنچى نۇسخسىنى ئېچىش خىزمىتىنى  باشلىۋەتتى. 2000- يىلى 9- ئاينىڭ 14- كۈنى ئىلان قىلىنىپ كېينچە بۇ سېستىما Windows ME دەپ ئاتالدى.
       Windows ME ئاساسەن ئائىلىدە ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلغان. ئۇنۇڭدا ئاساسلىقى بىر قىسىم كۆپ ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دىتاللارنىڭ دەرىجىسى يۇقۇرى كۆتۈرلدى.مەسىلەن: Internet explorer5.5, Windows MediaPlayer7.0 لار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كىچىك ئۇيۇنلار قۇشۇلدى. ئائىلىۋى كىنو ئىشلەيدىغان Movie Maker ۋە تېخى مۇكەممەل بولمىغان سېستىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېخنىكىسى ئىشلىتىلدى.

    ئۈچۈنچى باسقۇچ(2001-2006)

        2001-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى Windows XP ئىلان قىلىندى.Windows XP دا Windows 2000 ئۈستىدىن چوڭ ئوپراتسىيە قىلىندى. ئائىلىلەرگە ئىشلىتىشكە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ پۈتۈنلەي يېڭىچە كۆزنەك لاھىيلەندى. Windows 95 دۇنياغا كەلگەندىن بۇيان مىكروسوفت شىركىتى Windows نىڭ  تاشقى كۆرۈنىشى ئۈچۈن چوڭ تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. مىكروسوفت شىركىتى Windows قا زور تۈركۈمدىكى قاتتىق دىتاللارنىڭ قوزغىتىش پىرگوراممىلىرىنى قوشتى. كۆپلىگەن قاتتىق دىتاللارنى بىۋاستە قوللايدىغان بولدى. ئۇنىڭغا Directx8.0 نىڭ قۇشۇلىشى ئۇيۇنلارنى قوللاش دەرىجىسىنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈردى. لىكىن Windows XP نىڭ دۇنياغا كىلىشىگە سەرىپ قىلغان ۋاقىت بەكلا قىسقا بولغاچقا ھەم ئىچكى تۈزۈلىشى جەھەتتە Windows 2000 دىن چوڭ ئۆزگۈرۈش بولمىغاچقا، بىر قىسىم ۋىروسلارنىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بىرەلمىدى. بۇ مەسىلە 2004-يىلى Windows XP SP2 دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن بىر قەدەر ياخشى بىر تەرەپ قىلندى. 
        گەرچە Windows 95 نى تارقاتقان ۋاقىتتىكىدەك مىلىيۇن كىشىنىڭ تالىشىپ سېتىۋېلىشىدەك ھالەت شەكىللەنمىسىمۇ،   Windows XP نىڭ دۇنياغا كىلىشى چوڭ بىر غەلبە ھېسابلىنىدۇ. Windows XP ئىلان قىلىنىپ بىر نەچچە يىل ئىچىدە ئاستا-ئاستا ئومۇملىشىپ، ھازىرقى بازارنىڭ چولپىنى بۇلۇپ قالدى. ئەڭ يېڭى سىتاستىكا نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە پۈتۈن دۇنيادا 400 مىلىيۇن كىشى كومپىيوتىرغا Windows XP  قاچىلىغان.
          Windows Vista ئەسلىدە 2003- يىلى ئېلان قىلىنىدىغانWindows XP دىن كېيىنكى ئۆتكۈنچى مەشغۇلات سېستىمىسى قىلىپ پىلانلانغان بۇلۇپ، كېيىنچە يېڭى ئىقتىدارنىڭ كەينى-كەينىدىن قۇشۇلۇشى نەتىجىسىدە داۋاملىق كىچىكتۈرۈلگەن. ھەتتا «مەڭگۇ ئىلان قىلىنمايدىغان مەھسۇلات» دەپ ئاتالغان. 2004-يىلى مىكروسوفت شىركىتى پىلانىنى ئۆزگەرتىپ  Windows Vista  نى يېڭىچە بىر مەشغۇلات سىستېمىسى قىلىپ ئىشلەش پىلانىنى تۈزگەن. 2006-يىلى 11-ئايدا Windows Vista RTM نۇسخىسى ئىلان قىلىندى. پارچە سېتىلىش نۇسخىسى 2007- يىلى 1- ئايدا ئېلان قىلىندى.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2007-8-30 14:48:00
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 448
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证