تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   ئىنىسكىلوپېدىيە ›› جاھاننامە ›› دۆلەت ۋە رايونلار ›› قاراخانىلار خانلىقى(1212-840)
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
قاراخانىلار خانلىقى(1212-840)
TarimDadxah
يولۇچى
دەرىجىسى : 6
جۇغلانما نۇمۇر : 54
erkal@126.com

يازما سانى : 38
باھا يازما سانى : 0
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق
  

   ئالدى  بىلەن ئورخۇندىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېزىلگەن قىرغىز خەلقىدىن ئەپۇ  سورىغاچ  ھەم ئۇلارنىڭ ئىسيانىغا  ھەمدۇ - سانا ئوقۇغاچ  مەنمۇ بۇ ھەقتە كۆرگەن  ماتېرىياللىرىمغا  ئاساسەن ئۆزۈمگە  بىلىم  قىلىپ  ئۆزلەشرۈرگەنلىرىمنى دەپ  باقسام  قانداق ؟  ئىنكاسىمنىڭ بىسمىللاھسىدىكى غەلىتە  سۆزلىرىمگە تۈگەنچىسىدە ئىزاھ بېرەي !

    قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ زېمىنى  بۈگۈنكى يۇرتىمىز ھەم يەتتەسۇدىن تاكى ھىندىقۇشقىچە يەنى سامانىيلار پاسىلىغىچە بولغان جايلار بولۇپ، دۆلەتنىڭ  ئاساسىنى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ئابدۇلكەرىمنىڭ بوۋىسى بىلگە كۆل قادىرخان ئانھەزرەتنىڭ سالغانلىقى تارىخچىلار تەرىپىدىن ئېنىقلانغان. بۇ دۆلەتنىڭ ئاساسى 870-يىلى سېلىنغان، 10-يۈزيىلنىڭ 30-يىللىرىدا ساتۇق بۇغراخان تەرىپىدىن ئىسلام تۇغى ئاستىغا ھېمايىلەنگەن. بۇ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك تەركىبىگە تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدىكى تارىم ۋادىسىنىڭ تۈركلىشىۋاتقان ئەسلىي دېھقان ئاھالىلىرى ۋە يەنە كۆچمەن چارۋىچى تۈركىي خەلقلەر ياشىغان ئۆلكىلەرمۇ ئاۋام بولۇپ كىرگەن. مۇشۇنداق بولغاچقا ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي تۇرمۇشىمۇ پەرقلىق ئىدى. بۇ دۆلەت توققۇزئوغۇزلارنىڭ ( ئۇيغۇرنىڭ ) ياغما قەبىلىسىگە مەنسۇب ئىدى. ياغمىلار دەسلەپتە ئىلى ۋە تالاس ۋادىلىرىدا ياشايتتى ھەم  ئۆز ھۆكۈمرانىنى «بۇغراخان» ئۇنۋانىدا ئاتايتتى ( مەھمۇد كاشىغەرى تەمىنلىگەن مەنبە ) . 10-يۈزيىلنىڭ دەسلىپىدىكى بىرنەچچە يىلدا  بۇ قەبىلە ئۆزى تۇرۇشلۇق ۋادىلاردىن كېڭىيىپ يەتتەسۇنىڭ سەل جەنۇبىغىراق سۈرۈلۈپ نارىن دەرياسى ئەتراپىنى ، تېخىمۇ كۈچىيىپ كاشىغەرىيەنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى ئىلكىگە ئالدى. ساتۇق بۇغراخان دەۋرىگە قەدەر ياغمىلار ( ئەلۋەتتە ساتۇق بۇغراخان بۇ قەبىلىنىڭ ھۆكۈمرانى ) كۈچىيىپ چۇ دەرياسى ۋادىلىرىنىمۇ  ئىشغالىيىتىگە ئېلىپ بولدى. 10-يۈزيىلنىڭ 30-يىللىرىدا ئىسلام تۇغى قادالغان بۇ دۆلەت زېمىنىدا ناھايىتى دەھشەتلىك ئۇرۇشلارغا تەييارلىق كۆرۈلۈپ، غازاتنىڭ كۈچى ئۆزىنى كۆرسەتتى. 

    بۇ دۆلەت 10-يۈزيىلنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە قارلۇق، چىگىل،تۈركەش (توقسى ۋە ئاز قەبىلىلىرى )لەرنى بويسۇندۇرۇپ، كۈنپېتىشتا بۇخارانىڭ غەرب تەرىپىدىكى سامانىيلار پاسىلىدىن كۈن چىقىشتا تاكى ئىدۇققۇت بۈيۈك ئۇيغۇر ئېلىگە قەدەر زېمىننى، شىمالدا بالقاش كۆلى، جەنۇبتا خوتەنگىچە بولغان يەرلەرنى تەسەررۇپىغا ئېلىپ قاغانلىق دار سەلتەنەتىنى ئىلكىدە تۇتتى. مانا مۇشۇ زېمىن قاراخانىيلارنىڭ مەركەزلەشكەن ھاكىمىيىتىگە تەركىب بولۇپ، قۇدرەتلىك ۋە جەڭگىۋار بىر ئەلنى  ئاسىيانىڭ مەركىزىدە قەد كۆتەرگۈزدى. رۇسىيە ۋە سوۋېتنىڭ ئۇيغۇرغا كۆز تىككەن ئاتالمىش ئالىملىرى بۈيۈك تۈرك بىرلىكىدىن ئەنسىرەپ تۈرلۈك قاراشلار بوىچە تەتقىق قىلىپ باقتى. يات ئەل ئالىملىرى ھەرىىل قاراشتا بولۇپ، بەزىلىرى قاراخانىيلار ئېلىنى توققۇزئوغۇزلارنىڭ، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ياغما  قەبىلىسىدىن كېلىپ چىققان قەۋمگە تەۋە ، دېسە، ف.گرېنارد، ئو.پرىتساكلار ئومۇمەن ناھايىتى ئۇيغۇر ئىتتىپاقىغا بويسۇنۇپ كىرگەن ئاجىز بىر قەبىلە بولغان قارلۇقلارغا تەۋە ئىدى، دەيدۇ. س س س ر ئۆزبېك ئالىمى س.م.مۇتەللىپوۋ بولسا بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ تىلىدىن مەنبە بېرىلگىنى بويىچە قارلۇقلار ئىككىنچى دەرىجىدە تۇرىدىغان ئاجىز بىر قەبىلە ئىدى، قاراخانىيلارنى تەشكىل قىلىپ ھۆكۈمران بولالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى، دەيدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ دۆلەتنىڭ پادشاھىنىڭ قايسى نامدا ئاتىلىشى ھەممىدىن مۇھىم.

     يەنى ياغمىلار «بۇغراخان»ئۇنۋانىدا  بولغانىكەن، ئۇنداقتا بۇ ئەلنىڭ ياغمىلار ھامىيلىقىدىكى دۆلەت ئىكەنلىكى، ياغمىلارنىڭ ھۆكۈمرانلاردىن ئىكەنلىكى  ناھايىتى ئەقىلگە مۇۋاپىق. قارلۇقلارغا  كەلسەك، بۇ قەبىلە  تارىختا ئۇيغۇرغا بېقىنىپ سىڭىشىپ بولغانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇر بىلەن قارلۇق ئەزەلىي بىر-بىرى بىلەن  ئايرىلالمايدىغان ناھايىتى يېقىن قېرىنداش قەبىلە. ئۇيغۇرلارنىڭ 766-يىلىدىكى بىر قېتىملىق زۇلمى تۈپەيلىدىن قارلۇقلار ئوردۇبالىخ يەنى قارابالغاسۇن ۋە ئالتايلاردىن ئايرىلىپ، ئۇيغۇرلاردىن كۆڭلى ئاغرىپ يەتتەسۇغا  كەلگەن. دېمەك بۇ قەبىلە ئۇيغۇرنىڭ قاغان جەمەتىدىن بالدۇرراق يەتتەسۇغا كەلگەنلا  يېرى بار. بۇ دېگەنلىك يەتتەسۇ ۋادىسىدا قارلۇقتىن باشقا  ئۇيغۇر يوق ئىدى، دېگەنلىك ئەمەس. يەنە ھەم قارلۇقلار پۈتۈنلەي قاغانلىق مەركىزىدىن  ئايرىلىپ ئۇيغۇر بىلەن ئادا-جۇدا بولۇپ كەتتى ، دېگەنلىكمۇ ئەمەس، قاغانلىق مەركىزىدە قالغان قارلۇقلار «شەرقىي قارلۇقلار»بولۇپ ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە  ياشاۋەرگەن ھەم ئۇيغۇرنىڭ ئېتنىك تەركىبىنى تەشكىل قىلىپ كەلگەن. ئەمەلىيەتتە قارلۇقلارنىڭ ھاكىمىيەتتىكى ھوقۇق ھېكى ئۇيغۇرلار بىلەن باراۋەر ئىدى. مانا مۇشۇ شەرقىي قارلۇقلار سەل كېيىنرەك يەنى 9-يۈزيىلدا گەنجۇ ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلىنى  تەشكىل قىلىشقا  قاتناشقان. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم ئېتنىك تەركىبىنى تەشكىل قىلغۇچى غەربىي قارلۇقلار بولسا قاغانلىق ھوقۇق مەركىزىدىن يىراقتىكى غەربتە تۈركەشلەرنىڭ ئاستانىسى بولمىش سۈيئاب شەھرى ( توخماق يەنى ئىلگىرىكى بالاساغۇن ) نى  ئىلكىگە ئالدى ھەم ھۆكۈمرانىنى يابغۇ ( قانداقتۇ قىپچاق لەھجىسىدىكى جابغۇ ئەمەس ) دەپ ئاتاپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، ئۆزلىرىنى ئورخۇن ئۇيغۇر جاھانگىرلىكىگە بېقىندى ئەل، دەپ ئېتراپ قىلىپ كەلگەن ( قانداقتۇ بۆلگۈنچىلىك قىلىپ باشقا بىر ھاكىمىيەت  ئاستىدىكى دۆلەت قۇرمىغان ) ، بۇ قارىشىمىزنى ئۇيغۇر ئاستانىسى 840-يىلى ئاسىي ئازغۇنلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىغان قىرغىزلارنى توپلاپ ئىسيان كۆتۈرۈشى بىلەن قاغانلىق تەقدىرى تۇتۇقلاشقاندا قاغانلىق رەھبەرلىرى  ئاستانە ئىستەپ غەربكە سىلجىپ جەنۇبىي تەڭرىتاغ ۋە كۆكئارتنىڭ تەسكىيىگە كېلىپ چېدىر تىككىشكە كەلگەندە غەربىي قارلۇق بۇ قېرىنداشلىرىنى غۇلاچ ئېچىپ قارىشى ئېلىپ بەيئەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مانا بۇ ئۇيغۇرلار ( قارلۇقلارمۇ ھەم ،  ياغما ،چىگىللەرمۇ ھەم ) غەربىي كۆكئارت ئۇيغۇرلىرى ، دەپ ئاتالدى. مانا مۇشۇ ئۇيغۇرلار قارلۇقلارنىڭ يەرلىك مەمۇرىيىتىنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، قاغانلىق ھۇلىنى سالدى ( بىز دەۋاتقان 870-يىلى).قاراخانىيلارنىڭ ئاساسى مانا شۇنداق تىكلەندى. دېمەك بۇ يەردە قاراخانىيلارنى تۈرلۈك قەۋملەردىن چىققانلار قۇرغان، دەپ بىلجىرلاشلارغا ئورۇن يوق. قارلۇق يەرلىك ھاكىمىيىتىنىڭ ئورنىغا دەسسىگەن مەركىزىي ھاكىمىيەت ئەمەلىيەتتە قاراخانىيلار ئېلىنىڭ ئۇلى بولغان، دەرۋەقە بۇنىڭغا قارلۇقلار ئەڭ زور تۆھپىنى قوشقان. قارلۇقلارنى قاراخانىيلار ھاكىمىيىتىدىكى ئاجىز كۈچ، دېيىشىمىزنىڭ ئاساسى مانا مۇشۇ يەردە.

شۇ كەملەردە ئۇيغۇرلار ( توققۇزئوغۇزلار)نىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى مانى روھانىيلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە ( ئۇيغۇر مانى روھانىيلىرى) بولغاچقا مانىخەيزم ھۆكۈمران ئەقىدە ئىدى. (كەچ كىرىپ كەتتى، بايانىم تېخى تۈگىمىدى ، قالغىنى ئەتىگە قالدى)!


مۇھىم خەتكۈچلەر : قاراخانىي
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2008-1-27 23:56:00 باھا : 0 كۆزىتىش : 87
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证