Microsoft (مىكرو يۇمشاق دېتال )شىركىتى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق شەخسلەر كومپىيۇتېرى سېستىما يۇمشاق دېتال ئېچىش شىركىتى بولۇپ، 1975- يىلى 19يېشىدا داڭلىق خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتىدىن چىكىنىپ چىققان، بۈگۈنكى دۇنيادىكى بىرىنچى باي بېلگايتېس(Bill Gates ) ۋە ئۇنىڭ بالىلىق ۋاقتىدىكى يېقىن دوستى پاۋال ئېللېن(Paul Allen)تەرىپىدىن بىرلىكتە قۇرۇلغان. مىكروسوفت شىركىتىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى دەل خۇسۇسى كومپيوتىر تەتقىق قىلىپ چىقىلغان ۋاقىت بولغاچقا، شىركەت شۇ چاغدىكى دۇنياۋى داڭلىق كومپيوتىر شىركىتى IBM نىڭ مەھسۇلاتى ئۈچۈن مەشغۇلات سېستىمىسىغا مۇھتاج ئىكەنلىگىنى بىلگەندىن كېيىن، Patterson Tim شىركىتىنىڭ QDOS مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىۋېلىپ، نامىنىMicrosoft DOS(مىكروسوفت دىسكا بىلەن مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش سىستېمىسى) قىلىپ ئۆزگەرتكەن ۋە ئۇنىڭغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ئاخىردا 1981- يىلى IBM شىركىتى ئارقىلىق بازارغا يۈزلەندۈرگەن. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇچقاندەك تەرەققىيات جەريانىدا مىكروسوفت شىركىتى بېلگايتىس بىلەن بىرلىكتە تونۇلۇپ ۋە تەرەققى قىلىپ ماڭغان. شىركەتنىڭ 45% پايچېكىنى كونتىرول قىلىپ تۇرغان بېلگايتېس 1997-يىلىدىن بۇيان 50مىليارت دوللارلىق مۈلكى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ باي شەخسلىك ئورنىنى ساقلاپ كېلىش بىلەن بىرگە، ھازىرغىچە ساخاۋەت قىلغان پۇلىمۇ 50مىلىيارت دوللاردىن ئاشقان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ساخاۋەتچى سانىلىپ كەلمەكتە.
ھازىر مىكروسوفت شىركىتىنىڭ 102 دۆلەتتە 72مىڭ خىزمەتچىسى بار، مەبلىغى ئۇنچە كۆپ بولمىسىمۇ 2006-يىلى دۇنياۋى 500كۈچلۈك شىركەت ئىچىدە پايدا سوممىسى 10-ئورۇنغا تۇردى.
مىكروسوفت شىركىتىنىڭ باش شىتابى ئامېرىكا ۋاشىڭتون شىتاتىنىڭ سېئاتىل شەھرىگە قاراشلىق رېدموند شەھرىدە.
مىكروسوفت شىركىتىنىڭ تور بېتى: http://www.microsoft.com/.
شىركەت بەلگىسى: